بۇلاردىن سىرت ھۆكۈمەت سىياسىي ئۆكتىچىلەرنىڭ نارازىلىق شۇئارلىرىنى توۋلاش ۋە لوزۇنكا قىلىپ ئېسىشىنى قەتئىي چەكلىگەن بولۇپ، مەتبۇئاتلار، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە قارشى توۋلانغان شۇئارنى خۇددى پارتلاتقۇچ بومبىغا ئوخشاش بىر تەھدىت دەپ ھېسابلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
نۇرغۇنلىغان مەتبۇئاتلار بېيجىڭغا يىغىلىپ، زىيارىتىنى باشلاش ھارپىسىدا، خوڭكوڭدىكى ئالما گېزىتى، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ خىتايدىكى ئەڭ داڭلىق جاي ھېسابلانغان، بولۇپمۇ خىتاي 1989 - يىلى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دېموكراتىك ھەرىكىتىنى قوراللىق باستۇرغان تيەنئەنمېن مەيدانىنى قاتتىق تەكشۈرۈش ئاستىغا ئالغانلىقىنى بىلدۈردى. 8 - ئاينىڭ 2 - كۈنىدىن باشلاپ، بارلىق ئاخباراتچىلار ئالدىن تېلېفۇن ئۇرۇپ، رۇخسەتكە ئېرىشكەندىن كېيىن ئاندىن مەيدانغا كىرىش ئىجازىتىگە ئېرىشەلەيدىكەن.
بۇ ھەقتە يېزىلغان يەنە بىر مۇلاھىزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەچچە يۈز مىڭ قوراللىق ئەسكەرنى ئىشقا سېلىپ، كىشىلىك ھوقۇققا ئائىت سۆزلەر يېزىلغان لوزۇنكىلارنىڭ، ئولىمپىك مەيدانىدا پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تەييارلانغانلىقىنى، دېموكراتىك ھەرىكەتلەرنىمۇ تېررورلۇققا زەربە بېرىش دەپ باستۇرۇش ئوبېكتى قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
خىتاينىڭ بىر قانچە جايلىرىدا پارتلاش يۈز بەرگەندىن كېيىن، ھۆكۈمەت ئاممىۋى قاتناش قوراللىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئالاھىدە كۈچەيتتى.
بېيجىڭنىڭ غەربىي ۋوگزالىغا يېقىن بىر جايدا خىزمەت قىلىۋاتقان بىر خىتاي ئىستانسىمىز مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ بەكمۇ پاكىزە شۇنىڭدەك جۇشقۇن بىر كەيپىياتقا چۆمگەنلىكىنى، چەتئەللىك مېھمانلارنىڭ ناھايىتى كۆپ ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ بىلەن تەڭ ھۆكۈمەتنىڭ بىخەتەرلىكنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ بولۇپمۇ، ئاممىۋى قاتناش قوراللىرىدىن ئاپتوبۇس ۋە مېترولارنى قاتتىق تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ ": مەن ئولىمپىك مۇراسىمىنىڭ بىخەتەر ۋە خاتىرجەم ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، مەن ھەر كۈنى مېتروغا ئولتۇرۇپ، خىزمەتكە بارىمەن، بۇرۇن قول سومكىلىرىمىز تەكشۈرۈلمەيتتى، ھازىر سومكىلىرىمىز بىردەك تەكشۈرۈلىدۇ، بۇ خىل تەكشۈرۈش خىزمىتى تېخى ئىككى كۈن ئىلگىرى يولغا قويۇلۇشقا باشلىدى" دېدى.
بېيجىڭدىن باشقا، شېنياڭ شەھىرىدىمۇ ئاپتوبۇس پارتلىتىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، قاتتىق تەكشۈرۈش تەدبىرلىرى ئېلىنغان بولۇپ، شېنياڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تېررورلۇققا قارشى تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئېلان قىلىپ، ئاپتوبۇس بېكەتلىرىنى نۇقتىلىق بېكەت، ئاممىۋى سورۇن ۋە كوچىلارنى چارلاش نۇقتىسى قىلىپ بېكىتكەن.
