مۇئەللىم بايرىمىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن!
-
2006-09-08 -
-
-
ئىنسانىيەت ئالىمىدە ئوقۇتقۇچىلىقتىنمۇ شەرەپلىك، مۇشەققەتلىك ھەم ھۆرمەتلىك كەسپ بولمىسا كېرەك. بۇ شەرەپلىك كەسپ ئىگىلىرىگە ئىنسان تەربىيىلەشمەك يۈكسەك مەسئۇلىيەت ھەم ۋەزىپە ئارتىلغان ئۇلار شۇنداقلا ئارىمىزدىكى ئاددى ئىنسانلار. سىلەرنىڭ ئەۋلادلارنى تەربىيىلەشكە سىڭدۈرگەن ئەجرىڭلارغا چوڭقۇر رەخمەت ئېيتىمىز. گەرچە سىلەر تىللاردا داستان بولۇپ كېلىۋاتقان بولساڭلارمۇ ئەمەلىيەتتە ئەجرىڭلارغا نىسبەتەن ئېرىشكىنىڭلار قانچىلىك؟ سىلەرنىڭمۇ كۆڭۈل سۆزلىرىڭلارنى ئېيتقىڭلار كېلەمدۇ؟ سىلەر پەقەت بېغىشلىغۇچى، سىلەر ئۇلۇغ، سىلەر خۇددى شامغا ئوخشاش ئۆزەڭلار كۆيىسىلەر - يۇ، ئىنسان قەلبىنى يورۇتىسىلەر.
ھۆرمەتلىك ئوقۇتقۇچى، ئۇستازلار، 10 سېنتەبىر بايرىمىڭلار ھارپىسىدا سىلەرگە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمىز. ئەجرىڭلار ھەرگىز بىكار كەتمىگەي. بۇ پروگراممىمىزدا، بايرىمىڭلارغا ئاتاپ مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدە ئوقۇتقۇچىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللانغان، نۆۋەتتە چەتئەللەردە ياشاۋاتقان بەزى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنى زىيارەت قىلىپ تەييارلىغان پروگراممىسىنى تەقدىم ئېتىمىز. بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!!
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاينىڭ "پەۋقۇلئاددە ۋەزىپىلىك يېزا ئوقۇتقۇچىلىرى" سىياسىتى ئۇيغۇرلار ئىچىدە خىتاي تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ يەنە بىر يېڭى باسقۇچى
- خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە، زىيالىلار ھەددىدىن ئارتۇق خىزمەت قىلغانلىقتىن ئۆمرى قىسقارماقتا
- ئۇيغۇر مەكتەپلىرىگە ئوقۇتقۇچى يېتىشمەسلىكتىكى ھەققىقى سەۋەب نېمە؟
- ۋاقىتلىق ئوقۇتقۇچىلار ئىشسىز قېلىش ئالدىدا تۇرماقتا
- خىتايچىلاشتۇرۇش داۋامىدىكى ئۇيغۇر ئالىي مائارىپى