يېڭى پرېزىدېنت ئوبامانىڭ تۈركىيە سىياسىتى قانداق بولار؟

ئامېرىكىدىكى 11 - ئاينىڭ 4 - كۈنىدىكى پرېزىدېنتلىق سايلىمىدا دېموكراتلار پارتىيىسى پرېزىدېنت نامزاتى باراك ئوباما ئۇتۇپ چىقىپ، ئامېرىكا تارىخىدا تۇنجى قېتىم بىر قارا ئامېرىكا پرېزىدېنتى بولدى.

0:00 / 0:00

ئامېرىكىدىكى بۇ سايلامغا پۈتۈن دۇنيا دۆلەتلىرىگە ئوخشاشلا تۈركىيىمۇ يېقىندىن دىققەت قىلدى . تۈرك مەتبۇئاتلىرىدا ئامېرىكىنىڭ يېڭى پرېزىدېنتى ئوباما تۈركىيە ئۈچۈن پايدىلىقمۇ ياكى زىيانلىقمۇ؟ تۈركىيە ئوبامادىن نېمىلەرنى كۈتمەكتە؟ ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيە سىياسىتى قانداق بولار؟ دېگەنگە ئوخشاش سۇئاللارنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلماقتا. بۈگۈن، يەنى 11 - ئاينىڭ 5 - كۈنى تۈرك مەتبۇئاتلىرى ئوبامانىڭ پرېزىدېنت سايلانغانلىقىغا كەڭ كۆلەمدە ئورۇن بەردى.

تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئوبامانىڭ پرېزىدېنت سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى

بۈگۈن ئەتىگەن تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مەتبۇئات باياناتى بېرىپ ئوبامانىڭ پرېزىدېنت سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىگەندىن كېيىن ئوبامانىڭ پرېزىدېنتلىققا سايلىنىشى بىلەن ئامېرىكىدا قارىلار بىلەن ئاقلار ئوتتۇرىسىدىكى ئايرىمىچىلىقنىڭ يوق بولغانلىقىنى ئاڭلىتىپ مۇنداق دېدى: "ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئاقلار بىلەن قارىلار ئوتتۇرىسىدا ئايرىمىچىلىق داۋام قىلغان، بۇنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇن بەدەللەر تۆلەنگەن بىر دۆلەتتە ئېلىپ بېرىلغان سايلامدا بۇنداق بىر نەتىجىنىڭ چىقىشىدىن ئامېرىكىدا قارىلارنى كەمسىتىش يوق بولدى دېيىشكە بولىدۇ. ئوباما پەقەت ئامېرىكىدىكى قارا تەنلىكلەرنىڭ رايى بىلەن سايلانمىدى، ئاقلارمۇ ئوباماغا ئاۋاز بەردى. شۇڭا ئامېرىكىدا قارىلارنى كەمسىتىش قالمىدى دېسەكمۇ بولىدۇ. تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى پرېزىدېنتلارنىڭ ئالمىشىشى ئەمەس، ئىستراتېگىيىلىك پىلانلار بەلگىلىگەن. ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز ئىستراتېگىيىلىك ئورتاقلىق ئاساسىدا داۋام قىلىدۇ."

تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 11 - ئاينىڭ 15 - كۈنى مەجلىسكە قاتنىشىش ئۈچۈن ئامېرىكىغا بارغاندا ئوباما بىلەن كۆرۈشۈشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئوبامانىڭ پرېزىدېنت سايلىنىشى تۈركىيە ئۈچۈن پايدىلىق

قىممەتلىك ئوقۇرمەنلەر، تۈركىيىدىكى بەزى مۇتەخەسسىسلەر جۇمھۇرىيەتچى نامزاتى جون مىككېيىن پرېزىدېنت سايلانسا تۈركىيىگە پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسە، يەنە بەزى سىياسى مۇلاھىزىچىلەر ئوبامانىڭ تۈركىيە ئۈچۈن پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

ئوبامانىڭ يېنىدىكى كىشىلەرنى ياخشى تونۇيدىغان ئامېرىكا بروئوكىڭ ئىنستىتۇتى تۈركىيە مۇتەخەسسىسى ئۆمەر تاشپىنار ن ت ۋ گە بەرگەن باياناتىدا ئوبامانىڭ پرېزىدېنت سايلىنىشىنىڭ تۈركىيە ئۈچۈن پايدىلىق بولغانلىقىنى ئاڭلىتىپ مۇنداق دېدى: " ئوبامانىڭ يېنىدىكى تۈركىيە مۇتەخەسسىسلىرى بۇشنىڭ يېنىدىكى تۈركىيە مۇتەخەسسىسلىرىگە قارىغاندا تۈركىيە ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ نەرسە بىلىدۇ. ئوباما ھۆكۈمىتىگە باھا بەرگەن ۋاقتىمىزدا پەقەتلا ئوبامانىڭ ئەرمەنى مەسىلىسىگە بولغان كۆز قارىشىغىلا قارىساق بولمايدۇ. بىز تۈركلەر ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيانىڭ تىنچلىقى، ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىگە بولغان كۆز قاراشلىرىغا قاراپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا باھا بېرىشىمىز كېرەك. ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيە سىياسىتى كلىنتون ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيە سىياسىتىگە ئوخشاپ كېتىدۇ."

قىممەتلىك ئوقۇرمەنلەر، كلىنتون ھۆكۈمىتى تۈركىيىنىڭ ياۋروپا بىرلىكىگە ئەزا بولۇشىنى قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن ئىدى، كلىنتون تۈركىيىنى ياۋروپا بىرلىكىگە ئېلىڭلار دەپ ياۋروپا دۆلەتلىرىگە ئىدىيىۋى خىزمەت ئىشلىگەن ئىدى.

ئامېرىكا بروئوكىڭ ئىنستىتۇتى تۈركىيە مۇتەخەسسىسى ئۆمەر تاشپىنار ئەپەندى سۆزىدە ئوبامانىڭ پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىغا بولغان كۆز قارىشى ئۈستىدە توختىلىپ، ئوبامانىڭ "پ ك ك تېررور تەشكىلاتىدۇر، ئەمما تۈركىيىنىڭ كۇرت مەسىلىسى بار،" دېگەن كۆز قاراشتا ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە سۆزىدە ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ ئىراقتىن ئامېرىكا ئارمىيىسىنى چېكىندۈرىدىغانلىقىنى، ئەمما تۈركىيىنىڭ شىمالىي ئىراقتىكى كۇرت رايونى بىلەن مۇناسىۋىتىنى ياخشىلىشىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.