پۇل - مۇئامىلە كرىزىسى، ئىراق، ئافغانىستان ئۇرۇشى، ئىران يادرو مەسىلىسى قاتارلىقلار ئۇ دۇچ كېلىدىغان جىددىي رىقابەتلەرنىڭ ئالدىدا كېلىدۇ. لېكىن خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىدىكى ئەڭ نازۇك مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولىدىغانلىقى شۈبھىسىز.
ئانالىزچىلار ئوباما دەۋرىدە خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كېلەچىكى بىر قەدەر داغدام بولىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشماقتا. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز ئەركىن مەلۇمات بېرىدۇ.
خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىدىكى كۆپ قىرلىق، نازۇك، مۇرەككەپ ۋە ئالدىنئالا ئويلىشىدىغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ خىتاينىڭ دۇنيادا باش كۆتۈرۈۋاتقان يېڭى كۈچ بولۇپلا قالماي، ئۇنىڭ ئامېرىكىغا رىقابەتچى ئىكەنلىكى، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلاشقۇچى دۆلەتلىكى شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ سودىدىكى ئەڭ چوڭ شېرىكى ئىكەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر.
باراك ئوبامانىڭ 4 - نويابىردىكى ئامېرىكا پرېزىدېنت سايلىمىدا جۇمھۇرىيەتچى رەقىبى جون مىككېييىننى مەغلۇپ قىلىپ، 44 - نۆۋەتلىك ئامېرىكا پرېزىدېنتلىقىغا سايلىنىشى خىتاي تور بەتلىرىدە ئەڭ كۆپ مۇنازىرە قىلىنغان تېما بولۇپ، خىتاي تورچىلىرىنى ئەڭ ھەيران قالدۇرغان نەرسە ئاق تەنلىكلەر كۆپ سانلىقتىكى ئامېرىكىدا قارا تەنلىك بىر سىياسىيوننىڭ مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن غەلىبە قىلغانلىقى ئىدى.
سەندۇڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئارامغا چىققان پروفېسسورى سۈن ۋېنگۇاڭ، پەيشەنبە كۈنى رادىئومىزنىڭ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بۇ ئەھۋالنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ، خەلقنىڭ ئوباماغا ئۈمىد باغلاۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ، "جۇڭگودا نۇرغۇن كىشىلەر ئوبامانىڭ سايلىنىشىغا كۆپ ئۈمىدلەرنى باغلىماقتا. ئۇنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە دۇنيانىڭ ئومۇمى قىممەت قارىشىنى دەستۇر قىلىپ، جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولۇشىنى، دېموكراتىيىلىشىشىنى ئالغا سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلماقتا،" دېگەن.
خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئوباما دەۋرىدە قانداق تۈس ئالىدىغانلىقى خىتاي ۋە ئامېرىكا خەلقىغە مۇناسىۋەتلىك مەسىلە بولۇپلا قالماي، بۇ يەنە ئۇيغۇر، تىبەت ۋە رايوندىكى ئەللەرنى قىزىقتۇرىدىغان زور مەسىلە.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى چىن گاڭ پەيشەنبە كۈنى خىتاينىڭ ئوباما ھۆكۈمىتى بىلەن خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىدىكى نازۇك مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆزلىشىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى، بۇ نازۇك مەسىلىلەرنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ نازۇك مەسىلە تەيۋەن مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، "بۇ مەسىلىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش )جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ( ئاساسى"، دەپ كۆرسىتىدۇ. چىنگاڭ، تەيۋەن مەسىلىسىنىڭ سىرتىدا سۆزلىشىشكە تېگىشلىك يەنە قايسى مەسىلىلەرنىڭ بارلىقىنى چۈشەندۈرمىگەن، لېكىن كىشىلىك ھوقۇق، تىبەت مەسىلىسى، سودىدىكى تەڭسىزلىك، ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى، خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتى قاتارلىقلار خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىدە ساقلىنىۋاتقان ئىختىلاپلار بولۇپ، ئانالىزچىلار، ئوباما دەۋرىدە خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ئۆزىنىڭ ئىزچىللىقىنى ساقلايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
ئامېرىكا بروكىڭز ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئالى دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى لى چېڭ مۇنداق دەيدۇ":ئوباما تەختكە چىقسا تاشقى سىياسىتىدە، بولۇپمۇ ئىراق ئۇرۇشى، ئافغانىستان ئۇرۇشىدا چوڭ ئۆزگىرىش بولۇشى مۇمكىن. لېكىن جۇڭگو مەسىلىسىدە ئىزچىللىقىنى ساقلاش ئېھتىمالى زور. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ دېموكراتىيە،كىشىلىك ھوقۇق، تىبەت، تەيۋەن مەسىلىسىدە پرېزىدېنت بۇشنىڭ جۇڭگوغا قاراتقان سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇشى مۇمكىن."
