قازاقىستاندىكى تۇنجى ئۇيغۇر پەيلاسوپ مەرھۇم نۇرمۇھەممەت ئايۇپوف خاتىرىلەندى

يېقىندا ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ قارغالى يېزىسىدا قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ئىچىدىن چىققان تۇنجى پەلسەپە پەنلىرىنىڭ دوكتورى، پروفېسسور نۇرمۇھەممەت غىلاجدىن ئوغلى ئايۇپوفنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

ئۇنىڭدا سۆزگە چىققان ئالىملار، مەرھۇمنىڭ كەسىپداشلىرى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئۇنىڭ ئىلمىي-پېداگوگىكىلىق پائالىيەتلىرى ۋە ئىنسانىي پەزىلەتلىرى ھەققىدە توختالدى.

1955-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن ن. ئايۇپوف 1981-يىلى كىروف نامىدىكى قازاق دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىزىكا-ماتېماتىكا فاكولتېتىنى ئەلا تاماملاپ، ئۆزى ئوقۇغان ئالماتا شەھىرىدىكى 122-ئوتتۇرا مەكتەپتە مۇئەللىم، ئاندىن ئۇزۇن يىللار مۇدىر بولۇپ خىزمەت قىلغان. 1992-يىلدىن باشلاپ، ئۇ، ئاباي نامىدىكى قازاق دۆلەت پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ پەلسەپە ۋە ئىلىم-پەن مېتودولوگىيە بۆلۈمىدە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن.

ن.ئايۇپوف 1996-يىلى "قەدىمىي تۈركىي خەلقلەرنىڭ دىنىي تەرتىپى" ناملىق نامزاتلىق، 2006-يىلى بولسا "تەڭرىچىلىك ئوچۇق دۇنيا تونۇش سۈپىتىدە" ناملىق دوكتورلۇق ئىلمىي تەتقىقاتلىرىنى ئۇتۇقلۇق يېزىپ چىقىپ، قازاقىستان ۋە چەت ئەللەردە ئىسمى تونۇلغان ئالىم دەرىجىسىگە ئېرىشىدۇ. ئۇ ئۆز تەتقىقاتلىرىدا قەدىمىي تۈركىي خەلقلەرنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا تونۇشىنى پەلسەپىۋى نۇقتىئىنەزەردىن ئۆگەنگەن، شۇنداقلا ئانتروپولوگىيە، مەدەنىيەت پەلسەپىسى، دىنشۇناسلىق، ئىجتىمائىي پەلسەپە، ئىلىم-پەن پەلسەپىسى، تارىخ ۋە باشقا ساھەلەر بويىچە كۆپلىگەن ئىلمىي ئەمگەكلەرنى ئېلان قىلغان.

ن.ئايۇپوف 1996-2007-يىللار ئارىلىقىدا ئاباي نامىدىكى قازاق مىللىي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى يېنىدىكى پەلسەپە پەنلىرى بويىچە دوكتورلۇق تەتقىقاتلىرىنى ھىمايە قىلىش كېڭىشىنىڭ ئىلمىي كاتىپى، ئاندىن ئۇنىڭ رەئىسىنىڭ مۇئاۋىنى، مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېت يېنىدىكى خەلقئارالىق "ئاغا خان" فوندىنىڭ رەھبىرى، بىلىم ۋە پەن مىنىستىرلىقىنىڭ ئاساسىي تەتقىقاتلار بويىچە مۇتەخەسسىسى ۋەزىپىلىرىنى ئۆتىگەن. ئالىم ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش جەريانىدا كۆپلىگەن ئىلمىي كادىرلارنى يېتىشتۈرگەن.

ھاياتىنىڭ ئاخىرقى ۋاقىتلىرىدا ن.ئايۇپوف ئۇيغۇرلارنىڭ ھەم باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ تارىخىغا، مەدەنىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىلمىي پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇش ئىشلىرىغا پائال ئارىلىشىپ كەلگەن. ئۇ 2010-يىلى 19-دېكابىر كۈنى 55 يېشىدا تۇيۇقسىز ئالەمدىن ئۆتكەن.

