پرېزىدېنت باراك ئوباما يېقىندا كانادانى زىيارەت قىلىدۇ

ئامېرىكا پرېزىدېنتلىقىغا سايلانغان باراك ئوباما ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن، تۇنجى بولۇپ كانادانى زىيارەت قىلىشنى پىلانلىماقتا. ئوبامانىڭ ياردەمچىلىرى، ئۇنىڭ بۇ زىيارىتىنىڭ ۋاقتى ۋە كۈنتەرتىپلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻛﺎﻣﯩﻞ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ
2009.01.16
Obama-Prezident-305 ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺘﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺳﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﺎﺭﺍﻙ ﺋﻮﺑﺎﻣﺎ ﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﺎﻧﺎﺩﺍﻧﻰ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﭘﯩﻼﻧﻠﯩﻤﺎﻗﺘﺎ. ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺋﻮﺑﺎﻣﺎ ﺳﺎﻳﻼﻡ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﻗﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﻮﻝ ﺋﯩﺸﺎﺭﯨﺴﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
AFP Photo

ئەمما كانادا باش مىنىستىر ئىشخانىسىنىڭ باياناتىدا، پرېزىدېنت باراك ئوبامانىڭ ۋەزىپە تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىنكى تۇنجى چەتئەل زىيارىتىدە، بىرىنچى بولۇپ كانادانى تاللىغانلىقىدىن ئىنتايىن مەمنۇن ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.

ئومۇمەن ئامېرىكا پرېزىدېنتلىرىنىڭ ۋەزىپە تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، تۇنجى بولۇپ كانادانى زىيارەت قىلىش ئەنئەنىسى بار. لېكىن 2001 - يىلى بۇش ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندا، بۇ ئەنئەنە بۇزۇلغان ئىدى.

باراك ئوبامانىڭ بۇ سەپىرىدە، گۇئانتانامو تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە، كانادادىن ياردەم تەلەپ قىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.