يەنە بەزى ئانالىزچىلار، ئوباما تەختكە چىقسا ئالدى بىلەن ئامېرىكىدىكى پۇل - مۇئامىلە كرىزىسىنى يېڭىشى كېرەكلىكىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن خىتاينىڭ ھەمكارلىقىغا مۇھتاج بولىدىغانلىقىنى، ئوبامانىڭ خىتايغا قاراتقان تەنقىدنى ئازايتىدىغانلىقىنى، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە مەجبۇر بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
بۇ قاراشتىكى ئانالىزچىلارنىڭ بىرى ھىندىستان چېناي خىتاي تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇتەخەسسىسى باخۇكۇتۇمبى رامان. ئۇ، فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا بەرگەن بۇ ھەقتىكى باياناتىدا " ئوباما خىتاينىڭ سەلبىي تەرەپلىرىگە كۆپ ئېسىلىۋالماسلىقى مۇمكىن،" دەيدۇ. لېكىن باراك ئوباما سايلامنىڭ ئالدىدا ئامېرىكا مەملىكەتلىك ئىلمە توقۇلما كارخانىلار بىرلەشمىسىگە خەت يېزىپ، ئىمپورت قىلىنىدىغان مەھسۇلاتلارغا ئەمگەك ۋە مۇھىت ئۆلچىمى بېكىتىدىغانلىقىنى، ئامېرىكا كارخانىلىرىغا زىيان سېلىۋاتقان ئىمپورت مەھسۇلاتلىرىغا تاموژنا بېجىنى كۆپەيتىدىغانلىقىنى، خىتاي - ئامېرىكا ئارىسىدىكى سودا تەڭپۇڭسىزلىقىغا خىتاينىڭ خەلق پۇلى قىممىتىنى تىزگىنلەۋاتقانلىقى سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى، خىتايغا بېسىم ئىشلىتىپ، "پۇلنىڭ قىممىتىنى تىزگىنلىشىگە خاتىمە بېرىدىغانلىقى"نى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
بروكىڭز ئىلمىي جەمئىيىتىدىكى لى چېڭ " ئىقتىسادى مەسىلىلەردە بىز ئوبامانىڭ سايلام جەريانىدا خىتاينى نۇرغۇن يەردە تەنقىد قىلغانلىقىنى بىلىمىز. بولۇپمۇ مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپىتى ۋە بىخەتەرلىكى، جۇڭگو خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى، سودا بېكىنمىچىلىكى قاتارلىقلاردا. ئۇ بۇ جەھەتلەردە بەزى تەدبىرلەرنى ئېلىشى مۇمكىن،" دەيدۇ.
رادىئومىزغا كەلگەن ئىنكاسلارغا قارىغاندا، ئامېرىكىدىكى سايلام خىتاي پۇقرالىرىنىڭ زېھنىدە چوڭقۇر ئويلىنىش پەيدا قىلماي قالمىغان. خىتاينىڭ گۇيجۇ ئۆلكىسىدىكى چېن شى ئىسىملىك بىر ئۆكتىچى زات مۇنداق دەيدۇ": بۇ سايلام يالغۇز ئوباما ياكى دېموكراتلارنىڭ غەلىبىسى ئەمەس. ئامېرىكىدىكى 4 يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ سايلام دۇنياغا، بولۇپمۇ بىزنىڭ جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى ئىستىبىدات تۈزۈمگە، خەلقىمىزگە ھەر بىر ئادەمنىڭ بىر سايلاش بېلىتى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا چوڭقۇر دەرسلىك بولدى."