ساقچى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ شەھەردىكى ئاممىۋى جايلاردا ساقچى پوستلىرى تۇرغۇزۇلغاندىن باشقا يەنە، تاكسى شوپۇرلىرى تېررورلۇققا زەربە بېرىشتە ئۇچۇر تەمىنلىگۈچى رولىنى ئوينايدىكەن.
بۇلاردىن سىرت، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ ئۆز ۋەدىسىگە ئەمەل قىلماي چەتئەل مۇخبىرلىرىغا ئەركىنلىك بەرمەيۋاتقانلىقىمۇ نۆۋەتتىكى مۇھىم مەسىلىلەردىن بىرى بولۇپ تىلغا ئېلىنماقتا. دۈشەنبە كۈنى ئولىمپىك مۇناسىۋىتى بىلەن ماكانلىرىدىن مەجبۇرىي كۆچۈرۈلگەن 20 نەچچە كىشى، بىر ئاشخانىدا چەتئەللىك مۇخبىرلارغا يولۇقۇپ قالغان، ئەمما پۇقراچە كىيىنگەن ساقچى ۋە قوغدىغۇچى خادىملارنىڭ كاشىلا چىقىرىشى نەتىجىسىدە زىيارەت ئاخىرغىچە ئوڭۇشلۇق داۋاملاشمىغان.
شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۆيىدىن مەجبۇرىي كۆچۈرۈۋېتىلگەن ما شيۇليەننىڭ ئىستانسىمىز مۇخبىرىغا بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بىر مۇخبىرى، ئەرزدارلاردىن بىرىنى زىيارەت قىلىۋاتقاندا، ھۆكۈمەتكە خىزمەت قىلغۇچى بىر كىشى قەستەن ئەرزدارنىڭ ئالدىنى توراپ، كاشىلا چىقارغان، مۇخبىر 147 - نومۇرلۇق ھۆججەتتە ئەگەر پۇقرالار مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلسا، ھەر قانداق بىر ئادەمنىڭ بۇنىڭغا ئارىلىشىش ھوقۇقى يوق ئىكەنلىكىنى ئېيتقاندىن كېيىن، ئاندىن ئامالسىز ئۆزىنى چەتكە ئالغان.
ئىلگىرى بېيجىڭ ئىقتىساد ھەپتىلىك گېزىتىنىڭ مۇئاۋىن تەھرىرى گاۋ يۈ ئىستانسىمىزغا ":ئوچۇق - ئاشكارا كاشىلا چىقىرىپ، كىشىلەرنىڭ ئەركىنلىكىنى توسايدىغان بۇنداق ۋەقەلەر ئۈچۈن مەخسۇس ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بۇ قانداقمۇ، ئولىمپىك جەريانىدا زىيارەت قىلىش ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ھېسابلىنىدۇ،" دېدى.
بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق بىر چەتئەل مۇخبىرى ئىستانسىمىزغا، ئۆزلىرىنىڭ بېيجىڭدا ئۇچراۋاتقان قېيىنچىلىقلىرىنىڭ بەكمۇ ئېغىر ئىكەنلىكىنى، ئولىمپىك جەريانىدا چەتئەل مۇخبىرلىرىغا كەڭچىلىك بېرىلىدۇ دېگەننىڭ تامامەن بىر قۇرۇق سۆزدىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ يەنە مۇنداق دېدى: " مەن زىيارەت قىلغان ئادەملەرنىڭ ھەممىسىگە، ساقچىلار 'سىلەر بىلەن كۈزدە ھېسابلىشىمىز، ئالدىرىماي تۇرۇڭلار' دېگەن، شۇڭا ئولىمپىكتىن كېيىن ۋەزىيەت ئانچە ياخشى بولمايدىغاندەك تۇرىدۇ، ھەممىلا يەردە ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرغان قۇلاقلىرى بار، ئۇلار چەتئەللىك مۇخبىرلارنى كۆرگەن ھامان ئارقىغا چۈشۈپ، ئۇلارنىڭ بارلىق ھەرىكەتلىرىنى كۆزىتىدىكەن."