ئۇيغۇرلارغا ئولىمپىك بېسىمى (1)

ئولىمپىكىنىڭ خىتايدا ئۆتكۈزۈلۈشى بىلەن بىرلىكتە دۇنيانىڭ كۆزى خىتايغا قادالدى. خىتاي ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش بىلەن بىرلىكتە ئۆزىنىڭ كۈچلۈك بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى دۇنياغا كۆز - كۈز قىلىشنى نىيەت قىلغان بولسىمۇ، ئەھۋال ئويلىمىغان يەردىن چىقتى.

0:00 / 0:00

خىتايدا ئارقا - ئارقىدىن مەيدانغا كەلگەن ۋەقەلەر، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلەر، ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىك ۋەقەلىرى خىتاي قانچە يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغانسىرى ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۈچۈن خىتايغا بارغان دۇنيا مۇخبىرلىرىنىڭ ئاپاراتلىرىغا، سىنئالغۇلىرىغا ئېلىنىپ ئاشكارە بولۇپ ماڭدى. مانا بۇ قاتاردا خىتاينىڭ قارا قازاننى دۈم كۆمتۈرگەندەك دۇنيادىن ساقلاپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىمۇ كۈن يورۇقلۇقىغا چىقىپ، دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدىن كەڭ كۆلەمدە يەر ئېلىشقا باشلىدى.

تۈركىيىدە چىقىدىغان نوپۇزلۇق گېزىتلەرنىڭ بىرى بولغان "ھۆرىيەت" گېزىتىنڭ لوندوندا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى فارۇك زابچى ئەپەندى ئولىمپىكنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇر دىيارىغا مەخپىي ھالدا بېرىپ خەۋەر يازغان مۇخبىرلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ "ئۇيغۇرلارغا ئولىمپىك بېسىمى" ناملىق چاتما ماقالىلىرى "ھۆرىيەت" گېزىتىدە رەسىملەر بىلەن بىللە ئېلان قىلىندى. بۇ چاتما خەۋەرلەردە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ۋەزىيىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرى ھەققىدە ئىنتايىن تەپسىلى مەلۇمات بېرىلگەن بولۇپ، گېزىتتە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن تۈركىيىدىكى كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدە تولۇق مەلۇماتقا ئىگە بولۇشى ئۈچۈن رول ئويناپ، ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا غۇلغۇلا ياراتتى.

شىنجاڭغا ئىككىنچى قېتىملىق مەخپىي زىيارەت

" ھۆرىيەت" گېزىتى مۇخبىرى فارۇك زابجى ئەپەندىنىڭ چاتما ماقالىلىرىنىڭ بىرىنچى بۆلۈمىنىڭ تېمىسى " سىنكانئا ئىكىنكى گىزلى زىيارەت" يەنى شىنجاڭغا ئىككىنچى قېتىملىق مەخپى زىيارەت ـ بولۇپ، ماقالىنىڭ كىرىش قىسمىدا ئۇيغۇر دىيارىغا تۇنجى قېتىم بارغان ۋاقتىدىكى تەسىراتىنى ئاڭلىتىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ: "مەن تۇنجى قېتىم 2006 - يىلى 4 - ئايدا مەخپىي ھالدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا بارغان بولساممۇ، ئەمما مەن بۇ ھەقتە بىر نەرسە يېزىش ئېھتىياجىنى ھېس قىلمىغان ئىدىم. چۈنكى، مەن ئۇ ۋاقىتتا ناھايىتى ياخشى تەسىراتلارغا ئىگە بولغان ئىدىم. چۈنكى كۆزۈمگە ھەممە ئادەم بەخت - سائادەت ئىچىدە ياشاۋاتقاندەك كۆرۈنگەن، ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتلىرىدا بايان قىلىنغاندەك ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرىنى كۆرەلمىگەن ئىدىم. ئۇيغۇر رايونىدا تۇرغان 3 ھەپتە ئىچىدە بىرمۇ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرى ئۇچرىتىپ باقمىغان ئىدىم. پەقەتلا مەسچىتكە بېرىپ ناماز قىلغان دۆلەت كادىرلىرىنىڭ ئىشتىن چىقىرىلىۋېتىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر تىلى مائارىپىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى سەزگەن ئىدىم. لېكىن ھەممە ئادەم ھاراق ئىچىپ، مۇھەببەتلىرى بىلەن يەپ - ئىچىپ ئويناپ يۈرۈيتتى، ھېچكىم ماڭا تۇرمۇشىدىن مەمنۇن ئەمەسلىكىنى دېيىشكە جاسارەت قىلالمىغان ئىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنچىۋالا قورقۇپ كەتكىنىنى بولسا بۇ قېتىمقى زىيارىتىمدە چۈشۈنۈپ يەتتىم."

ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىشتىكى مەقسىتى

ژۇرنالىست فارۇق زابجى ئەپەندى بۇ قېتىم ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىشتىكى مەقسىتى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ: "3 - ئايدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنماقتا، بۇلار تېررورىست دەپ بايانات بەرگىنىدە، بۇ رايونغا بولغان قىزىقىشىم تېخىمۇ كۈچەيدى. ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئالدىدا ئۇيغۇرلارنى ئەيىبلەۋاتقان نەرسىلەر توغرىمۇ ئەمەسمۇ، بۇلارنى ئېنىقلاش ئۈچۈن بۇ رايونغا باردىم. راستىنلا تىبەت ۋە ئۇيغۇرلار قوزغىلىۋاتامتى؟ خىتاي جاسۇسلىرىغا ئۇقتۇرماستىن ئۇيغۇر رايونىغا قانداق بارىدىغانلىقىمنى ياخشى بىلەتتىم. 2006 - يىلى ئۆزۈمنى كارخانىچى دەپ تونۇشتۇرۇپ تۇرۇپ خوڭكوڭ ۋە بېيجىڭ ئارقىلىق شىنجاڭغا بارغان ئىدىم. ئەگەر مەن خىتاي ھۆكۈمىتىگە بىر ژۇرنالىست بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۇيغۇر رايونىغا بارىمەن، دېگەن بولسام بېرىشىمغا رۇخسەت قىلمىغان بولاتتى. بەرگەندىمۇ ئارقامغا ئادەم سېلىپ قوياتتى، ئەركىن ھەرىكەت قىلالمىغان بولاتتىم. يەپ - ئىچىپ، ئويناپ رەسىمگە تارتىپ يېنىپ كەلگەن بولاتتىم."

ئولىمپىك مۇسابىقىسى باھانە، ئۇيغۇرلارغا قاتتىق زۇلۇم

فارۇق زابجى ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا بېرىشتىن بۇرۇن خىتايلارنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ ئۇيغۇرلارغا قاتتىق زۇلۇم قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات ئالغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ: " مەن لوندوندا ئالغان مەلۇماتىمدا، ئولىمپىك مۇسابىقىسى باشلاشتىن بۇرۇن ئۇيغۇرلارغا بولغان بېسىم چىدىغۇسىز ھالغا كەلدى دەپ ئاڭلىغان ئىدىم. شۇنىڭ بىلەن مەن بىرىنچى قېتىم ئۈرۈمچىگە بارغاندا ماڭا ياردەم قىلغان كىشىلەرنى بۇ قېتىم بارغاندا ئىزدىمەسلىكنى ئويلىدىم. چۈنكى، بىرسى ماڭا: 'ئۇلار بىلەن كۆرۈشسەڭ ئۇلارنىڭ ھاياتى خەۋپ ئاستىغا كىرىدۇ. بېشىنى بالاغا تىقىسەن. بولۇپمۇ ئىنگىلىزچە بىلىدىغان ئۇيغۇرلار خىتاي جاسۇسلىرى تەرىپىدىن قاتتىق تەقىپ قىلىنماقتا. ئۇلارغا تېلېفون قىلما، چۈنكى خىتايلار گۇمانلىق دەپ قارىغانلىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ تېلېفونىنى مەخپىي ھالدا ئاڭلايدۇ. ئولىمپىك مەزگىلىدە ئازراقلا شۈبھىلەنگەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى تۈرمىگە تاشلاۋېتىپتۇ، شەرقىي تۈركىستاندا تۈرمىلەردە بوش يەر قالماپتۇدەك،' دەپ سۆزلەپ بەردى. بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە ئىككى يىل بۇرۇن ئۇيغۇر رايونىغا بارغاندا ماڭا تەرجىمانلىق قىلىپ بەرگەن كىشىلەر بىلەنمۇ كۆرۈشۈپ ئۇلارنى ئاۋارە قىلىشنى توغرا تاپمىدىم. ئۇلارمۇ ماڭا ئۇيغۇرلار ھەققىدە تۈزۈك مەلۇمات بەرمىگەن ئىدى، ماڭا پەقەتلا شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بەخت - سائادەت ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى دېگەن ئىدى."

