شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا 92 نەپەر يېڭى ئوقۇغۇچى مەجبۇرى ئوقۇشتىن قالدۇرۇلدى
2005.11.28
11 – نويابىر كۈنى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بۇ يىل قوبۇل قىلىنغان 92 نەپەر يېڭى ئوقۇغۇچىسى ب تىپلىق جىگەر كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقتىن مەكتەپ تەرىپىدىن مەجبۇرى بىر يىل ئوقۇشتىن قالدۇرۇلغان ھەمدە "ئوقۇشقا كىرىش سالاھىتى بىر يىل ساقلىنىدىغان بولۇپ، ئەگەر بۇ بىر يىل ئىچىدە ئۇلارنىڭ كېسىلى تەل تۆكۈس ساقىيىپ قايتا تەكشۈرۈشتىن ئۆتسە قايتىلاپ ئوقۇشقا كىرسە بولىدۇ" دەپ بېكىتىلگەن.
مەتبۇئاتلاردىكى ئىنكاسلار
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا يۈز بەرگەن بۇ ۋەقە جەمئىيەتتە قاتتىق غۇلغۇلا بولۇپ، مەزكۇر مەكتەپ رەھبەرلىرى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى ۋە ئاتا - ئانىلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا دۇچ كەلگەن. مەسىلەن: مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە "ئۈرۈمچى سەھىرى كەچلىك گېزىتى" دە مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىنىپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قاتتىق تەنقىتلىگەن. ھەتتا بېيجىڭدا نەشىر قىلىنىدىغان قانۇن گېزىتىدىمۇ بۇ ھەقتە مەخسۇس مەلۇمات بېرىلگەن بولۇپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنى ئەيىبلىگەن.
مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلارغا قارىغاندا، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى گەرچە تەرەپ - تەرەپتىن تەنقىدىي پىكىرلەرگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، مەكتەپ رەھبەرلىرى يەنىلا "بىزنىڭ بۇنداق قارار چىقىرىشىمىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالامەتلىگىنى ئويلاپ، ئاممىۋى سورۇننىڭ بىخەتەرلىك بولۇشىنى كۆزدە تۇتقانلىقىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ" دەپ ئۆزلىرىنى ئاقلىغان. لېكىن كۆپلىگەن ئوقۇغۇچىلار "مەكتەپنىڭ بۇنداق قىلىشى ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى سالامەتلىك تەكشۈرۈش ھەققىدە بېكىتىلگەن نىزام نامىغا خىلاپلىق قىلغانلىق دەپ قارىماقتا. ئاتا -ئانىلارمۇ " شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بۇنداق قارار چىقىرىشى مەسىلىنى بەكمۇ ئاددىي قاراپ، بەكمۇ ئاددىي بىر تەرەپ قىلغانلىق ھەمدە ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيە ئېلىش ھوقۇقىدىن مەنئى قىلغانلىق" دەپ قارىماقتا.
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىكى ئىسمىنى مەلۇم قىلىشنى خالىمىغان بىر خىزمەتچى "بۇ قېتىم مەكتەپ 92 نەپەر ئوقۇغۇچىنى ئوقۇشتىن توختۇتىشتا، رەھبەرلىكلەر ئالدى بىلەن مەكتەپ دوختۇرخانىسىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى ۋە دوختۇرخانا رەھبەرلىرىنىڭ پىكىرىنى ئاساس قىلغان. شۇنداقلا مەزكۇر مەكتەپنىڭ " 2005 - يىللىق ئوقۇغۇچى باشقۇرۇش نىزامنامىسى" بويىچە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق قارار قىلغان" دەپ بىلدۈرگەن.
