نۆۋەتتە ئۇ كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ كېلەر يىلى ۋەزىپىگە ئولتۇرغان ھامان لاگىرنى تاقاش ھەققىدىكى چاقىرىقىغا دۇچ كەلمەكتە. ئوبامانىڭ ياردەمچىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇلار لاگىرنى تاقاش، لاگىردىكى تۇتقۇنلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنىڭ پىلانىنى قۇرماقتا ئىكەن.
4 - نويابىردىكى سايلامدا ئامېرىكا پرېزىدېنتلىقىغا سايلانغان دېموكراتلار نامزاتى باراك ئوباما ۋەزىپىگە ئولتۇرغان ھامان دۇچ كېلىدىغان ئەڭ نازۇك مەسىلىلەرنىڭ بىرى گۇەنتانامو لاگىرىنى تاقاش، لاگىردىكى تۇتقۇنلارنى بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسىدۇر. گۇەنتانامو لاگىرىنى تاقاپ، ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا ئوبرازىنى تەكرار تىكلەش باراك ئوبامانىڭ سايلام جەريانىدا ئوتتۇرىغا قويغان پىلانلىرىنىڭ بىرى ئىدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئوبامانىڭ مەسلىھەتچىلەر ئۆمىكى گۇەنتانامو لاگىرىنى تاقاش پىلانى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ پىلانى گۇئانتانامونى تاقاش، ھەربىي سوتنى تارقىتىۋېتىش، تېررور گۇماندارلىرىنى ئامېرىكىدا جازالاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. تۈزۈلۈش باسقۇچىدىكى بۇ پىلاندا يەنە بەزى تۇتقۇنلارنى قويۇۋېتىش، ئامېرىكىدا سوتلىنىدىغان تېررور گۇماندارلىرىغا ئۆزىنى ئاقلاش ھوقۇقى بېرىش، ئاشكارا سوت ئېچىش قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئانالىزچىلار ئوبامانىڭ دۇچ كېلىدىغان توسالغۇلارغا قارىماي گۇئانتانامونى تاقاش ھەققىدىكى ۋەدىسىدە تۇرۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
لېكىن گۇئانتانامونى تاقاش پىلانىدا ئىككى توسالغۇ مەۋجۈت. بۇنىڭ بىرى، تېررور گۇماندارلىرىغا مۇناسىۋەتلىك بەزى سەزگۈر دېلولاردا مەخپىيەتلىكنى ساقلايدىغان يېڭى قانۇن سېستىمىسى قۇرۇش. يەنە بىرى، گۈەنتانامودىكى "دۈشمەن جەڭچىسى ئەمەس" دەپ ئاقلانغان، لېكىن دۆلىتىگە قايتۇرۇشقا بولمايدىغان تۇتقۇنلارنى ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىش مەسىلىسى بولۇپ، گۈەنتانامودىكى 17 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ مەسىلىسى بۇنىڭدىكى ئەڭ تىپىك ئۆرنەك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون رايونىدىكى بىر يەرلىك فېدېراتسىيە سوت مەھكىمىسى يېقىندا بۇش ھۆكۈمىتىنى گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىشكە بۇيرىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇش ھۆكۈمىتى بۇ ھۆكۈمگە نارازى بولۇپ، فېدېراتسىيە ئوتتۇرا سوتىغا ئەرز بەرگەن ۋە ئوتتۇرا سوت بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ ھۆكۈمنى ئىجرا قىلىشنى توختىتىش ھەققىدىكى ئەرزىنى توغرا تاپقان ئىدى.
گۈەنتانامونى تاقاش پىلانىنىڭ ئاخىرقى رامكىسى بېكىتىلمىگەن، لېكىن بۇ پىلاننىڭ مەزمۇنىغا دائىر بەزى تەپسىلاتلار دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ پىلان دېموكراتلار ھەم جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىماقتا. "خەلقئارا ئاۋانگارتلار مۇنبىرى"گېزىتىنىڭ ئالدىنقى كۈنكى بىر خەۋىرىدە مەزكۇر پىلاننى تەنقىد قىلغان دېموكراتلارنىڭ گۈەنتانامودىكى تېررور گۇماندارلىرىنى سوتلاش ئۈچۈن يېڭى قانۇن سېستىمىسى قۇرۇشقا قارشى تۇرغانلىقىنى، جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ بولسا گۈەنتاناموغا سولانغان تۇتقۇنلارنى ئامېرىكا قۇرۇقلۇقىغا ئېلىپ كېلىشكە قارشى چىقىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ مەزكۇر پىلانغا قارشى تۇرۇشىدىكى سەۋەب گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇش ھۆكۈمىتى ئۇلارنى پۈتۈنلەي ئاقلىغان بولسىمۇ ، لېكىن ئامېرىكىدا ئېلىپ قېلىش تەكلىپىنى قوبۇل قىلمايلا قالماي ، ئۇلارنىڭ 3 - بىر دۆلەتكە ئورۇنلىشىش مۇمكىنچىلىكىنى تەسلەشتۈرىۋەتكەن ئىدى.
بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكىغا قويۇۋېتىش توغرىسىدىكى ھۆكۈمگە قارشى ئەرزىيەت سوتىغا سۇنغان ئەرزىدە ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنى "ئامېرىكا خەلقىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت" دەپ تەسۋىرلىگەن ئىدى. ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مەزكۇر بايانى گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارغا 3 - بىر دۆلەتنى ئۇقۇشۇۋاتقان ئامېرىكا تاشقى ئىشلارمىنىستىرلىقى بىلەن ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ئارىسىدا ئۆز - ئارا سۈركىلىش كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارنىڭ مەلۇم بىر دۆلەت بىلەن گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئېلىپ بارىدىغان سۆھبىتى بىكار قىلىنغان ئىدى.