ئۇيغۇر رايونىغا كىرگەن چەتئەللىك مۇخبىرلار

تۈركىيىدىكى نوپۇزلۇق گېزىتلەردىن بىرى بولغان "ھۆرىيەت" گېزىتىنىڭ لوندوندىكى مۇخبىرى بولغان فارۇق زابجى ئەپەندى، 7 - ئاۋغۇست كۈنى "ھۆرىيەت" گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇرلارغا ئولىمپىك بېسىمى ماۋزۇلۇق ماقالىسىنىڭ بىرىنچى قىسمىنىڭ ئاخىرىدا ھازىرغىچە ئۇيغۇر رايونىغا كىرگەن چەتئەللىك مۇخبىرلار ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ: "2006 - يىلى بۇ رايونغا كېلىپ ئۇيغۇر تۈركلىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارالىغان جۇرنالىست مەن ئىدىم. خوڭكوڭدىكى ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى 2005 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا بىرلا قېتىم شىنجاڭغا كىرەلىگەن ئىدى. خىتايلار خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ خىتايدا ئىشخانا ئېچىشىغا رۇخسەت قىلمىغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەللىك جۇرنالىستلارنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا بېرىشىغا رۇخسەت قىلمايدىكەن. قەشقەردە يەر تەۋرىگەندىمۇ چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ بېرىشىغا رۇخسەت بېرىلمىگەن ئىدى، چۈنكى خىتايلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشىدىن قورقۇدىكەن."

جۇرنالىست فارۇق زابجى ئەپەندى ماقالىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قانچە ئاي بۇرۇن ئا پ ۋە رىئويتېرۇس قاتارلىق خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىنىڭ مۇخبىرلىرىنى كىرىشكە رۇخسەت قىلغان بولسىمۇ ئۇلارنىڭ كەينىگە جاسۇس سېلىپ قويغاچقا پەقەتلا خىتايلار كۆرسىتىپ بەرگەن يەرلەردىلا رەسىم تارتالىغانلىقىنى، ئەمما ئۆزىنىڭ بولسا تۈرك بولغانلىقتىن ئۇيغۇرلارغا ئوخشاپ كەتكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەخپىي ھالدا كىرگەنلىكتىن كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار بىلەن راھەت سۆھبەت ئېلىپ بېرىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "2006 - يىلىدىن كېيىن چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ شىنجاڭغا بارغانلىقىنى ئاڭلاپ باقمىدىم. پەقەت بىر قانچە ئاي بۇرۇن "ئا پ" ۋە رويتېرىس خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرلىرى ئۇيەردە تارتقان رەسىملەرنى ئېلان قىلالىدى. لېكىن ئۇلار قاتتىق كونترول ئاستىدا بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەتلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىدى. مېنىڭ ئارتۇقچىلىق تەرىپىم بولسا مېنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئوخشاشلىقىم ئىدى. خاتا ھەرىكەت قىلىپ ئۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتىپلا قويمىسام مېنى پەرق ئېتەلمەيتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن ئۇ يەرگە مۇخبىر كىملىكىم بىلەن ئەمەس، بەلكى بىر نورمال تىجارەتچى سالاھىيىتى بىلەن كىرگەن ئىدىم. شىۋېتسىيىلىك بىر مۇخبىرمۇ ماڭا ئوخشاش كېلىپ قەشقەرگە بارالىغان ئىدى. بىرىنچى قېتىم ھېچكىم بىلەن كۆرۈشۈش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن بۇ كىشى ئىككىنچى قېتىم قەشقەرگە كەلگىنىدىلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشەلىگەن ۋە كەمبەغەل ئۇيغۇر ئائىلىلىرى بىلەن بىرلىكتە ياشاپ ئۇيەردە تارتقان رەسىملىرى بىلەن دۆلىتىگە قايتقاندىن كېيىن بىر كۆرگەزمە ئاچقان ئىدى. خىتايلارنىڭ ئېسىل ئۆيلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ كەمبەغەللىك يېغىپ تۇرىدىغان ئۆيلىرىدىكى ئاسمان زېمىن پەرقنى ئوتتۇرىغا چىقارغان ئىدى. مەن بۇ يەرگە مېڭىشتىن بۇرۇن لوندوندا كۆرۈشكەن ئۇيغۇرلارغا : "مەن تۇنجى قېتىم بارغىنىمدا سىلەر دېگەندەك ئەھۋاللارنى كۆرمىدىم، نېمىنى يازىمەن، ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق يەپ - ئىچىۋاتقىنىنىمۇ، قانداق ئويناۋاتقىنىنىمۇ؟،" دېگىنىمدە ئۇلار ماڭا : ئۇلار سىزگە رىئاللىقنى دېيەلمەيدۇ، بولمىسا كاللىسىنىڭ كېتىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. سىزنىڭ تۈرك جۇرنالىست بولغانلىقىڭىزنى بىلىپ قالسا كېيىن بېرىپ سىزنىڭمۇ ئىز - دېرىكىڭىزنى قىلالمايمىز، خىتايدا ھەممە كىشى ئىشپىيون، ئارقامدا ئادەم يوق دەپ ئويلايسىز، لېكىن ئارقىڭىزدا ئاز دېگەندە 4 - 5 ئادەم بار، شۇڭا دىققەت قىلىڭ،" دەپ مېنى ئاگاھلاندۇردى."