تىرىكچىلىك، بۈگۈن ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ رەھىمسىز جەڭ مەيدانلىرىدىن بىرىدۇر. بۇ مەيداندا ئۆمۈر بۇيى تەر تۆكۈپ بىر كۈنمۇ ھاياتنىڭ راھىتىنى كۆرۈپ باقمىغان تەلەيسىز ئاتىلار ۋە ئانىلار كۆپ بولغىنىدەك، كۆڭلىدىكى ئارزۇ-ئارمانلىرىنىڭ بىرەرسىنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە رىزقى يار بەرمەي دۇنيا بىلەن ۋىدالىشىۋاتقان ياشلارمۇ ئاز ئەمەس. باشلانغۇچنىڭ ئىككىنچى يىللىقىدا مەكتەپتىن ئايرىلىپ قېلىش، 12 يېشىدا ئانىسى بىلەن ئېتىزدا كەتمەن چېپىش، 18 يېشىدا خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئىشلەمچىلىك قىلىش ۋە 28 يېشىدا خىروئىن ئەتكەسچىلىكىگە ئارىلىشىپ ئۆلۈمگە بۇيرۇلۇش، يالغۇز مارالبېشى ناھىيىسىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن پاتىگۈل راخماننىڭلا قىسمىتى بولمىسا كېرەك. بىز بۈگۈن ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مانا مۇشۇ قاتلىمىدىكى ياشلاردىن بىرىنىڭ ھايات قىسمىتى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىمىز.
ئاڭلىغىنىڭلار مارالبېشى ناھىيىسىدىكى پاتىگۈل راخماننىڭ ھايات ھېكايىسى. خىروئىن ئەتكەسچىلىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ نەپرەت ئوبيىكتىلىرىدىن بىرى. پاتىگۈلنىڭ ئەتكەسچىلىك قىلمىشى ۋە ئېچىنىشلىق قىسمىتىدە خىتاي ھۆكۈم قىلغاندەك، مەسئۇلىيەت ئۈزىدىمۇ ياكى ئائىلىسىدىمۇ ياكى جەمئىيەتتىمۇ ۋە ياكى دۆلەتتىمۇ؟ يۈننەننىڭ رۇيلى دېگەن جايىدا شەكىللەنگەن 5000 دىن ئارتۇق جەسەت بار ئۇيغۇر قەبرىستانلىقى، تيەنجىن قاتارلىق شەھەرلەردە شەكىللىنىۋاتقان ئۇيغۇر مازارلىقلىرى، مەزكۇر قىسمەتنىڭ يالغۇز پاتىگۈل راخمانغىلا خاس ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىماقتا. بىر مىللەت جەمئىيىتىنىڭ بەلگىلىك بىر پارچىسىنىڭ قىسمىتىگە ئايلانغان بىر پاجىئەنىڭ مەسئۇلىيىتىنى يالغۇز بىر كىشىگە، يالغۇز بىر تەرەپكە ئارتىپ قويۇش توغرا بولمىسا كېرەك. شۇڭا يۇقىرىقى سوئاللارنىڭ جاۋابىنى رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزنىنگ ئويلىنىشىغا ھاۋالە قىلىمىز.