ئولىمپىكتىن كېيىنكى خىتاي ‏- غەرب مۇناسىۋەتلىرى

ئالدىنقى كۈنى كانادانىڭ ئەڭ چوڭ تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىن بىرى بولغان كبك تېلېۋىزىيىسىدە ئولىمپىك مەشئىلى ۋە چەتئەللەردىكى بۇنىڭغا قارشى نارازىلىق ھەرىكەتلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىگە تۇتقان مەيدانى شۇنداقلا ئولىمپىكتىن كېيىنكى، غەرب دۆلەتلىرى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزىلىدىغان كىشىلىك ھوقۇق سۆھبەتلىرىنىڭ مەنزىرىسى قاتارلىق مەسىلىلەردە سۆھبەت ئۆتكۈزۈلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻛﺎﻣﯩﻞ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.05.06

 بۇ سۆھبەتكە كانادا برىتىش كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يېقىنقى زامان خىتاي تارىخى پەنلىرى بۇيىچە پروفېسسورى دىئانا لاري،كانادا بروكك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسەت پەنلىرى پروفېسسورى، خىتايشۇناس چارلەس بۇرتون ۋە "يەرشارى پوچتىسى" گېزىتىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى جان ۋۇڭ قاتارلىق ئۈچ مۇتەخەسسىس قاتناشتى.

ئۇلار كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر دەپسەندە قىلىۋاتقان خىتاينىڭ ئىچكى يۈزىنىڭ،ئولىمپىك ھارپىسىدا دۇنياغا جامائىتىگە قايتىدىن ئاشكارىلانغانلىقى، دېموكراتىك سىياسەت يۈرگۈزۈشنى رەت قىلىۋاتقان خىتاي دائىرلىرىنىڭ تىبەتلىكلەر ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر خىل ھوقۇقلىرىنى چەتكە قېقىۋاتقانلىقى، ئۇلارنى باستۇرۇۋاتقانلىقى، ئولىمپىكتىن كېيىن غەرب دۆلەتلىرى بىلەن خىتاينىڭ سىياسىي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ قىيىن ۋە مۇرەككەپ بولىدىغانلىقى قاتارلىقلارنى ئوتتۇرىغا قويدى.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.