ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان خىتايلار بىلەن باشقا مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىدا پەرق چوڭ
2005.06.15
يېقىندا رادىئومىزغا، ئۇيغۇر ئېلىدە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىگە قاتنىشىۋاتقان ئەمما ئىسمىنى مەلۇم قىلىشنى خالىمىغان بىر نەپەر مائارىپ خىزمەتچىسى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بۇ يىلقى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىدا يەنىلا خىتايلارنى ئاساس قىلىدىغانلىقىنى ئىنكاس قىلدى.
خىتاي ئاگېنتلىقىنىڭ 14 - ئىيۇن كۈنى ئۈرۈمچىدىن بەرگەن خەۋىرىدە ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بۇ يىلقى ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى ئېلان قىلىنغان ھەمدە بۇ يىل ئاپتونوم رايون بويىچە ئىمتىھانغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار سانىنىڭ 128 مىڭدىن ئاشقانلىقى، ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلار سانىنىڭ 80 مىڭغا يېقىن بولىدىغانلىقى مەلۇم قىلىنغان. ئەپسۇسكى، قوبۇل قىلىنىدىغان خىتاي بولمىغان مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سانى ئاران 20 مىڭ ئىكەن.
©
2005 Radio Free Asia