پاكىستان يۇقىرى سوت مەھكىمىسى ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۈستىدىن ئاچقان ئەرزىنى رەت قىلدى
2012.01.31
سوتقا جاۋابكار تەرەپ يېتىپ كەلمىگەن؛ شۇنداق تۇرۇقلۇق سوتچى، مىنىستىرلىقنىڭ يازما بايانلىرىنى توغرىغا چىقىرىپ، ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ ئەرزىنى رەت قىلغان. رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان تەشكىلات مەسئۇللىرى، داۋادىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى ۋە يەنە بىر بالداق ئۆرلەپ داۋا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. تەشكىلات يەنە ئۇيغۇر ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنى پاكىستان سوتىنىڭ مەزكۇر داۋانى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىنى كۆزىتىش ۋە نازارەت قىلىشقا چاقىردى.
ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى پاكىستان يۇقىرى سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇپ، پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ، ئۆزلىرىنى چېگرادىن چىقىشى چەكلەنگەنلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن ۋە مىنىستىرلىقنى جاۋابكارلىققا تارتىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. مىنىستىرلىق بولسا مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا سوتقا يازما بىر دوكلات سۇنۇپ، دەۋاگەرلەرنىڭ پاكىستان دۆلىتىگە قارشى پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئۇلارنىڭ ئەرزىنى بىكار قىلىۋېتىشنى تەلەپ قىلغان. پاكىستان يۇقىرى سوت مەھكىمىسى، بۈگۈن تۇنجى قېتىم دەۋاگەر بىلەن جاۋابكارنى بىرلا ۋاقىتتا سوتقا چاقىرغان.
داۋانىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئەھۋالى ھەققىدە ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ باشلىقى دەۋاگەر ئۆمەرجان رادىئومىزغا سۆز قىلىپ، داۋادىن يەنىلا ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى، ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە سوتنىڭ يۇقىرىقى ھۆكۈمىگە قارىتا ئەرزى سۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
داۋانىڭ جەريانىدىن قارىغاندا، تەشكىلات مەسئۇللىرىنىڭ سوتتا ئۇتۇپ چىقىشتىن بەكرەك، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى پاكىستان خەلقى ۋە دۇنيا جامائىتىگە تونۇتۇشنى ئاساسى مەقسەت قىلغانلىقى بايقالماقتا.
تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.