نارازىلىقلار
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر مەكتەپتىكى ئىسمىنى مەلۇم قىلىشنى خالىمىغان بىر خىزمەتچى ئۆزىنىڭ بىر تۇغقىنىنىڭ مۇشۇ قېتىمقى 92 نەپەر كېسەل دەپ ئۆز يۇرتلىرىغا قايتۇرىۋېتىلگەن بالىلار ئىچىدە ئىكەنلىگىنى ئاڭلاپ مەكتەپ دوختۇرخانىسىغا بېرىپ ئەھۋال سۈرۈشتۈرگەنلىكىننى ھەمدە دوختۇرخانا رەخبەرلىرىنىڭ بۇ ئىشتا سوغاق مۇئامىلىدە بولغانلىقىنى مەلۇم قىلدى:
ئىسمىنى مەلۇم قىلىشنى خالىمىغان بۇ خىزمەتچى بۇ قېتىمقى ۋەقەنىڭ پەقەت مەكتەپ ئىچىدىكى ئوقۇتقۇچى ۋە خىزمەتچىلەر ئارىسىدىلا ئەمەس، بەلكى جەمئىيەتتىمۇ قاتتىق تەسىر كۆرسىتىپ، غۇلغۇلا قوزغىغانلىقىنى بىلدۈردى :
كېسەلنىڭ تەھدىتى قانچىلىك؟
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىسمىنى مەلۇم قىلىشنى خالىمىغان بۇ خىزمەتچى ئۆزى ئىشلەيدىغان ئىشخانىدا ب تىپلىق جىگەر كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىر خىتاينىڭ يىللاردىن بۇيان ھېچقانداق خەتەرسىز ئىشلەۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ كېلىپ، مەكتەپنىڭ بۇ قېتىم مىڭبىر تەسلىكتە ئالى مەكتەپ بوسسۇغىسىغا كېرگەن ئوقۇغۇچىلارنى ب تىپلىق كېسەل ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان دېگەن باھانە بىلەن ئۆز يۇرتلىرىغا قايتۇرىۋەتكەنلىكىدىن قاتتىق ئەجەپلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى زاۋ سۈيۈئەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ب تىپلىق جىگەر كېسىلى ۋىرۇسى پەقەت قان ۋە قان مەقسۇلاتى ھەمدە نەسلى ئارقىلىق يۇقىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە زەخىملەنگەن تېرە ۋە جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقىدىكەن. ئادەتتىكى كۈندىلىك تۇرمۇشتا كىشىلەرنىڭ ئۆز ئارا قول ئېلىشىش ياكى قۇچاغلىشىش قاتارلىق ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق يۇقىشى مۇمكىن ئەمەس ئىكەن.
مەكتەپ دوختۇرخانىسىنىڭ جاۋابى
بىز بۇ ھەقتە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوختۇرخانىسىغا تېلېفون قىلىپ، 92 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ قايتۇرىلىۋەتكەنلىكى توغرۇلۇق ئېغىز ئېچىشىمىزغا، تېلېفوننى ئالغان دوختۇرخانا خادىمى "مەن بۇ ئىشتىن تولۇق خەۋىرىم يوق، سىز باشلىقىمىزدىن سوراڭ " دەپ تېلېفوننى قويىۋەتتى.
دوختۇرخانا باشلىقى بىلەن ئالاقىلىشالمىغاندىن كېيىن، بىز مەزكۇر مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلار باشقارمىسىغا تېلېفون قىلدۇق. تېلېفوننى ئالغان باشقارما خادىمى "بۇ بىر سىياسىي مەسىلە، ئەگەر زىيارەت قىلىمەن دىسىڭىز مۇخبىرلىق كىنىشكىڭىز ۋە زىيارەت قىلىش گۇۋانامىڭىزنى ئېلىپ ئۆزىڭىز كېلىڭ، سىزنىڭ سالاھىتىڭىزنى بىلمەي تۇرۇپ، تېلېفون زىيارىتىڭىزنى قوبۇل قىلمايمىز." دەپ جاۋاب بەردى :
مۇخبىرىمىز ئۇنىڭغا "مەن ئامېرىكىدىكى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ مۇخبىرى تۇرسام، تېلېفوندا زىيارەت قىلىشتىن باشقا ئامالىم يوق " دېگىنىدە، مەزكۇر باشقارما خادىمى يەنىلا ئۆز گېپىنى قىلىپ "مەيلى سىز نەنىڭ مۇخبىرى بولۇشىڭىزدىن قەتئىي نەزەر، بىز سىزنى كۆرمەي تۇرۇپ، زىيارىتىڭىزنى ھەرگىز قوبۇل قىلمايمىز. بۇ دېگەن بىزنىڭ تۈزۈمىمىز" دەپ ناھايىتى قوپاللىق بىلەن تېلېفوننى قويىۋەتتى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەردە مەلۇم بولۇشىچە، ئادەتتە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا، ئوقۇغۇچىلارنى كېسەل سەۋەبىدىن مەكتەپتىن توختىتىپ قۇيىدىغان ئەھۋال بۇرۇنمۇ بار بولغان. لېكىن بۇ يىل، توختىتىلغان ئوقۇغۇچىلار سانى ئەڭ كۆپ بولغان بىر يىل بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. (مېھرىبان)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- نامرات ئۇيغۇر ۋە تىبەت بالىلىرى ئوقۇشسىز قالماقتا
- كېڭەيتىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تېخىمۇ كۆپ ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەرنى ئىشسىز قالدۇرماقتا
- خىتايدا 420 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى پۇلى بولمىغاچقا ئالىي مەكتەپكە كىرەلمىدى
- خىتاي دۇنيا بويىچە مائارىپقا مەبلەغ سېلىش نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن دۆلەت
- مالايسىيادا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەھۋالى ناچار بولماقتا
- خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش راسخوتى بارغانسېرى ئۆرلىمەكتە