ئوسلودا ئۇيغۇرلار جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلىدى

15 - نويابىر كۈنى نورۋېگىيىنىڭ پايتەختى ئوسلو شەھىرىدە نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئىككى جۇمھۇرىيەت كۈنى يەنە بىر قېتىم داغدۇغىلىق خاتىرىلەندى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﻳﮕﯜﻝ ﻳﯜﺳﯜﭖ
2008.11.17

پائالىيەتكە پايتەخت ئوسلو ۋە ئەتراپتىكى شەھەرلەردىن بولۇپ 70 كە يېقىن كىشى قاتناشتى.

تەبرىكلەش پائالىيىتى باشلانغاندا كومىتېت مەسئۇللىرى ئۇيغۇر تارىخىدا قۇرۇلغان بارلىق مۇستەقىل دۆلەتلەرنى ساناپ ئۆتۈپ ئۇلارنىڭ قىسقىچە تارىخىنى بىلدۈرۈپ ئۆتكەندىن كېيىن،شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇش سەۋەبلىرى،ئۇيغۇر تارىخىدا تۇتقان پەخىرلىك ئورنى،شۇنداقلا بۇ جۇمھۇرىيەتنى قۇرغۇچىلارنىڭ شانلىق ھاياتى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى.

ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلال مارشى دىكلاماتسىيە قىلىنىپ، مارش مۇزىكىسى قويۇلغاندا مەيدان ئىچى بىردىنلا ھاياجانلىق كەيپىياتقا چۆمۈلۈپ پائالىيەتكە قاتناشقۇچىلار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ ھۆرمەت بىلدۈرۈشتى.

مەزكۇر پائالىيەتتە يەنە، نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى تەرىپىدىن ئىشلەنگەن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى فىلىم بىلەن تۈركىيىدە ئىشلەنگەن مەرھۇم ئىنقىلابچى بارات ھاجى ھەققىدىكى مەخسۇس فىلىم قويۇلغاندا جامائەت ھاياجانلىق كۆز ياشلىرىنى تۆكۈشتى. فىلىم قويۇلۇپ بولغاندا بارلىق شېھىتلارنىڭ روھىغا ئاتاپ خەتمە قۇرئان قىلىندى.
بۇنىڭدىن باشقا، كومىتېتنىڭ يېڭىدىن ياسالغان تور بىتى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلۇپ تور بىتى قۇرغۇچىلاردىن پەرھات ياقۇپ ئەپەندى بىلەن ئادىلجان مەنىۋى جەھەتتىن رىغبەتلەندۇرۇلۇپ ئۇلار ئۈچۈن ئالقىش ياڭرىتىلدى.

پائالىيەت جەريانىدا مېھمانلار خانىملار تەرىپىدىن تەييارلانغان مول ۋە ھەر تۈرلۈك ئۇيغۇرچە تائاملارغا ئېغىز تەگدى. پاتىمە خانىم بۈگۈنكى پائالىيەت ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى.

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ باش تەپتىشى نىغمەت ھاجىم ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى ھەققىدە مۇنۇلارنى ئىپادىلەپ ئۆتتى.

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ مەسلىھەتچىسى ئۆمەرجان ئاكا بۈگۈنكى پائالىيەت ھەققىدىكى ھاياجانلىرىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى.

4 سائەتكە يېقىن داۋاملاشقان خاتىرىلەش پائالىيىتى ھاياجانلىق كەيپىيات ئىچىدە كەچ سائەت يەتتىگە يېقىن نەتىجىلىك ئاخىرلاشتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.