پرېزىدېنت باراك ئوباما ژۇرنالىست Daniel Pearl غا بېغىشلانغان مەتبۇئات ئەركىنلىكى قانۇنىنى ئىمزالىدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2010.05.20
2010.05.20
www.whitehouse.gov ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.
پرېزىدېنت ئوباما ئىمزالىغان بۇ قانۇندا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى مەتبۇئات ئەركىنلىكى ۋەزىيىتىنى مۇنتىزىم ھالدا كۆزىتىپ تۇرىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
ئاممىۋى ئاخبارات ۋاستىلىرىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان ياكى بۇنىڭغا ئەھمىيەت بەرمەيۋاتقان دۆلەتلەر قايسى؟ ژۇرنالىستلارنى ھىمايە قىلىش چارىلىرى قانداق ئىجرا قىلىنماقتا ؟ مۇخبىرلارغا ھۇجۇم قىلغان ياكى ئۆلتۈرگەن جىنايەتچىلەر تېگىشلىك جازاغا تارتىلدىمۇ؟ دېگەندەك ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ قانۇندا، بارلىق ژۇرنالىستلارنى قوغداشنى مەقسەت قىلغان چارە - تەدبىرلەر قەيت قىلىنغان.
پرېزىدېنت ئوباما مەزكۇر قانۇننىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ ناھايىتى قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئوباما يەنە ئامېرىكىنىڭ، قەلەم ئەھلىلىرىنى، ھاياتىنىڭ خېيىم - خەتەرگە ئۇچرۇشىغا قارىماي خىزمەت كۆرسەتكەن ژۇرنالىستلارنى ئۆز پاناھىغا ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكىدىكى نوپۇزلۇق "ۋالسترىت ژورنىلى" نىڭ مۇخبىرى بۇنىڭدىن 8 يىل بۇرۇن پاكىستاندىكى تېررورچىلار تەرىپىدىن ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلگەن بولۇپ، تېررورچىلار ئۇنى ئۆلتۈرۈش جەريانىنى سىنئالغۇغا ئېلىپ، پاكىستاندىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا ئەۋەتىپ بەرگەن. شۇ چاغدا مەزكۇر ۋەقە پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغىغان بىر ۋەقەگە ئايلانغان ئىدى.
مەزكۇر قانۇن،2002 - يىلى پاكىستاندا گۆرۈگە ئېلىنىپ قەتلى قىلىنغان ئامېرىكىلىق ژۇرنالىست، " ۋالسترېت ژورنىلى" نىڭ مۇخبىرى Daniel Pearl شەرىپىگە تۈزۈلگەن بولۇپ، قانۇنغا ئىمزا قويۇش مۇراسىمىغا، Daniel Perlning ئاتا - ئانىسى، ئايالى ھەمدە Daniel ئۆلتۈرۈلۈپ ئۈچ ئايدىن كېيىن دۇنياغا كەلگەن يالغۇز ئوغلى قاتناشقان.
18 - ماي كۈنى كۈچگە ئىگە قىلىنغان بۇ قانۇن، مانا شۇ Daniel Perl نىڭ نامىغا بېغىشلانغان.
پرېزىدېنت ئوباما، "دانىېل پېرىلنىڭ ئۆلۈمى بىزگە ساۋاق بولۇشى كېرەك. مەتبۇئات ئەركىنلىكى ناھايىتى نازۇك ۋە مۇھىم بىر مەسىلە، بىز مەتبۇئات ئەركىنلىكىنى بوغۇۋاتقان دۆلەتلەرنى دىققەت بىلەن كۆزىتىۋاتىمىز" دەپ تەكىتلىدى.
پېشقەدەم ئاخباراتچى پەرھات مۇھەممىدى مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاممىۋى ئاخبارات ۋاستىلىرىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان سىياسەتلىرى ھەققىدە توختالدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.