ن. ئايۇپوفنىڭ كەسپىي ئالاھىدىلىكلىرى، تەشكىللەش قابىلىيەتلىرى يېقىن ۋە يىراق چەت مەملىكەت ئالىملىرىنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ ئىش ئورنىغا مۇشۇ كۈنگىچە كېلىۋاتقان تەزىيە خەۋەرلىرى بۇنىڭ يارقىن ئىسپاتى بولماقتا.

ساخا (ياكۇتستان) جۇمھۇرىيىتى "ئولونخو" بىرلەشمىسىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى ئېلېنا فېدوروۋا مەرھۇمنىڭ تەڭرىچىلىك تەتقىقاتى بويىچە كەسىپداشلىرىنىڭ ھەقىقىي مەنىدىكى دوستى ۋە ئىشەنچلىك مەسلىھەتچىسى، موڭغۇلىيە، ساخا ۋە توۋا جۇمھۇرىيەتلىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن تەڭرىچىلىك مەسىلىلىرىگە بېغىشلانغان ئىلمىي ئەنجۇمانلارنىڭ ئىدىيىۋى ئىلھامچىسى بولغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: "مەرھۇم بۇ يىل يازدا توۋا جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى قىزىل شەھىرىدە "تەڭرىچىلىك ۋە ياۋروئاسىيا خەلقلىرىنىڭ ئېپوسلۇق مىراسى " باشلانغۇچ دەۋر ۋە زامانىۋىيلىك" ماۋزۇسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 3-خەلقئارالىق ئەنجۇمانغا قىزغىن ۋە جىددىي تەييارلىق كۆرۈۋاتاتتى. ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە، ھەتتا ئەنجۇمان ئىشىنىڭ ئاساسىي يۆنىلىشىنى بەلگىلەپ ئۈلگۈرگەن ئىدى. بىز گەپ قىلىۋاتقان بۇ ئىلمىي چارە-تەدبىرنىڭ تۇۋادا ئۆتكۈزۈلۈشىنىڭ تەشەببۇسكارىمۇ نەق شۇ نۇرمۇھەممەت ئايۇپوف بولغان. چۈنكى، تۇۋانى ھەم بۇ زېمىندىكى قەدىمىي ئۇيغۇر قەلئەلىرىنى زىيارەت قىلىپ، مىراسگاھلار ھەم كىتابخانىلاردىكى بىباھا خەزىنىلەر بىلەن تونۇشۇش - ئۇنىڭ بۈيۈك ئارمانلىرىنىڭ بىرى ئىدى."

ئەمدى، توۋا ئۇنىۋېرسىتېتى پەلسەپە بۆلۈمىنىڭ پروفېسسورى نىكولاي ئابايېف ن. ئايۇپوفنى ئەسلەپ مۇنداق دەپ يازغان: "مەرھۇم ئۆز خەلقىنىڭ تەقدىرىگە بەك ئېچىنىدىغان، مىللەتپەرۋەر ئىنسانلاردىن ئىدى. ئۇنىڭ ئالەمدىن ئۆتۈشى پەقەت بىز ئۈچۈنلا ئەمەس، پۈتكۈل تۈرك ئىلمى ھەم مەدەنىيىتى ئۈچۈنمۇ ئورنى تولماس جۇدالىقتۇر".

ئالماتا شەھىرى بوستانلىق ناھىيىلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى مەخپىروف كارلىن ئەپەندى 2009-يىلى ئالماتا شەھىرىدە ئۆتكەن "تۈرك دۇنياسىنىڭ مۇھىم مەسىلىلىرى" ناملىق خەلقئارالىق ئىلمىي-ئەمەلىي ئەنجۇماننى ئۇيۇشتۇرۇشقا، ئايۇپوفنىڭ ئالاھىدە كۈچ چىقارغانلىقىنى تەكىتلىگەن.