باراك ئوباما گۈەنتانامونى تاقىۋېتىش مەسىلىسىدە قارشىلىققا ئۇچرىماسلىقى مۇمكىن، لېكىن گۈەنتانامودىكى تۇتقۇنلارنى سوتلاش، گۇناھسىزلارنى قويۇۋېتىش مەسىلىسىدە دېموكراتلار ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەردىكى ئەندىشە ۋە قارشىلىقلارنى يېڭىشى لازىم. لېكىن بۇش ھۆكۈمىتى گۈەنتانامونى تاقاش پىلانىنىڭ سۆزلەشكە ئاسان، بېجىرىشكە تەس مۇرەككەپ مەسىلە ئىكەنلىكىنى، تۇتقۇنلارنى ھەربىي سوت كوللىگىيىسىدە سوتلاش كېرەك، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئاقساراينىڭ باياناتچىسى دانا پەرىنو، بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ گۈەنتانامو مەسىلىسىدىكى مەيدانىغا ئىزاھات بەرگەن. ئاقساراينىڭ ئالدىنقى كۈنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا كىشىلەرگە بۇ مەسىلىنىڭ قانچىلىك مۇرەككەپ مەسىلە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈشكە كۆپ تىرىشقانلىقىنى تەكىتلىگەن دانا پەرىنو، " ئۇرۇش مەيدانىدىن تۇتۇپ كەلگەن تېررور ئارقا كۆرۈنۈشى بار كىشىلەرنى قويۇپ بەرمەك ئانچىلىك ئاسان ئەمەس. بۇ مەسىلە مۇرەككەپ بىر مەسىلە. بىز ئۇلارنى ھەربىي سوت كوللىگىيىسىدە سوتلاشنى داۋاملاشتۇرىمىز" دېگەن.
لېكىن باراك ئوبامانىڭ مەسلىھەتچىلەر ئۆمىكىدىكى مۇتەخەسسىسلەر بولسا تۇتقۇنلارنى ئامېرىكىغا ئېلىپ كېلىشكە قارشى تۇرغۇچىلارغا تەسەللى بېرىپ، ئۇلارنى ئامېرىكا زېمىنىدا تۇتۇپ تۇرۇشنىڭ بىخەتەر بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. بۇ قاراشتىكى مۈتەخەسىسسىلەرنىڭ بىرى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن پروفېسسورى لاۋرېنسى ترابې بولۇپ، ئۇ "خەلقئارا ئاۋانگارتلار مۇنبىرى گېزىتى "گە بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دەيدۇ": تۇتقۇنلارنى ئامېرىكىدا تېخىمۇ ياخشى نازارەت ئاستىدا تۇتۇپ تۇرغىلى بولىدۇ .... لېكىن ئۇلارنى سوئال - سوراقسىز ئۇزۇن مۇددەتكىچە قاراڭغۇ زىندانغا سولاپ قويالمايمىز."
ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدىكى تۇتقۇنلارنى ئامېرىكىغا ئېلىپ كېلىشكە قارشى تۇرۇۋاتقان جۇمھۇرىيەتچى ئەزالار، تۇتقۇنلارنى ئامېرىكا سوت مەھكىمىلىرىدە سوتلاشنىڭ كىشىلەردە ئۈمىدسىزلىك يارىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە. جۇمھۇرىيەتچى كېڭەش پالاتا ئەزاسى جون كورنېن مۇنداق دەيدۇ": ئەگەر يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ 1 - ۋەزىپىسىدە، ئۇرۇش مەيدانىدا ئەسىر چۈشكەن چەتئەللىك تېررور گۇماندارلىرىغا جىنايى ئىشلار بىلەن ئەيىبلەنگەن ئامېرىكىلىقلار بەھرىمان بولىدىغان ھوقۇقلار بېرىلسە بۇ كىشىلەردە ناھايىتى ئېغىر ئۈمىدسىزلىك يارىتىدۇ". لېكىن ئوبامانىڭ گۈەنتانامونى تاقاش پىلانىغا ئەڭ كەسكىن قارشى چىقىدىغان كۈچلەر دېموكراتلار سېپىدىكى سولقاناتلار بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئۇلار بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي سوت كوللېگىيىسى قۇرۇش، تۇتقۇنلارنى ھەربىي سوت كوللىگىيىسىدە جازالاش، ئەرزىيەت ھوقۇقىنى قىسقارتىش قاتارلىقلارغا قارشى چىققان.
ئوبامانىڭ يېڭى قانۇن سېستىمىسى قۇرۇش پىلانى ئۇلارنىڭ قارشىلىقىغا دۇچ كېلىشى مۇمكىن. ئامېرىكا خەلق ئازادلىقى ئىتتىپاقىنىڭ ئادۋوكاتى جوناتان خافېتز " يېڭى سوت سېستىمىسى قۇرۇپ، گۈەنتانامودىكى خاتالىقلارنى تۈزەتمەكچى بولۇش خاتالىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش بولۇپ قالىدۇ" دېگەن.
خەلقئارا ئاۋانگارتلار مۇنبىرى گېزىتىنىڭ خەۋىرىدىكى باياناتىدا " بىزگە يېڭى قانۇن سېستىمىسى كېرەك ئەمەس ، - دەپ تەكىتلىگەن جوناتان خافېتز ، - ئۆتكەنكى 8 يىل يېڭى سېستىما قۇرۇپ چىقىشقا ئۇرۇنۇش پەيدا قىلغان مەسىلىلەرنىڭ گۇۋاھچىسى " دېگەن.
