بېيجىڭ ئولىمپىكىدىن كېيىنىكى خىتاينىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشى ھەققىدە مۇلاھىزىلەر
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩلى ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.08.26
2008.08.26
1988 - يىلىدىكى سىئول ئولىمپىكىدىن كېيىن، جەنۇبىي كورىيە دېموكراتىيلىشىشكە باشلىدى. ئەمدى 2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىكدىن كېيىن خىتاي قايسى يولغا ماڭىدۇ؟
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر ئىچكى قىسمىدا قوللىنىۋاتقان سىياسەتلىرى بېرلىنچە، ئەمما دېپلوماتىيە جەھەتتە سئولچە بولىۋاتىدۇ. خەلقئارا ھازىر خىتاينىڭ قايسى يولغا ماڭىدىغانلىقىغا دىققەت قىلماقتا، چۈنكى بۇ ئىككى خىل مودېلنى تەڭ قوللىنىش مۇمكىن ئەمەس.
روبېرت سامىلسون ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتايدىن دۇنياغا كېلىدىغان ھەقىقىي تەھدىت خىتاينىڭ ئىقتىسادىي كۈچى ئەمەس، ئەگەر تەھدىت بولىدۇ دېيىلسە، ئۇ پەقەت خىتاينىڭ پۈتۈن يەر شارىدا سودا قائىدىلىرىنى بۇرمىلاپ - بۇزۇپ، دۇنيانىڭ ئىقتىسادىدا تەڭپۇڭسىزلىق پەيدا قىلىۋاتقانلىقى. ھازىر پۈتۈن يەر شارىدا ئىقتىسادىي مۇقىمسىزلىق مەۋجۇت، ئەگەر بۇنداق ئەھۋال داۋاملىشىۋەرسە دۇنيا ئىقتىسادىي تېخىمۇ يامانلىشىدۇ.
روبېرت سامىلسون ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي 2001 - يىلى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگەندىن كېيىن، بۇ تەشكىلاتنىڭ قائىدىلىرىگە ئەمەل قىلماي، مەقسەتلىك ھالدا خىتاي پۇلىنىڭ بازاردا ئەركىن ئابىروت قىلىنىشىنى چەكلەپ، ئۆزىنىڭ كونا ئادىتى بۇيىچە، باشقا ئەللەردە ئىقتىسادىي جەھەتتە بۇلاڭ - تالاڭ قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. خىتاينىڭ تاشقى سودىدىكى تاپاۋىتىمۇ، پۈتۈنلەي خەلق ئىچىدىكى ئەرزان ئەمگەك كۈچلىرىنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىش ئارقىلىق بولىۋاتىدۇ.
فاڭ جۆ ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، خۇجىنتاۋ دېموكراتىيىگە ماڭماي، كونا يولغا قايتىش خىيالىدا بولۇپ كەلدى. مەسىلەن، خۇجىنتاۋ دۆلەتنىڭ ھەممە ئورگانلىرىنى ئۆزىنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىغان قىلىش ئۈچۈن، خۇددى ھېچقاچان قانۇن ئوقۇپ باقمىغان ۋاڭ شېڭجۈننى ئەڭ ئالى سوت مەھكىمىسىگە باش سوتچىسى قىلغاندەك، تەرەپبازلىق بىلەن شۇغۇللاندى. ھازىر ئۇ ھەربىي قىسىملارغا ئۆزىنىڭ تەرەپبازلىرىنى قويۇپ، ھەربىي قىسىملارنى ئۆزىنىڭ قۇماندىسىغا بوي سۇنىدىغان قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ.
خىتاي ھازىر بېرلىن بىلەن سىئول ئوتتۇرىسىدا
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئوبزورچىسى چېن كۇيدﯤ ئەپەندى مەلۇم بىر ياپونىيە مۇخبىرىنىڭ 'ئولىمپىكتىن كېيىن خىتاي مۇقەررەر ھالدا دېموكراتىيىلىشىشكە يۈزلىنىدۇ' دېگەن قارىشىغا قوشۇلمايدۇ، ئۇنىڭ قارىشىچە، بېيجىڭ ئولىمپىكىدىن كېيىنكى خىتاينىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشى ھەققىدە ھازىر يەكۈن چىقىرىش تېخى بالدۇر، ئەمما شۇنىسى ئېنىقكى، خىتاي ھازىر بېرلىن مودېلى بىلەن سىئول مودېلى ئوتتۇرىسىدا تېڭىرقاپ تۇرىۋاتىدۇ.خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر ئىچكى قىسمىدا قوللىنىۋاتقان سىياسەتلىرى بېرلىنچە، ئەمما دېپلوماتىيە جەھەتتە سئولچە بولىۋاتىدۇ. خەلقئارا ھازىر خىتاينىڭ قايسى يولغا ماڭىدىغانلىقىغا دىققەت قىلماقتا، چۈنكى بۇ ئىككى خىل مودېلنى تەڭ قوللىنىش مۇمكىن ئەمەس.
