" ئۈرۈمچى خەلقئارا سودا يەرمەنكىسى" ھەققىدە

نۆۋەتتە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاش رايونلاردا ۋىلايەت بىلەن ۋىلايەت، ناھىيە بىلەن ناھىيە، يېزا بىلەن يېزا، ھەتتا كەنت بىلەن كەنتلەر ئوتتۇرىسىغىمۇ مەخسۇس تەكشۈرۈش نۇقتىلىرىنى قۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىن ھەرىكەت قىلىشىنى زور دەرىجىدە چەكلەۋاتقانلىقى ھەممىمىزگە مەلۇم.
ﺋﻮﺑﺰﻭﺭﭼﯩﻤﯩﺰ ﭘﻪﺭﻫﺎﺕ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﯩﺪﻯ
2008.09.01
Uyghur-pichaqliri-305 ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﻝ - ﻫﯜﻧﻪﺭﯞﻩﻧﭽﯩﻠﯩﻚ، ﭘﯩﭽﺎﻕ ﺳﯧﺘﯩﺶ ﺩﯗﻛﯩﻨﻰ.
AFP Photo
 قەشقەرلىق بىر ئاددى ئۇيغۇرنىڭ ئۈرۈمچىگە كەلگىچە بولغان ئارىلىقتا 20 نەچچە يەردە توختىتىپ قاتتىق تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى، ھەر تەكشۈرۈشتە خۇددى مەھبۇسلاردەك سائەتلەپ ئۆرە تۇرغۇزۇپ قويۇلغانلىقىنى ئىستانسىمىزنىڭ ئالدىنقى قېتىملىق ئاڭلىتىشلىرىدا بۇ يولۇچىنىڭ ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلىدۇق، شەرقىي تۈركىستان رايونىنى قىزىل تېررورلۇق قاپلىغان مۇشۇنداق بىر پەيتتە، بۈگۈن 17 - نۆۋەتلىك " ئۈرۈمچى خەلقئارا سودا يەرمەنكىسى " ھەشەم ۋە داغدۇغا بىلەن باشلاندى، دېمەك، ئۇيغۇرلار جان دەردىدە، خىتاي ھاكىمىيىتى ۋە ئۇنىڭ بۇ رايوندىكى كۆچمەنلىرى بولسا پۇلنىڭ دەردىدە.

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ 16 يىل بۇرۇنقى ۋەدىسى

ھېلىمۇ ئېسىمدە 1992 - يىلى 9 - ئايدا، " شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى " نىڭ مۇخبىرى سالاھىيىتىم بىلەن تۇنجى نۆۋەتلىك " ئۈرۈمچى خەلقئارا سودا يەرمەنكىسى " گە قاتناشقان ئىدىم، ئەينى چاغدىكى بۇ يەرمەنكىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا خىتاينىڭ باش مىنىستىرى لى پېڭ شەخسەن كېلىپ قاتناشقان ۋە ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىگەن ئىدى، لى پېڭ قىلغان سۆزىدە، " ئۈرۈمچى خەلقئارا سودا يەرمەنكىسى " نىڭ تەسىس قىلىنىشى بىلەن، بۇ رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ " ئۇچقاندەك " تەرەققى قىلىدىغانلىقىنى، يەرلىك مىللىي سودا - سانائەتنىڭ تىز سۈرئەتتە راۋاجلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلغان، شۇنداقلا بۇ يەرمەنكىنىڭ، مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ بۇ رايوندىكى يەرلىك خەلققە قايسى دەرىجىدە " غەمخورلۇق " قىلىۋاتقانلىقىنىڭ ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن، ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى، مەيداندىكى كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنى كۈچلۈك تەسىرلەندۈرگەن ئىدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي سانائىتى ۋەيران قىلىندى

