ئادۋۇكاتلار ئوباماغا مەكتۇپ يوللاپ، گۇەنتانامو مەھبۇسلىرىنى ھۆرلۈككە ئېرىشتۈرۈشكە چاقىردى

گۇەنتانامو ھەربىي تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر قاتارلىق 20 نەپەر مەھبۇسنىڭ ئادۋۇكاتلىرى، ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباماغا مەكتۇپ يوللاپ، ئۇنىڭغا مەزكۇر مەھبۇسلار مەسىلىسىنى قايتا ئەسلەتتى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2009.02.27
Obama-guantanamo-305 ﻳﯧﯖﻰ ﺳﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺘﻰ ﺑﺎﺭﺍﻙ ﺋﻮﺑﺎﻣﺎ ﺳﺎﻳﻼﻡ ﺭﯨﻘﺎﺑﯩﺘﻰ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﯨﻼ، ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﯞﻩﺯﯨﭙﻪ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﯞﺍﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﮔﯘﺋﺎﻧﺘﺎﻧﺎﻣﻮﻧﻰ ﺗﺎﻗﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ.
AFP Photo

ئادۋۇكاتلار مەكتۇبىدا، پرېزىدېنت باراك ئوبامانى ئامېرىكا سوتلىرى بۇ تۇتقۇنلار ئۈستىدىن چىقارغان ھۆكۈملەرگە ئەستايىدىل قاراپ چىقىپ، ئۇلارنى دەرھال ھۆرلۈككە ئېرىشتۈرۈشكە چاقىردى.

"بۇ ۋەدىلەر گۇەنتانامو مەھبۇسلىرىغا تېخىچە ئاقماي كەلدى"

26 - فېۋرال، گۇەنتانامو تۈرمىسىدىكى مەھبۇسلارنىڭ ئادۋۇكاتلىرى، بىرلىكتە ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباماغا يوللىغان مەكتۇبىدا، ئوبامانىڭ 21 - يانۋار گۇەنتانامو تۈرمىسىنى تېزلىكتە تاقاش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلگەنلىكى، بۇ يەردىكى مەھبۇسلارنى قىيناش ياكى ناچار مۇئامىلە قىلىشىنى چەكلەپلا قالماي، بۇ خىل قىلمىشلاردىكى قانۇنى يوچۇقلارنىمۇ ئېتىۋەتكەنلىكى ھەمدە گۇەنتانامو مەھبۇسلىرىنىڭ ھېيبىيەس كورپەس يەنى ( بۇ جاۋابكارلارنىڭ سوتقا ئەرز سۇنۇش) ھوقۇقى بارلىقىنى ئەتراپ قىلىش ئارقىلىق، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش يولىغا قۇچاق ئاچقانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتىدۇ.

مەكتۇپتا مۇنداق دېيىلىدۇ: " بۇ ۋەدە ۋە پرىنسىپلارنىڭ مۇھىملىقى بۇنىڭدىنمۇ ئۆتە تەكىتلەنمەيدۇ. ھالبۇكى، بىز بۈگۈن، بۇ ۋەدىلەر تېخىچە قۇرۇق پېتى ئاقماي كېلىۋاتقان گۇەنتانامو مەھبۇسلىرىغا ۋاكالىتەن مەكتۇپ يوللاۋاتىمىز."

سۇسەن بەيكېر مەننىڭ: "بۇ يەرگە قامالغان بىگۇناھ ئۇيغۇرلار ئوباماغا مىراس قالدۇرۇلغان مەسىلە"

26 - فېۋرال پرېزىدېنت ئوباماغا يوللانغان مەكتۇپقا ئىمزا قويغۇچىلاردىن بىرى گۇەنتانامو تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ 6 نەپىرىنىڭ ۋاكالەتچىسى سۇسەن بەيكېر مەننىڭ(Susan Baker Manning) بولۇپ، ئۇ مەكتۇپنى پرېزىدېنت ئوباماغا گۇەنتانامو مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغان پەيتى كەلگەنلىكىنى تەكىتلەش مەقسىتىدە يوللىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: "بىز ئەدلىيە مىنىستىرى ئېرىك ھولدېر ۋە پرېزىدېنت ئوباما قاتارلىقلارغا گۇەنتانامو مەسىلىسىنىڭ، نۆۋەتتە ئۇلارنىڭ قول ئىلكىدىكى ئىش ئىكەنلىكىنى، بۇ تۈرمە ۋە بۇ يەرگە قامالغان بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنىڭ ئوباماغا مىراس قالدۇرۇلغان مەسىلە ئىكەنلىكىنى، ئوبامانىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققىنىغا بىر نەچچە بولغانلىقى، شۇڭا بۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغان پەيت كەلگەنلىكىنى تەكىتلەپ مەزكۇر مەكتۇپى يوللىدۇق."

