خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا ئوقۇتقۇچىلىق ئالاھىدە پروگراممىسى پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى


2006.05.22

يېقىندا خىتاي مائارىپ، مالىيە مىنىستىرلىقى ۋە خىتاي كادىرلار باشقارمىسى بىرلىكتە ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، بۇندىن كېيىنكى 5 يىل ئىچىدە " يېزا مەجبۇرىي مائارىپى ئوقۇتقۇچىلىق ئالاھىدە پروگراممىسى پىلانى" نى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، مەزكۇر پىلان 11 ئۆلكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەربى رايوندىكى يېزىلاردا ئىجرا قىلىنىدىغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ‏- قۇرۇلۇش ئارمىيىسىمۇ شۇ جايلارنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

خىتاي مائارىپ، مالىيە مىنىستىرلىقى ۋە خىتاي كادىرلار باشقارمىسى بىرلىكتە بېكىتكەن " يېزا مەجبۇرىي مائارىپى ئوقۇتقۇچىلىق ئالاھىدە پروگراممىسى پىلانى" بويىچە، بۇ يىل ۋە ياكى ئىلگىرى ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار غەربىي رايونلاردىكى يېزىلارغا بېرىپ، مەزكۇر جايدىكى مەكتەپ ئورۇنلىرى بىلەن 3 يىللىق توختام تۈزگەندىن كېيىن، رەسمىي ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىگە ئىگە بولالايدىكەن ھەمدە ئۇلارنىڭ ئايلىق مائاشىمۇ يەرلىك رەسمىيلەشكەن ئوقۇتقۇچىلارغا ئوخشاش بولۇپ، يىلىغا 15 مىڭ سوم ئەتراپىدا بولىدىكەن.

مەزكۇر پىلاندا يەنە "غەربىي رايونغا كېلىپ توختام تۈزۈپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلغۇچىلار، توختام ۋاقتى توشقاندىن كېيىن ئۆزى ئىشلىگەن مەكتەپتە ياكى باشقا مەكتەپ ئورۇنلىرىدا ئىشلەيمەن دېسە ئىختىيارى ئىكەن. ئەگەر ئوقۇتقۇچىلىقتىن باشقا خىزمەت قىلىمەن دېسە، يەرلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ ئۇلارغا قولايلىق يارىتىپ بېرىش مەجبۇرىيىتى بار ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ ئوقۇتقۇچىلىق ئالاھىدە پروگراممىسى پىلانى ھەققىدە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ۋە خىتاي زىيالىيلىرى تۈرلۈك ئوخشىمىغان پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. بىر قىسىم خىتاي زىيالىيلىرى "مەزكۇر پىلان يېزا مائارىپىدا مەۋجۇت مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ياخشى ئامالى، چۈنكى بۇنداق قىلىش ئارقىلىق غەربىي رايوندىكى ئوقۇتقۇچى كام بولۇڭتەك مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلغىلى بولىدۇ " دەپ بىلدۈرمەكتە.

بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى، مۇخبىرىمىز مېھرىباننىڭ مەخسۇس پروگراممىسىدىن ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.