ئەمما، 16 يىللىق بۇ جەريانغا قىسقىچە باققىنىمىزدا، " ئۈرۈمچى خەلقئارا سودا يەرمەنكىسى " نىڭ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ يەرلىك خەلقنى تالان - تاراج ۋە قاقتى - سوقتى قىلىش، بۇنىڭ بەدىلىگە ئۆزىنىڭ خىتاي كۆچمەنلىرىنى بورداش ئۈچۈن قوللانغان ۋاستىسى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس. خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئىزچىل تۈردە ئۆگەيلىشىگە ۋە چەكلىشىگە ئۇچراپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي سانائىتى بۈگۈن ئېغىر بوھران ئىچىدە جان تالاشماقتا، نېفىت، تەبىئىي گاز، كۆمۈر، ئالتۇن، قاشتېشى دېگەندەك تەبىئىي بايلىقلارنى قېزىش ۋە سېتىش ھوقوقى تامامەن خىتاي شىركەتلىرىنىڭ مونوپوللۇقىدا، 2006 - يىلىغا قەدەر خىتاي ھاكىمىيىتى يەرلىكلەرنىڭ كىچىك تىپتىكى كۆمۈر كانلىرىنى ئېچىشىغا يول قويۇپ كەلگەن ئىدى.

2006 - يىلىدىن بۇيان، " بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش "، " بىر تۇتاش پىلانلاش ۋە ئېچىش " دېگەندەك باھانىلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ھوقۇقىمۇ چەكلىنىپ، ئۇلار پايدىلىنىپ كېلىۋاتقان كانلار خىتاي شىركەتلىرىگە بۆلۈپ بېرىلدى. ئاشلىق، پاختا،ياغلىق دان قاتارلىق ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تۈركۈملەپ ئېكىسپورت قىلىش ھوقۇقىمۇ 1992 - يىلىدىكى تۇنجى نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىدىن بۇيان بىڭتۈەنلىك خىتايلارنىڭ كونتروللۇقىدا بولۇپ كەلمەكتە. قىسقىسى، ھازىر ئۇيغۇر سودا - سانائەتچىلىرىنىڭ ئالدىدا خىتاينىڭ " پىفا " دەپ ئاتالغان توپ سېتىش بازىرىدىن پارچە - پۇرات مال ئېلىپ سېتىشتىن باشقا يول قالمىدى.

ئۇيغۇرلار، ئۆز تۇپرىقى ۋە بايلىقىدىن نەپ ئېلىشتىن مەھرۇم قالدۇرۇلدى

" شىنجاڭ گېزىتى " نىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، " ئۈرۈمچى خەلقئارا سودا يەرمەنكىسى "، بۇ رايوننىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتى ئۈچۈن زور رول ئوينىغانمىش، مەسىلەن، بۇ يىل 1 - ئايدىن 7 - ئايغىچە بولغان مەزگىل ئىچىدە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ سودىدىكى ئىمپورت - ئېكىسپورت مىقدارى 10 مىليارد 158 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يىتىپ، پۈتۈن خىتاينىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتى بولغان 69.5 پىرسەنتتىنمۇ كۆپ ئېشىپ، 95.9 پىرسەنتكە يەتكەن. ئېشىش سۈرئىتى جەھەتتە خىتاي بۇيىچە ئالدىنقى قاتاردا، سودا مىقدارى جەھەتتە غەربتىكى 12 ئۆلكە ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن. 16 يىلدىن بۇيان " ئۈرۈمچى خەلقئارا سودا يەرمەنكىسى " گە قاتناشقان خىتاي ۋە چەتئەللىك سودىگەرلەرنىڭ سانى 470 مىڭ نەپەر بولۇپ، پەقەتلا بۇ 16 قېتىملىق يەرمەنكىدىكى تاشقى سودا مىقدارى 21 مىليارد 355 مىليون دوللارغا يەتكەن.

ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېكىسپورت قىممىتى ياراتقان مەھسۇلاتلارنىڭ ئاساسلىقى شەرقىي تۈركىستاننىڭ كان ۋە دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن ئىبارەت. ئەگەر پايدىلارنىڭ 10 دىن بىرى يەرلىك خەلقنىڭ چۆنتىكىگە كىرگەن بولسا ئىدى، بۈگۈن ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىمۇ خىتاي بۇيىچە ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتكەن بولاتتى، ئەپسۇسكى خىتاينىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدا نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستان تۇرمۇش سەۋىيىسى جەھەتتە يەنىلا خىتاي بۇيىچە ئاخىرىقى ئورۇندا تۇرۇپ كەلمەكتە، 16 يىلدىن بۇيانمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادى كىرىمىدىمۇ كۆرۈنەرلىك بىر ئىلگىرىلەش بولغىنى يوق، ھۆكۈمەتنىڭ ھازىرقى ستاتىستىكىلىرىدا، جەنۇبىي رايونلاردىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كىلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى 1300 - 1500 يۇەن ئەتراپىدا كۆرسىتىلگەن بولۇپ، بىڭتۈەنلىك خىتاي دېھقانلىرىنىڭ كىرىمىدىن 4 ھەسسە تۆۋەن. مەسىلەن، " تيانشان تورى " نىڭ بۇ يىل 4 - ئاينىڭ 30 - كۈنىدىكى بىر خەۋىرىدە، بۇ يىلنىڭ بىرىنچى پەسلىدە، بىڭتۇەن قارمىقىدىكى شەھەر - بازار پۇقرالىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كىلىدىغان ساپ كىرىمىنىڭ 3382 يۈەنگە، بىڭتۈەنلىك خىتاي دېھقانلىرىنىڭ بولسا 1526 يۈەنگە يەتكەنلىكىنى بايان قىلغان. يۇقىرىقى رەقەملەر بۇيىچە بولغاندا، بىڭتۈئەندىكى شەھەرلىك خىتايلارنىڭ يىللىق كىشى بېشىغا توغرا كىلىدىغان ساپ كىرىمى 13 مىڭ 500 يۇەندىن، دېھقانلارنىڭ بولسا 6100 يۇەندىن ئاشىدۇ.

شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىقتىسادىنىڭ يېرىمى بىڭتۇەننىڭ كونتروللۇقىدا

بۈگۈن خىتاينىڭ رەسمىي ستاتىستىكىلىرىدا بىڭتۇەننىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 3 مىليونغا يېقىن بولۇپ، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ تەخمىنەن 11 - 12 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ، ئەمما شەرقىي تۈركىستاننىڭ سودىدىكى ئىمپورت - ئېكىسپورت مىقدارىنىڭ يېرىمىنى دېگۈدەك بىڭتۇەن تەشكىل قىلماقتا، مەسىلەن، " تيانشان تورى " نىڭ بۈگۈنكى بىر خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 1 - ئايدىن 7 - ئايغىچە بولغان مەزگىلگىچە بىڭتۇەننىڭ تاشقى سودىدىكى ئېكىسپورت مىقدارى، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئېكىسپورت مىقدارىنىڭ 48.4 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلغان، " ئاپتونوم رايون "غا قاراشلىق تاشقى سودا شىركەتلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 1480 بولۇپ، بىڭتۈەنگە قاراشلىق تاشقى سودا شىركەتلىرىنىڭ سانى بولسا 1216.

يۇقىرىقى سانلىق مەلۇماتلار شۇنى ئېنىق كۆرسىتىپ تۇرۇپتىكى، " ئۈرۈمچى خەلقئارا سودا يەرمەنكىسى"، يەرلىك خەلققە، بولۇپمۇ ئۇيغۇر خەلقىغە قىلچە بىر نەپ ئېلىپ كەلگىنى يوق، خۇددى يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكۈنۈمدەك، بۇ يەرمەنكە، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ كۆزىنى بۇياش، يەرلىك خەلقنى تالان - تاراج ۋە قاقتى - سوقتى قىلىش ئۈچۈن قوللىنىپ كېلىۋاتقان سىياسى بىر ۋاستىسىدىنلا ئىبارەت، خالاس !     
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.