خىتايدىن دۇنياغا كېلىدىغان ھەقىقىي تەھدىت 'خىتاينىڭ ئىقتىسادىي كۈچى' ئەمەس
ھازىر بەزى خىتايچە ئۇچۇر ۋاستىلىرى، مەسىلەن: دوۋېي ئاگېنېتلىقى، ئولىمپىكتىن كېيىن خىتاي دۇنياغا تەھدىت بولىدۇ، دەۋاتىدۇ. ئەمما پىشقەدەم ئىقتىسادىي ئوبزورچى روبېرت سامىلسون ئەپەندى بۇ كۆز قاراشقا قوشۇلمايدۇ. ئۇنىڭ 'ۋاشىنگتون پوست گېزىتى'دە ئېلان قىلغان ئوبزورىدا بايان قىلىنىشىچە، ھازىر دېيىلىۋاتقان 'گەرچە خىتاينىڭ ھازىرقى ئىقتىسادىي كۆلىمى ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئاران تۆتتىن بىرىچىلىك بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئىككى دۆلەت ئۆزىنىڭ ھازىرقى سۈرئىتىدە تەرەققى قىلىۋەرسە، خىتاي 2020 - يىلى ئامېرىكىدىن ئېشىپ كېتىدۇ' دېگەن بۇ پەرەز توغرا ئەمەس. ئەمەلىيەتتە خىتاي نۇپۇس بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىم جەھەتتە ئامېرىكىغا يېتىۋېلىشقىمۇ ناھايىتى ئۇزۇن مۇساپە بار. 2050 - يىلىغا كەلگەندە ئامېرىكىدىكى سەۋىيىنىڭ يېرىمىغا يېتەلىسە چوڭ گەپ.روبېرت سامىلسون ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتايدىن دۇنياغا كېلىدىغان ھەقىقىي تەھدىت خىتاينىڭ ئىقتىسادىي كۈچى ئەمەس، ئەگەر تەھدىت بولىدۇ دېيىلسە، ئۇ پەقەت خىتاينىڭ پۈتۈن يەر شارىدا سودا قائىدىلىرىنى بۇرمىلاپ - بۇزۇپ، دۇنيانىڭ ئىقتىسادىدا تەڭپۇڭسىزلىق پەيدا قىلىۋاتقانلىقى. ھازىر پۈتۈن يەر شارىدا ئىقتىسادىي مۇقىمسىزلىق مەۋجۇت، ئەگەر بۇنداق ئەھۋال داۋاملىشىۋەرسە دۇنيا ئىقتىسادىي تېخىمۇ يامانلىشىدۇ.
روبېرت سامىلسون ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي 2001 - يىلى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگەندىن كېيىن، بۇ تەشكىلاتنىڭ قائىدىلىرىگە ئەمەل قىلماي، مەقسەتلىك ھالدا خىتاي پۇلىنىڭ بازاردا ئەركىن ئابىروت قىلىنىشىنى چەكلەپ، ئۆزىنىڭ كونا ئادىتى بۇيىچە، باشقا ئەللەردە ئىقتىسادىي جەھەتتە بۇلاڭ - تالاڭ قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. خىتاينىڭ تاشقى سودىدىكى تاپاۋىتىمۇ، پۈتۈنلەي خەلق ئىچىدىكى ئەرزان ئەمگەك كۈچلىرىنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىش ئارقىلىق بولىۋاتىدۇ.
خۇجىنتاۋنىڭ سىياسىي ئىسلات ئېلىپ بېرىش ئىپادىسى كۆرۈلمىدى
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئوبزورچىسى فاڭجۆ ئەپەندىنىڭ مۇلاھىزە قىلىشىچە، بېيجىڭ ئولىمپىكىدىن كېيىن، خۇجىنتاۋنىڭ سىياسىي ئىسلات ئېلىپ بېرىش جەھەتتە ھېچقانداق ئىپادىسى كۆرۈلمىدى. بەلكى ئۇنىڭ ئەكسىچە، خۇجىنتاۋ ئولىمپىكنى 'يېڭى سىياسىي پۇرسەت' بىلىپ، دۆلەت ئىچىدە خەلقنىڭ پىكىر ۋە دىنىي ئېتىقات ئەركىنلىكىنى تېخىمۇ قاتتىق چەكلەپلا قالماي، دۆلەتنىڭ ھوقۇق قاتلىمىدىمۇ يەنە تەرەپبازلىق ئارقىلىق قولىدىكى ھوقۇقنى كېڭەيتىپ كونا يولغا قايتىش خىيالىدا بولىۋاتىدۇ.فاڭ جۆ ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، خۇجىنتاۋ دېموكراتىيىگە ماڭماي، كونا يولغا قايتىش خىيالىدا بولۇپ كەلدى. مەسىلەن، خۇجىنتاۋ دۆلەتنىڭ ھەممە ئورگانلىرىنى ئۆزىنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىغان قىلىش ئۈچۈن، خۇددى ھېچقاچان قانۇن ئوقۇپ باقمىغان ۋاڭ شېڭجۈننى ئەڭ ئالى سوت مەھكىمىسىگە باش سوتچىسى قىلغاندەك، تەرەپبازلىق بىلەن شۇغۇللاندى. ھازىر ئۇ ھەربىي قىسىملارغا ئۆزىنىڭ تەرەپبازلىرىنى قويۇپ، ھەربىي قىسىملارنى ئۆزىنىڭ قۇماندىسىغا بوي سۇنىدىغان قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ.