پروفېسسور ئورخان قاۋۇنجۇ: شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى تۈرك دۇنياسىنىڭ ئەڭ مۇھىم مەسىلىسىدۇر

تۈركىيىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ھەتتا ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدە دائىم لېكسىيە سۆزلەپ كېلىۋاتقان سابىق پارلامېنت ئەزاسى ئورخان قاۋۇنجۇ ئۆز دوكلاتلىرىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە ئالاھىدە توختالماقتا.
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2012.12.06
orhan-kavunju-305.png سابىق پارلامېنت ئەزاسى ئورخان قاۋۇنجۇ ئەپەندى
RFA/Erkin Tarim


ئۇ، 1990 - يىللاردا تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىللەردىمۇ داۋاملىق ھالدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ كۈنتەرتىپىگە ئېلىپ كەلگەن كىشىلەردىن بىرى ئىدى. يېقىندا ئۇ قافقاس ئۇنىۋېرسىتېتىدا بەرگەن دوكلاتىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ تۈرك دۇنياسىنىڭ ئەڭ مۇھىم مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. تۆۋەندە ئۇنىڭ بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنى ئاڭلاڭلار.

مۇخبىر: ھەم بىلىم ئادىمى ھەم سىياسەتچى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىش بىلەن بىرگە يەنە لېكسىيە سۆزلەپ تۇرىسىز، لېكسىيەلىرىڭىزنىڭ مەزمۇنى قايسى تېمىلاردا بولىۋاتىدۇ؟

جاۋاب: ئادەتتە، تۈرك دۇنياسىنىڭ ئۆزگىرىشلىرى، تەرەققىياتلىرى، تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن قىلىنىدىغان خىزمەتلەر، كەم قالغان خىزمەتلەر، تۈرك دۇنياسىنىڭ يېقىنلىشىشىدىكى توسقۇنلۇقلار، سۇبيېكتىپ ئامىللار، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىزنىڭ ئىتتىپاقلىشىشىمىزنى خالىمايدىغان تاشقى كۈچلەرنىڭ پائالىيەتلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. تۈرك دۇنياسىنى ئومۇميۈزلۈك تونۇشتۇرىدىغان ماقالىلەرنى سۇنىمەن. ياشلارنى تەپەككۇرگە ئۈندەش مەقسىتىدە قولۇمدىن كېلىشىچە تىرىشىمەن. ئاللا رازى بولسۇن، نۇرغۇن ئۇنىۋېرسىتېتلار بۇنىڭغا ئاڭلىق قاراپ، ماڭا ماسلىشىپ بېرىدۇ. ياشلارنىڭ قىزغىنلىقىمۇ كىشىنى سۆيۈندۈرىدۇ.

مۇخبىر: سىز بىر تۈركىستانلىق بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ئۇزۇن يىللاردىن بېرى تۈركىيىدە تۈركىستاننى تونۇتىۋاتىسىز. ياش چېغىڭىزدا تۈركىستان ئىسمىغا قارىتا تۈركىيىدىكىلەرنىڭ بىلىمى قانچىلىك سەۋىيىدە ئىدى، ھازىر قانداق؟

جاۋاب: ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ھەر مەسىلىگە ئىككى تەرەپتىن قارىيالايدىغان بىرىمەن. سىز دېگەن بۇ مەسىلىدە، تولىمۇ ئەپسۇس نۇرغۇن كىشىنىڭ بىلىمى يوق. 19 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن بېرى، تۈركىستان ئۇقۇمى رۇس ۋە ئىنگلىز تەتقىقاتچىلار ۋە كېيىنكى مەزگىللەردە خىتاي تەتقىقاتچىلىرى تەرىپىدىن ئۇنتۇلدۇرۇلۇشقا ئۇرۇنۇلدى. مەسىلەن، رۇسلار ۋە ئىنگلىزلار تۈركىستان ئاتالغۇسىنىڭ ئورنىغا ئوتتۇرا ئاسىيا ئاتالغۇسىنى ئومۇملاشتۇرۇشقا كۈچىدى ۋە تولىمۇ ئەپسۇس تىرىشچانلىقلىرى غەلىبە ئېلىپ كەلدى. يەنە مەسىلەن، خىتايلار شەرقىي تۈركىستان ئاتالغۇسىنىڭ ئورنىغا شىنجاڭ دەيدىغان بىر ئىسىمنى تېپىپ چىقىپ، شەرقىي تۈركىستان ئاتالغۇسىنىڭ قوللىنىلىشىنى چەكلىدى. 1991 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى بىلەن بىزمۇ ئىمكانغا ئېرىشتۇق ۋە كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيا ئەمەس، تۈركىستان دېيىشتە چىڭ تۇردۇق. ئەمما ئېنىقكى، بىزنىڭ زېھنىمىزنى ۋە مېڭىمىزنى كۈچلۈك مېدىيا كونترول قىلىۋالغاچقا، زور كۆپچىلىك ئىنسانلارنىڭ ئېڭىغا ئوتتۇرا ئاسىيا دېيىش سىڭىپ كەتتى. ئەمما مەنچە تۈركىستان دېيىش ئىلمىيلىكتۇر، ئوتتۇرا ئاسىيا دېيىش ئىلمىيلىك بولماستىن سىياسىي مەقسەتتە قەستەن ياسالغان بىر سۆزدۇر. چۈنكى تۈركىستان ئاتالغۇسى ئۇ تېررىتورىيىدە ياشايدىغانلارنىڭ چېگرىسىز بىر باغلىنىشقا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان دەلىلسىز ھەقىقەتتۇر. تۈركىستان پارسچە ئىزاھات بولۇپ، تۈركلەرنىڭ يۇرتى دېگەن مەنىدە. ئوتتۇرا ئاسىيا كەلىمىسى بولسا بۇ باغلىنىشنى ئىپادىلەشكە يەتمەيدۇ. شۇڭا ئوتتۇرا ئاسىيانى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ئۇ يەردە «قوتادغۇبىلىك» نى، «دىۋانۇلۇغاتىت تۈرك» نى، چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنى تىلغا ئېلىشقا مەجبۇر بولىمىز. دېمەك، تۈركلەرنىڭ تېررىتورىيىسىنىڭ نەق، باشقا نەرسىلەر بىلەن ئىزاھلاش كەتمەيدىغان ئىسمى تۈركىستان ئىسمىدۇر. مانا بۇ سەۋەبتىن ئۇلار تۈركىستان ئىسمىنى قەستەن تارتىۋېلىۋاتىدۇ. شۇڭا مەن قولۇمدىن كېلىشىچە بۇ ھەقىقەتنى باشقىلارغا بىلدۈرۈشكە تىرىشىمەن. باسقان قەدەملىرىمىز مەيلى چوڭ بولسۇن، مەيلى كىچىك بولسۇن، بۇ يولدىن ۋاز كەچمەيمىز.

