ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پىلاندىن سىرت ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىسبىتى تۆۋەنلەيدىغان بولدى


2006.06.21

بۇ يىلقى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى خىتايدىكى ھەرقايسى ئۆلكىلەردە رەسمىي باشلاندى. خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا مەخسۇس ھۆججەت چۈشۈرۈپ، بۇ يىلقى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىدە، پىلاندىن سىرت قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئومۇمى سانىنىڭ 5% تىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان

ئوخشاش بولمىغان ئىنكاسلار

خىتاي ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن بېرىلىۋاتقان بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى بۇلتۇرقىدىن كۆپ بولۇپ، پىلان ئىچىدىكى قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلار سانى ئۆتكەن يىلىدىكىدىن پەرقلەنمەيدىكەن. دېمەك بۇ يىل ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى رىقابەتلىشىش تېخىمۇ كۈچەيگەن. بىر قىسىم ئانالىزچى ۋە مائارىپ مۇتەخەسسىسلىرى، خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ يىل ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا پىلاندىن سىرت قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلار سانىنى قىسقارتماقچى بولىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى يول يورۇقىغا ئوخشىمىغان كۆز -قاراشلاردا بولماقتا.

مەسىلەن بەزىلەر بۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىشسىزلىق مەسىلىسى بىر قەدەر يېنىكلىشى مۇمكىن دەپ قارىسا يەنە بەزىلەر " ھۆكۈمەتنىڭ بۇنداق بۇيرۇقنى چۈشۈرىشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۇقىرىلاپ ئوقۇش ئارزۇيىنى بوغقانلىق، خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىشسىزلىق مەسىلىسى ھەرگىزمۇ پىلاندىن سىرت ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشىشى بىلەن يېنىكلەپ قالمايدۇ " دەپ كۆرسەتمەكتە.

كېڭەيتىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى ھەقىقەتەن كېمەيتىش كېرەك

رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان خىتاي زىيالىيسى ما شياۋمىن ئەپەندى يىللاردىن بۇيان خىتايدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان پىلاندىن سىرت ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سىياسىتى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىۋاتقان ئوقۇش پۇلىنىڭ ھەددىدىن تاشقىرى قىممەت بولۇپ كېتىشى ۋە مائارىپ سۈپىتىنىڭ بارغانسېرى تۆۋەنلەپ كېتىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى تەكىتلەپ "ھازىرنىڭ ئۆزىدە پىلان ئىچىدە قوبۇل قىلىنىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار خىزمەت تاپالماي يۈرسە، پىلاندىن سىرت قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ پۈتتۈرۈپ خىزمەت تاپالىشى تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس، شۇڭا كېڭەيتىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى ھەقىقەتەن كېمەيتىش كېرەك" دەپ كۆرسەتتى:

"بىزنىڭ بۇ دۆلەتنىڭ مائارىپ ساھاسىدە، بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپ مائارىپ ساھەسىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان مەسىلىلەر بەكمۇ كۆپ. مەسىلەن كېڭەيتىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش، ئوقۇش پۇلىنى ھەددىدىن تاشقىرى ئۆرلىتىۋېلىش، ئوقۇش سۈپىتى بىلەن كارى بولماسلىق دېگەندەك مەسىلىلەر ناھايىتى ئېغىر. بىز بۇ ھەقتە چوقۇم ئىزچىل ھالدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك. ستاتىستىكىلارغا قارىغاندا، ھازىر كۆپلىگەن خىزمەت ئورۇنلىرى ئوتتۇرا تېخنىكوم ۋە ئالىي تېخنىكوم پۈتتۈرگەن كەسپ ئەقلىگە موھتاج ئىكەن. شۇڭا ھەممە ئادەمنىڭ چوقۇم ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرۈشى شەرت ئەمەس. ' ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەندىلا ئاندىن خىزمەت تاپقىلى بولىدۇ ' دېگەن كۆز ‏-قاراشمۇ توغرا ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە كېڭەيتىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش دېگەننىڭ ئۆزى مائارىپ سۈپىتىنى ياخشىلاش ئەمەس، بەلكى مائارىپ ئارقىلىق پۇل تېپىش دېگەنلىك، شۇڭا ھازىر مەنچە بۇ خىل ئەھۋالنىڭ ئالدىنى ئالمىسا بولمايدىغان ھالەتكە يەتتى"

ئۇيغۇرلارغا تەسىرى تېخىمۇ چوڭ

رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى دوكتور قاھار بارات ئەپەندى سۆھبەت جەريانىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلاندىن سىرت ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى كېمەيتىش ھەققىدە چىقارغان بۇ قارارىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا تېخىمۇ زور تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشسىزلىق مەسىلىسى بۇ خىل قارارنىڭ چىقىشى بىلەن يېنىكلىمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا تېكساس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى لەن يۈن ئەپەندىنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتايدىكى ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەنلەرنىڭ نىسبىتى باشقا دۆلەتلەردىكىگە سېلىشتۇرۇلغاندا، خېلىلا تۆۋەن. ئىقتىدارلىق ئادەملەر يەنىلا كەم. خىتاي ھۆكۈمىتى ئەسلىدە تېخىمۇ كۆپلىگەن ئادەملەرنىڭ ئالى مەكتەپ سەۋىيىسىدە بولۇشىنى تەشەببۇس قىلىشى كېرەك ئىدى. ئەكسىنچە ئۇلار ھازىر پۈتۈنلەي بازار ئىقتىسادىي بىلەن بولۇپ، مائارىپقا دېگەندەك كۆڭۈل بۆلمەيۋاتىدۇ. ھەتتا يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مائارىپ ئورۇنلىرىغا كاشىلا قىلىشىمۇ بارغانسېرى ئېغىرلاشماقتا" دەپ بىلدۈرگەن. (مېھرىبان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.