«خىتايدا 30 يىلدىن بېرى بوۋاقلار ئۆلتۈرۈلۈۋاتىدۇ»
2011.12.15

تۈركىيىدە تونۇلغان ژۇرنالىست ئېلى سايدام يازغان بۇ ئوبزوردا خىتاينىڭ 30 يىلدىن بېرى ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان تراگېدىيە بايان قىلىنغان بولۇپ، 3 كۈن ئىچىدە 10 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇرمەن بۇ ئوبزورنى ئوقۇغان.
ئېلى سايدام ئەپەندى ئالدى بىلەن خىتاينىڭ تۈركىيىدە كۆپرەك بىلىنگەن ئىجابىي تەرىپى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ:
-خىتاي كۈچلىنىۋاتقان دۆلەت ئەمەسمىدى؟ ئۆتكەندە ماركېتىڭ تۈركىيە ناملىق تور بېتى گېزىتىدە لورد چادلىڭتوننىڭ خىتاي ھەققىدىكى سۆزلىرىگە يەر بېرىلگەن ئىدى. ئۇ، ئەگەر يېشىڭىز 25 ياشتىن كىچىك بولسا، خىتاي تىلىنى ئۆگىنىڭ، خىتاي، رۇسىيە ۋە برازىلىيىگە بېرىڭ. ئۇ دۆلەتلەرگە تىجارىي كۆز بىلەن قاراڭلار دەپ يازغان.
بۈگۈنكى ئوبزورىمىزدا، خىتاينىڭ ئېچىنىشلىق تەرىپىگە نەزەر سېلىپ باقايلى.
مەن بىلمەيتتىم. گېرمانىيەنىڭ دەر سپىېگەل ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان خىتاي ھەققىدىكى بىر ماقالىنى ئوقۇغان ۋاقتىمدا، مەن زاماننىڭ كەينىدە قاپتىمەن دەپ ئويلىدىم. مەن خىتاي ھۆكۈمىتى 2 پەرزەنت كۆرۈشكە رۇخسەت قىلىدۇ دەپ بىلەتتىم. ئەسلىدە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى 30 يىلدىن بۇيان بىر بالا تۇغۇشقا رۇخسەت قىلىۋېتىپتۇ. بەلكى ئاڭلاپ باقمىغانلىقىمىزدىن، بۇنىڭغا قارشى خەلقنىڭ نارازىلىقىنىڭ تازا بىلىنمەسلىكى ياكى خىتاينىڭ بۇ مەسىلىنىڭ دۇنياغا تۇيۇلۇشىنى توسۇشىدىن بولسا كېرەك، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بۇ ھەقتە ئېچىنىشلىق ۋەقەلەر، تراگېدىيىلىك ھېكايىلەر ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. نامايىشچىلارنىڭ ئەڭ داڭلىقى بېيجىڭلىق قانۇنچى.
ئوبزورچى ئېلى سايدام ئەپەندى ئوبزورىدا پىلانلىق تۇغۇتقا نارازىلىق بىلدۈرۈپ كوچىغا چىققان بېيجىڭلىق نامايىشچى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ:
-كۈنلەرنىڭ بىرىدە قولىدا لوزۇنكا كۆتۈرۈۋالغان بىر كىشى چوڭ بىر كوچىنىڭ ئوتتۇرىسىدا نامايىش قىلغان.
لۇزۇنكىغا مۇنۇلار يېزىلغان: «مېنىڭ ئىسمىم ياڭ جىجۇ، پىلانلىق تۇغۇت ئىشخانىسى ماڭا 240 مىڭ سوم جەرىمانە قويدى. مەن بۇ پۇلنى تۆلىيەلمەيمەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزۈمنى قۇل قىلىپ سېتىشنى قارار قىلدىم. مېنى سېتىۋالغان ئادەم ئۈچۈن ئۆلگۈچە خىزمەت قىلىمەن.»
ياڭ جىجۇ ئىككىنچى قىزى رۇ نەن ئۈچۈن ئېلىپ بارغان بۇ خىل كۈرەشلىرى بىلەن خىتايدا قەھرىمان ئېلان قىلىنغان. ئۇ جېنىنى تىكىپ قويۇپ ئۆزىگە كېسىلگەن جەرىمانىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش يولىنى تاللىغان.
نېمە دېگەن زىددىيەتلىك بىر ئىش. خىتاينىڭ نوپۇسى 1 مىليارد 300 مىليوندىن ئېشىپ كېتىپتۇ. ئەگەر خىتاي نوپۇسىنى تىزگىنلىيەلمىسە، جەمئىيەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداپ قېلىشى بەكلا قېيىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتايدا بوۋاقلارنى ئېلىپ قېچىش، سېتىشقا ئوخشاش جىنايەتلەرمۇ بەكلا كۆپلەپ كېتىپتۇ.
بۇرۇن بېيجىڭ ياش كادىرلار مەكتىپى قانۇن كافېدراسىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ياڭ ھازىرچە خىزمىتىدىن بوشۇتۇلغانلىقىنى، ئۆزىدىنمۇ ناچار ئەھۋالدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ بارلىقىنى ئېيتقان.