مۇخبىر: پروفېسسور دوكتور ئورخان قاۋۇنجۇ، لېكسىيىلىرىڭىزدە شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە نېمىلەرنى بىلدۈرۈشكە تىرىشىسىز بۇ ھەقتە نېمە دېمەكچىسىز؟

جاۋاب: ئالدى بىلەن تۈرك دۇنياسىنى تۈرگە بۆلۈپ ئۆتەي، تۈرك دۇنياسىدا ھۈر دۆلەتلەرمۇ بار، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمدارلىقى ئاستىدا مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزمۇ بار. ئىنشائاللا ئۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭمۇ بىر كۈنى ھۆرلۈكىنى قولىغا ئالىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. ھەم بۇ تىلەكلەر ئۈچۈن ھەرقانداق بىر دۆلەت بىلەن زىددىيەتلىشىش ياكى ئۇلاردىن قورقۇشنىڭ ھېچبىر ھاجىتى يوق. مەن لېكسىيىلىرىمدە، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ تۈرك دۇنياسى مەسىلىسى ئىچىدىكى ئەڭ ئالاھىدە بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئاڭلىتىمەن. ئۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەڭ گۇناھسىز ھالەتتە بىر يەرگە توپلانغان ۋاقىتلىرىدا يەنى، خۇددى 1997 - يىلىدىكى غۇلجا ۋەقەسىگە ئوخشاش قۇرئان ئوقۇش ئۈچۈن بىر يەرگە توپلانغان ۋاقىتلىرىدا، ھاكىمىيەت كۈچلىرى تەرىپىدىن، ئەجەبا بۇلار بىر يەرگە توپلىنىپ نېمە قىلماقچى، بۇلار چوقۇم كومپارتىيىنى يوقىتىش ئۈچۈن بىر نەرسە پىلانلاۋاتىدۇ، دېگەندەك شۈبھىلەر بىلەن قاماققا تاشلىنىۋاتىدۇ. غۇلجىدا قۇرئان ئوقۇش ئۈچۈن توپلانغان كىشىلەر ھەتتا ئاياللار ئىدى. ئاياللىرىنىڭ ئانىلىرىنىڭ ھەققىنى تەلەپ قىلغان ئەرلەر بولسا ۋەھشىي قىيىن قىستاقلارغا ئېلىندى. يەنە تېخى گۇناھكار كىشىگە ئوخشاش سوتقا تارتىلىپ، ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ. بەزىلىرىگە ئۆلۈم جازاسى، بەزىلىرىگە قاماق جازاسى. دېگەنلىرىمدەك، لېكسىيىلىرىمدە شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ 1949 - يىلىدىن بېرى خىتاي كومپارتىيىسىدىن قۇتۇلۇپ ئۆز دىنىغا ۋە ئۆز مىللىتىگە ھاكىم بولۇش، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ئۈچۈن قىلغان جانپىدالىقلىرى، قانلىق كۈرەشلىرىنى، قىسقىچە چۈشەندۈرۈشكە تىرىشىمەن.

مۇخبىر: ئورخان قاۋۇنجۇ ئەپەندى سىزچە سىياسەت يۈرگۈزۈش ئارقىلىق بىر مىللەتنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىش مۇمكىنمۇ؟

جاۋاب: ئەلۋەتتە مۇمكىن ئەمەس. بۇنىڭغا مىسال تارىختا ئۆتكەن نۇرغۇن مىللەتلەر بار. مىڭ يىلدىن ئارتۇق دۆلەتسىز قېلىپ سەرسان بولغان يەھۇدىيلارمۇ ئىسرائىلىيە دۆلىتىنى قۇرىۋالغىلى 56 يىل بولدى. رۇسىيە فېدېراتسىيىسىنىڭ ئىچىدە ياشاپ كېلىۋاتقان، ئەمما ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ كەلگەن قېرىنداشلىرىمىز بار. خىتايلارنىڭ ئىنسانىي تۇيغۇدىن چەتنىگەن، ئىنسان ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلىدىغان بىر مىللەتنىڭ دىنىغا ھۇجۇم قىلىدىغان، تىلىنى ئاياغ ئاستى قىلىدىغان سىياسەتلەرنى توختىتىشى ئۈچۈن پۈتۈن دۇنيادىكى بارلىق ئىنسانلار خىتايغا بىرلىكتە قارىشى چىقىشى كېرەك. خىتاينىڭ قىلىۋاتقانلىرى ئوچۇقتىن ئوچۇق ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىدىن ئىبارەت. دۇنيا خەلقى بۇنىڭغا قول قوشتۇرۇپ تۇرسا بولمايدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.