سۇسەن بەيكېر مەننىڭ بۇ ھەقتە توختىلىپ يەنە مۇنداق دېدى: "شۇڭا بىز ئوباما ھۆكۈمىتىگە داۋالىق چاقىرىق يوللاپ، بۇ ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكىغا قويۇۋېتىشتىن ئىبارەت، قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنىڭ چوقۇم قىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتىمىز."

ئامېرىكىنىڭ گۇەنتانامو ھەربىي تۈرمىسىدە 20 نەپەر مەھبۇس "دۈشمەن جەڭچىسى ئەمەس" دەپ ئاقلىنىپ، قويۇپ بېرىلىشكە بۇيرۇلغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە 17 نەپىرى ئۇيغۇر تۇتقۇنلاردۇر.

" بۇنداق بىگۇناھ كىشىلەر قامالغان بۇ تۈرمە، دۆلىتىمىزنىڭ نومۇسىدۇر"

بۇ نۆۋەت پرېزىدېنت ئوباماغا يوللانغان مەكتۇپتا، يۇقىرىقى 20 نەپەر مەھبۇسنىڭ ۋاكالەتچى ئادۋۇكاتلىرى بىرلىكتە يوللىغان بولۇپ، مەكتۇپتا: " بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ئامېرىكىنىڭ دۈشمىنى ئەمەس تۇرۇپ، ئەمما ئەكسىچە بۇلار يەنىلا دۇنيادا رەزگى نامى پۇر كەتكەن بۇ تۈرمىدە قاماقتا" دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

مەكتۇپتا، ئامېرىكا سوتچىلىرىنىڭ نۆۋەتتە گۇەنتانامو تۈرمىسىگە قامالغان ئومۇمىي مەھبۇسلار سانىنىڭ 10 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىغان بۇ 20 مەھبۇسنى ئاللىقاچان قويۇۋېتىش بۇيرۇقى چىقارغانلىقى، ئەمما ئۇلارنىڭ ئىنسانىي قەدىر قىممەتكە ھاقارەت كەلتۈرىدىغان مۇھىت ئىچىدە، تېخىچە بۇ تۈرمىدە ئىكەنلىكى كۆرسىتىلىپ ئوباماغا مۇنداق تەكلىپ بېرىلگەن: "بۇنداق بىگۇناھ كىشىلەر قامالغان بۇ تۈرمە، دۆلىتىمىزنىڭ نومۇسىدۇر. بىز ئادۋوكات بولۇش سالاھىيىتىمىز بىلەن بۇلارنىڭ يەنە قاماقتا يېتىشىغا ۋە ياكى ئۇلارنىڭ داۋاملىق خورلىنىشىغا چىداپ تۇرماسلىقىڭىزنى تەلەپ قىلىمىز." دېيىلگەن.

مەكتۇبىنىڭ ئۇيغۇر مەھبۇسلارغىلا ئاقارتىلغان قىسمىدا گۇەنتانامو تۈرمىدىكى 17 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن دۈشمەن جەڭچىسى ئەمەس دەپ ئاقلانغانلىقى كۆرسىتىلىپ: "بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى بەش يىل ئىلگىرىلا قويۇپ بېرىلىشكە ھازىرلانغان ئىدى" دېيىلگەن ھەمدە بۇ يىل يازدا پەرھات ھوزەيفە ۋە يەنە باشقا 4 نەپەر ئۇيغۇرنىڭمۇ ئامېرىكا ئەرزىيەت سوتى تەرىپىدىن "دۇشمەن جەڭچىسى ئەمەس دەپ" ئاقلانغانلىقى ۋە ئۇلارنى قويۇپ بېرىش، باشقا يەرلەرگە يۆتكەش ۋە ياكى بۇلارنىڭ دېلوسىغا يەنە بىر مەرتە قاراپ چىقىش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلىقى كۆرسىتىلىپ: "بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ دۈشمەن جەڭچى ئەمەسلىكى، ھەمدە ئۇلارنىڭ يەتتە يىل تۈرمىدە ياتقانلىقىدەك ھەقىقەتنى ئېتىراپ قىلىشنىڭ ئورنىغا، ئەمما ھۆكۈمەت بۇلارنىڭ دېلوسىغا قايتا قارىماسلىق قارارىنى ئالدى. بۇ ئۇيغۇرلار ھېلىھەم ئامېرىكا ھەربىي تۈرمىسى تىكەنلىك سىملىرىنىڭ ئارقىسىدا ياشىماقتا. ئېنىقكى بۇ ھەرگىزمۇ ھۆرلۈكتىن دېرەك بەرمەيدۇ." دېيىلگەن.

