مەكتەپلەردىكى قالايمىقان پۇل يىغىش ئەھۋالى داۋاملىق ئېغىر بولماقتا


2006.08.07

بېيجىڭدا چىقىدىغان "شىنجىڭ گېزىتى" دە چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان بىر پارچە ماقالىدا، خىتايدا مەكتەپكە كىرىش تەس بولۇش ۋە مەكتەپ ھەققى قىممەت بولۇش ئەھۋاللىرىنى ئاساسلىقى ھۆكۈمەتنىڭ مائارىپقا سالغان مەبلىغىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى كۆرسىتىلگەن. 1993‏- يىلى يولغا قويۇلغان " خىتاينىڭ مائارىپ ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات تېزىسى" دا، 20‏- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە دۆلەتنىڭ مالىيە خاراكتېرىدىكى مائارىپ خىراجىتىنى خىتاينىڭ دۆلەت ئىچى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 4% ئىگە يەتكۈزۈش نىشانلانغان. ئەمما 2004‏- يىلىغا قەدەر، خىتاي مالىيەسىدىكى مائارىپ خامچوتى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئاران 2.9% ئىنى تەشكىل قىلغان. ئەلۋەتتە بۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى خىتاي مائارىپ كۆلىمىنىڭ تېز كېڭىيىش قەدىمىگە ماس كەلمىگەن. بولۇپمۇ پۈتۈن مائارىپ مەبلىغىنىڭ ئارىسىدا، يېزا مائارىپىغا سېلىنغان مەبلەغ ئېغىر دەرىجىدە ئاز بولغان.

مائارىپنى سانائەتلەشتۈرگىلى بولمايدۇ

"شىنجىڭ گېزىتى" دە ئېلان قىلىنغان ماقالىدا يەنە، مائارىپ بايلىغى تارقىلىشىنىڭ تەكشى بولماسلىقىمۇ، ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا مەكتەپ تاللاش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈپ قويغان. نەتىجىدە، نۇقتىلىق مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش پۇلى ھەددىدىن زىيادە يۇقىرى بولۇپ، ھەتتا ئوقۇغۇچىلار ئالدىنئالا نەچچە ئون مىڭ يۈەن تاپشۇرۇپ ئاندىن ئاران بۇ مەكتەپلەرگە كىرىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدىغان ئەھۋاللار كېلىپ چىققان. شۇ سەۋەپتىن بۇ، ئاتا-ئانىلارنىڭ يۈكىنى تېخىمۇ ئېغىرلىتىپ، مەكتەپلەردىكى چىرىكلىك ۋەزىيىتىنىڭ شەكىللىنىشىگە سەۋەپ بولغان. ئامېرىكا ئىنتېرنېت ژورنىلى بولغان "خىتاي ئىشلىرى" تور بېتىنىڭ باش مۇھەررىرى ۋۇ فەن، خىتاي مائارىپ سېستىمىسىدىكى سانائەتلىشىش ئەھۋالىدا توختۇلۇپ مۇنداق دېدى:

" مائارىپنى سانائەتلەشتۈرگىلى بولمايدۇ. مائارىپنى سانائەت ياكى پۇل تاپىدىغان يول دەپ قاراشقا بولمايدۇ. بۇ مۇتلەق خاتا بىر ئىش. مائارىپ پۈتۈن دۆلەتكە، جەمئىيەتكە ۋە خەلققە ئىقتىساس ئىگىلىرىنى ۋە يېڭى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يارىتىدىغان بىر ئورۇن. ئەگەر ھۆكۈمەت بۇنىڭغا مەبلەغ سالماي، پەقەت ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭلا دەسمايىسىگە قاراپ ئولتۇرسا، ئۇ چاغدا مائارىپنىڭ يۇقىرىدىكى مەقسىدىگە يەتكىلى بولمايدۇ

خىتاي مائارىپ خىراجىتىنىڭ 90% ئىدىن كۆپى يەرلىك ھۆكۈمەتلەردىن كېلىدۇ

ئۇ سۆزىدە يەنە، ئىسلاھات ئىشىكنى ئېچىۋېتىشتىن بۇرۇن، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇتۇشىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن ھەقسىز بولغانلىقىنى، لېكىن 90‏- يىللاردىن كېيىن، يەنى جۇ روڭجى دەۋرىدىن باشلاپ سانائەتلىشىش يولىغا كىرگەنلىكىنى بىلدۈردى. شۇ سەۋەپتىن بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىغا ئاز دېگەندە 100 مىڭدىن 500 مىڭ يۈەنگىچە پۇل كېتىدىغان بولغان. گەرچە ھال ئوقىتى ياخشىراق ئائىلىلەر بۇنى كۆتۈرەلىگەن بىلەن، چەت-يېزا رايونلاردىكى كەمبەغەل ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ پۇلىنى تاپشۇرالماي، ئارزۇ قىلغان مەكتەپلىرىگە بارالمايدىغان ئەھۋاللار كېلىپ چىققان. ئوقۇش پۇلىدىن سىرت، ياتاق ۋە تۇرمۇش پۇللىرى قوشۇلۇپ، ھەتتا شەھەرلىكلەرنىڭمۇ بالىلىرىنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتۇشى تەسكە توختىغان. ئامېرىكا نيۇ-يورك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتاي جەمئىيەت مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى پروفېسسور شيا مىڭ بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى:

"خىتاينىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن 9 يىللىق مەجبۇرىي مائارىپ تۈزۈمى بار. باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلىرى خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇن ۋە مائارىپ قانۇنلىرى بويىچە ھەقسىز بولىشى كېرەك. لېكىن مەجبۇرىي مائارىپنىڭ كاپالىتى ئەمەلىيەتتە يەرلىك ئورۇنلارنىڭ مالىيىسىگە تايانغان بولىدۇ. خىتاي مائارىپ خىراجىتىنىڭ 90% ئىدىن كۆپى يەرلىك ھۆكۈمەتلەردىن كېلىدۇ" .

ئوقۇتقۇچىلار ھەتتا مائاشىنىمۇ ۋاقتىدا ئالالمايدۇ

شيا مىڭ سۆزىدە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپقا سالغان مەبلىغىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن ئالىي مەكتەپ ۋە دۆلەتلىك نۇقتىلىق چوڭ مەكتەپلەرگە قارىتىلغانلىقىنى، شۇ سەۋەپتىن ئىقتىسادىي ياخشىراق رايونلار ھەقسىز مەجبۇرىي مائارىپنى ئېلىپ كېتەلىگەن بىلەن، شىنجاڭ ۋە گەنسۇغا ئوخشاش نامراتراق جايلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۇلى ئۇ ياقتا تۇرسۇن، ھەتتا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشىنىمۇ تولۇق بېرىپ بولالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبى رايونىدىن رادىئومىزغا تېلېفون قىلغان بىر ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى، ئۆزى قاراشلىق بىر ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ بىر يىلدىن بۇيان ئۇنىڭغا 3 ئايلىق مائاشىنىمۇ بېرىپ بولالمىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەكتەپلەرنىڭ قالايمىقان ھەق ئېلىش مەسىلىسى خېلىدىن بېرى جەمئىيەتتە كۈچلۈك نارازىلىق قوزغاپ كەلگەن مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ھەتتا يېقىندا ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا-سانائەت ئىدارىسى ئۈرۈمچىدىكى 21 مەكتەپنىڭ سودا خىيانەتچىلىك دېلوسىغا چېتىلغانلىقىنى پاش قىلغان. بۇ مەكتەپلەردىكى ئومۇمىي خىيانەت سوممىسى 100 مىليون يۈەندىن ئاشقان. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.