تۈرمىدە ئۆلتۈرۈلگەن شۆھرەت تۇرسۇننىڭ ئايالىنىڭ پەريادلىرى

5 - ئىيۇل گۇماندارلىرىدىن شۆھرەت تۇرسۇن 6 - ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىنىڭ ئات بەيگە مەھەللىسىدىكى كىرالىق ئۆيىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن ئىدى. ئارىدىن 73 كۈن ئۆتكەندە، يەنى 19 - سېنتەبىر كۈنى ئۇنىڭ جەسىتى ئائىلىسىگە تاپشۇرۇلغان.

ﺳﯜﺭﻩﺕ، 7 - ﺋﯩﻴﯘﻝ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﭼﻪﺗﺌﻪﻝ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺧﻪﯞﯨﺮﯨﺪﻩ، 6 - ﺋﯩﻴﯘﻝ ﻛﯜﻧﻰ ﻛﻪﭺ ﻳﻮﻟﺪﯨﺸﻰ ﺗﯘﺗﯘﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺵ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻳﺎﻝ، ﻣﯩﯖﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﻧﺎ، ﻫﻪﺩﻩ-ﺳﯩﯖﯩﻞ ﯞﻩ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺳﻪﭘﺘﻪ، ﻧﺎﺭﺳﯩﺪﻩ ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ، ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﻻﺭﻏﺎ ﻳﯩﻐﻼﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺩﻩﺭﺕ ﺗﯚﻛﯜﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، 7 - ﺋﯩﻴﯘﻝ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﭼﻪﺗﺌﻪﻝ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺧﻪﯞﯨﺮﯨﺪﻩ، 6 - ﺋﯩﻴﯘﻝ ﻛﯜﻧﻰ ﻛﻪﭺ ﻳﻮﻟﺪﯨﺸﻰ ﺗﯘﺗﯘﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺵ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻳﺎﻝ، ﻣﯩﯖﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﻧﺎ، ﻫﻪﺩﻩ-ﺳﯩﯖﯩﻞ ﯞﻩ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺳﻪﭘﺘﻪ، ﻧﺎﺭﺳﯩﺪﻩ ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ، ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﻻﺭﻏﺎ ﻳﯩﻐﻼﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺩﻩﺭﺕ ﺗﯚﻛﯜﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ. (Youtube.com دىن ئېلىندى.)

0:00 / 0:00

شۆھرەت تۇرسۇننىڭ ئائىلىسى ۋە مەھەللە جامائىتى ۋەقە بىر تەرەپ قىلىنمىغىچە جەسەتنى يەرلىكىدە قويماسلىققا تىرىشقان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي دائىرىلىرى جەسەتنى مەجبۇرى ھالدا يەرلىككە قويدۇرغان.

بۈگۈن، 21 - سېنتەبىر، ئىگىلىشىمىزچە، ھازىدار ئائىلىنىڭ قورۇسى ۋە شۆھرەت تۇرسۇن دەپنە قىلىنغان زاراتگاھلىقمۇ ساقچىلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا بولماقتا.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، شۆھرەت تۇرسۇننىڭ ئايالى گۈلمىرەنىڭ پەريادلىرىغا قۇلاق سالغايسىلەر.