سۇسەن مەننىڭ: "بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى ئانچە قىيىن مەسىلىمۇ ئەمەس"

بۇ ھەقتە توختالغان سۇسەن بەيكېر مەننىڭ خانىم گۇەنتانامو تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قانداقتۇر "تېررورچىلىق ئەيىبكارلىرى" ئەمەس بەلكى پۈتۈنلەي تاسادىپىيلىق بىلەن تۇتۇلۇپ بۇ يەرگە قامالغان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى بۇلارنىڭ يەنە تۈرمىدە يېتىشىنى پەقەت قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى: " بۇلارنىڭ مەسىلىسى ئانچە قىيىن مەسىلىمۇ ئەمەس. ئۇلار خاتا ھالدا تۇتۇلۇپ بۇ يەرگە قامالغان. پەقەت بۇنى ھەل قىلىش چارىسى تاپالمىغانلىقىمىز ئۈچۈنلا، بۇلار خاتا ھالدا تۇتۇلۇپ قالغانلىقى سەۋەبلىك، مەيلى گۇەنتاناموغا ۋە مەيلى ھەر قانداق بىر جايغا ئۆمۈرلۈك مەھكۇم قىلىنماسلىقى كېرەك"

18 فېۋرال، ئامېرىكا ئەرزىيەت سوتى مەزكۇر 17 نەپەر ئۇيغۇرنى ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىش ھۆكۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرغاندىن كىيىن، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئادۋۇكاتلىرى، بۇلارنىڭ خەلقئارا قانۇنلاردىكى ھوقۇقلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

سۇسەن مەننىڭ:"بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى بۇ تۈرمىدە يەنە تۇتۇپ تۇرۇش پۇت تەرەپ تۇرالمايدۇ"

ئادۋوكات سۇسەن مەننىڭ خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار ھازىر ئىككىنچى قەدەمنى قانداق ئېلىشتا ئۆزىنىڭ قايسى خىلدىكى قانۇنىي ۋاسىتىلارنى ئىشقا سالىدىغانلىقى ئۈستىدە باھالاش ئېلىپ بارماقتا ھەم ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرى بىلەن ئالاقىنى كۈچەيمەكتە ئىكەن.

ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ بىز يوللىغان مەكتۇپلارغا جاۋاب قايتۇرۇپلا قالماي بەلكى، بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى بۇ تۈرمىدە يەنە تۇتۇپ تۇرۇشنىڭ پۇت تەرەپ تۇرالمايدىغانلىقىنى ئۇزۇنغا قالماي ھېس قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل."

خەتتە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، 17 نەپەر ئۇيغۇردىن باشقا، ئاقلىنىپ قويۇپ بېرىلىشكە بۇيرۇلغان قالغان 3 نەپەر مەھبۇس چاد، سەئۇدى ئەرەبىستانى، ۋە بوسنىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پۇقراسى بولۇپ، ئۇلار يەنىلا ئايرىم كامېرلارغا قامالغان ئىكەن. ئادۋۇكاتلار بۇ نۆۋەت يوللىغان مەكتۇپتا، مەزكۇر مەھبۇسلارنىمۇ ئەركىنرەك مۇھىتقا ئېرىشتۈرۈش، بۇلارغا قارىتىلغان قىيناشنى ئاياغلاشتۇرۇش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

مەلۇم بولۇشىچە، 2008 - يىلى 7 - ئۆكتەبىر سوتچى ئۇربىنا ئەپەندى 17 نەپەر ئۇيغۇرنى گۇەنتانامو تۈرمىسىدىن ئازات قىلىپ ئامېرىكىغا يەرلەشتۈرۈش ھۆكۈمىنى چىقارغاندىن كىيىن، بۇ ئۇيغۇرلار ئايرىم ئۆيلەردىن بوشىتىلىپ ئەركىن ھەرىكەت قىلغىنى بولىدىغان 4 - لاگېر يەنى ئىگۇانا لاگېرىغا يۆتكەلگەن.

مەكتۇپ ئاخىرىدا ئادۋۇكاتلار پرېزىدېنت ئوبامادىن، "بىز سىزنىڭ ئامېرىكا سوتلىرىنىڭ ھۆكۈملىرىگە ئەستايىدىل قاراپ چىقىپ، بۇ كىشىلەرنىڭ ھۆرلۈكىنى دەرھال ئەسلىگە كەلتۈرۈشىڭىزنى، بۇلارنى مەيلى چاد، سەئۇدى ئەرەبىستانى، بوسنىيە ۋە ئامېرىكىغا ۋە مەيلى ئۇلارنى قوبۇل قىلىشىنى خالايدىغان ھەر قانداق بىر دۆلەتكە يەرلەشتۈرۈشىڭىزنى تىلەيمىز،" دەپ تەلەپ قىلىنغان.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.