ئېلى سايدام ئەپەندى ئوبزورىدا دەر سپىېگەل ژۇرنىلىنىڭ مۇخبىرىنىڭ بىر دوختۇر بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنى كۆچۈرۈپ ئېلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ:
ژۇرنالنىڭ مۇخبىرى بىر ئايال دوختۇر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان. ئىقتىسادىي ئەھۋالى جايىدا بولغان بۇ ئايال دوختۇر، جاپا مۇشەققەت ئاستىدا، نومۇس ئىچىدە ئۆتكەن يىللىرىنى ئاڭلاتقان.
ئۇ 1980-يىللاردا دوختورخانىدا ئىشلىگەن مەزگىلدە ھەر كۈنى تەخمىنەن 10 بالىنى ئانىسىنىڭ قۇرسىقىدىن ئالىدىكەن. 1000 بالىنى چۈشۈرگەن ۋاقتىدا ھۆكۈمەت ئۇنىڭغا 50 سوم مۇكاپات پۇلى بېرىپتۇ. ئىسمىنى ۋۇ دەپ تونۇشتۇرغان بۇ ئايال ئىنتايىن ئېچىنىشلىق ھېكايىلەرنى ئاڭلاتقان. ئۇ يەنە مۇنۇلارنى دېگەن:
-بىز بەزىدە ھامىلە ئاياللارغا بىلىندۈرمەيلا ئوكۇل ئۇرۇۋېتەتتۇق. ئايال ھاجەتخانىغا كىرگەن ۋاقتىدا ئېقىپ كەتكەن نەرسىنىڭ بالىسى ئىكەنلىكىنى بىلمەي قالاتتى. دوختۇرخانىنىڭ ئارقا باغچىسىدىكى ئەخلەت ساندۇقلىرى 4،5،6، ھەتتا 7 ئايلىق بالىلارنىڭ جەسىتى بىلەن تولۇپ كېتەتتى.
ۋۇنىڭ يېڭى تۇغۇلغان بالىلارنى سۇدا قانداق بوغۇپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى بۇ يەردە تەپسىلىي يازمايمەن....
ئوبزوردا ئېلى سايدام ئەپەندى نامايىشچى ياڭنىڭ تراگېدىيىسىنىڭ داۋامىنى ئاڭلىتىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ:
-ياڭ قىزىنى چۈشۈرۈشنى خالىماپتۇ. باشقىلار قىلغاندەك، ھامىلە ئايالىنى تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىگە يوشۇرۇپ قويالايدىكەنتۇق ياكى مەكتەپتىن بىر مۇددەت ئايرىلىپ تۇرۇپ كېيىنچە ئوتتۇرىغا چىقسىمۇ بولىدىكەنتۇق. يەنە بىر چارە ئايالىنى تۇغۇش ئۈچۈن خوڭكوڭغا ئەۋەتىۋەتسىمۇ بولىدىكەنتۇق. بۇنى قىلىدىغان شىركەتلەرمۇ بار ئىكەن. باھاسى 85.000 خوڭكوڭ دوللىرى ئىكەن. ئەگەر باي بولغان بولسا بۇ يولنى تاللايدىكەنتۇق. ئەمما ياڭ سوتتا خىتاي دۆلىتىنى يېڭەلمەيدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ سوتقا بەرگەن. سوت زالىنى مەيدان قىلىپ تۇرۇپ بۇنى دۇنياغا ئاڭلىتىش نىيىتى بار ئىكەن. خىتايدا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ كۆپى ئوغۇل ئىكەن. قىزلارنى ئازايتساق نوپۇسنىڭ كۆپىيىشىنى تىزگىنلىيەلەيمىز دەپ ئويلىغان بولۇشى مۇمكۇن.
ياڭنىڭ خىزمەت ئورنى ئۇنى مەكتەپنىڭ يۈزىنى تۆكتى دەپ ئەيىبلەۋاتقان بولسىمۇ، ئىنتېرنېت ئارقىلىق ياڭنى قوللاپ-قۇۋەتلەيدىغانلارنىڭ سانى كۈنسايىن كۆپەيمەكتە ئىكەن. ئۇنىڭغا پۇل، يېمەك-ئىچمەك ۋە كېيىم-كىچەك ياردىمى يېغىۋېتىپتۇ. ئىنتېرنېت ئالاقىسى بۇ يەردە ئىنتايىن پايدىلىق بولغان. ياڭ ئىنتېرنېت مۇكاپاتىغا ئېرىشەلمەيدۇ، ئەمما تارىخقا يېزىلىدىغانلىقى ئېنىق.
ئۇ ئوبزورىنىڭ ئاخىرىدا ياڭنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىرتىدا تۇغۇلۇپ قالغان بالىسى ھەققىدە توختىلىپ:
-بىر بالا تۇغقانلارغا ماددىي ياردەم قىلىۋاتقان خىتاي رۇ نەنگە نوپۇس بەرمەيدىكەن. بۇنداق بولغاندا ئۇنىڭ كىملىكى بولمايدىكەن، كىملىكى بولمىغاچقا ئوقۇشقىمۇ كىرەلمەيدىكەن. قىسقىسى دۆلەتنىڭ ھېچقانداق خىزمىتىدىن پايدىلىنالمايدىكەن. مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق ياڭ خىتايغا قارشى كۈرىشىنى داۋاملاشتۇرماقتا. تۈركىيىدىكى پۈتۈن ئىنسانلارغا ئىنتېرنېتنىڭ كۈچى ئارقىلىق ياڭغا ياردەم قىلىشىنى ئىلتىماس قىلىمەن، دەپ يازغان.