خوڭكوڭ ۋەتەنپەرۋەر دېموكراتىك ھەرىكەتلەرنى قوللاش ئىتتىپاقىنىڭ قۇرغۇچىسى سى تۇڭخۇا ئەپەندى، 2 - يانۋار كۈنى ۋاپات بولغان. سى تۇڭخۇا، 1989 - يىلى 4 - ئىيۇن ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، مەزكۇر ھەرىكەتكە قاتناشقان پائالىيەتچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنى قۇتۇلدۇرۇش ۋە ئۇلارنى چەتئەلگە قاچۇرۇشتا مۇھىم قول ئوينىغان بولۇپ، ئۇ ھاياتى ئاخىرلاشقانغا قەدەر، تيەنئەنمېن ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. تەيۋەندىكى دېموكراتىيە پائالىيەتچىسى ئۆركەش دۆلەت، سى تۇڭخۇا ئەپەندىنىڭ ۋاپاتىدىن ئېغىر قايغۇغا چۆمگەنلىكىنى، چۈنكى ئۇنىڭ خىتاينىڭ ئېغىر جازاسىدىن قۇتۇلۇپ ھايات قېلىشىغا بەرگەن ياردىمىنى ھەرگىز ئۇنتۇمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۆركەش دۆلەت ئەپەندى تەيۋەن ۋە خوڭكوڭ مەتبۇئاتلىرىغا: "خوڭكوڭ ۋەتەنپەرۋەر دېموكراتىك ھەرىكەتلەرنى قوللاش ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى سى تۇڭخۇا ئەپەندىنىڭ ھاياتى ھەقىقەت ۋە ئادالەت يولىدا بىر ئۆمۈر كۈرەش ئېلىپ بارغان پارلاق بىر ھايات، سى تۇڭخۇا ئەپەندىنىڭ خىتاي دېموكراتىيە پائالىيىتى ئۈچۈن چوڭ بىر يوقىتىش ھېسابلىنىدۇ" دېدى.
ئۆركەش دۆلەت سۆزىدە، سى تۇڭخۇا ئەپەندىنىڭ ھايات چېغىدا، كۆپ قېتىم ئۆزىگە تېلېفون ئۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى ھەققىدە توختالغانلىقىنى شۇنىڭدەك بۇ ھەقتە ياخشى پىكىرلەرنى بەرگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، سى تۇڭخۇا ئەپەندىنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۆركەش دۆلەت بىلەن بىرگە سى تۇڭخۇا ئەپەندىنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا قاتنىشىشنى ئىلتىماس قىلغان تيەنئەنمىن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىلىرىدىن ۋاڭ دەنمۇ بار بولۇپ، ئۇلار ۋىزا ئىلتىماسىنى، خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيىنى ھىمايە قىلىش جەمئىيىتى ۋاسىتىسى بىلەن خوڭكوڭ ھۆكۈمىتىگە سۇنغان. خوڭكوڭ ھۆكۈمىتى سى تۇڭخۇانىڭ خوڭكوڭنىڭ دېموكراتىيە ئىشلىرىغا قوشقان ھەسسىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ تەزىيەنامە ئېلان قىلغان. ئەمما ۋاڭ دەن بىلەن ئۆركەشنىڭ ۋىزا ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىش-قىلماسلىق ھەققىدە ھېچقانداق جاۋاب بەرمىگەن.
