ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يىغىنى ئاستانادا باشلاندى

1-دېكابىر كۈنى قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانا شەھىرىدە ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 11 يىلدىن كېيىنكى بىرىنچى قېتىملىق يىغىنى رەسمىي باشلاندى. يىغىنغا 68 دۆلەتتىن كەلگەن ۋەكىللەر قاتناشتى.
ئىختىيارى مۇخبېرىمىز ئويفان
2010.12.01
osce-astana-305.png 1-ﺩﯦﻜﺎﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﺎﺳﺘﺎﻧﯩﺴﺎ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻚ ﯞﻩ ﻫﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
AFP

1-دېكابىر كۈنى قازاقىستان پايتەختى ئاستانا شەھىرىنىڭ مۇستەقىللىق سارىيىدا ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 11 يىلدىن كېيىنكى بىرىنچى قېتىملىق مۇھاكىمە يىغىنى رەسمىي باشلاندى. مۇشۇ يىلنىڭ بېشىدا قازاقىستان ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەئىسىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆز زىممىسىگە ئالغاندىن بۇيان دۇنيا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا قازاقىستاننىڭ مەزكۇر پائالىيىتى ھەققىدە خىلمۇ-خىل مۇلاھىزىلەر ئېلان قىلىنىپ كەلگەن ئىدى. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمىدا قازاقىستاننىڭ رەئىسلىك پائالىيىتىگە ئىجابىي باھا بېرىلىپ كەلگەنلىكى ئېيتىلغان.

قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ئاستانا ئۇچرىشىشىغا 28 دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى، شۇ جۈملىدىن 27 پرېزىدېنت ھەم بوسنىيە ۋە گېرتسېگوۋىنا پرېزىدىنمىنىڭ رەئىسلىرى قاتناشقان. شۇنداقلا ئۇنىڭغا شۋېتسارىيىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى قاتناشقاندىن سىرت يەنە پارلامېنتلىق باشقۇرۇش شەكلىدىكى 10 دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەت باشلىقلىرى، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ۋە ۋاتىكاننىڭ دۆلەت كاتىپلىرى، گېرمانىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتىنىڭ باش مىنىستىرى ، موناكونىڭ دۆلەت مىنىستىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 7 دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرلىرى ئىشتىراك قىلغان.

بۇنىڭدىن تاشقىرى مەزكۇر ئۇچرىشىشقا 33 خەلقئارالىق ھەم رايون خاراكتېرلىق تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتناشقان. جەمئىي 75 رەسمىي ۋەكىللەر ئۆمىكى تىزىمغا ئېلىنغان.

ئاستانا ئۇچرىشىشىنىڭ كىرىش مەجلىسىنىڭ كۈن تەرتىپى ياۋروپادىكى بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى، ياۋروپادا ئادەتتىكى قورال كۈچلىرى توغرىلىق شەرتنامە، بۇ تەشكىلاتنىڭ يېقىنقى ۋاقىت ئىچىدە قىلىشقا بەلگىلەنگەن ۋەزىپىلىرىگە بېغىشلانغان بولۇپ، يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربائېف سۆزلىدى.

ئۇ ئۆز سۆزىدە مۇنداق دېگەن: "بىز ئوكياندىن ئوكيانغىچە بولغان' تېخىمۇ كەڭ دائىرىدىكى بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىقنىڭ يېڭى دەرىجىسىگە كۆچمەكتىمىز. سۆز ئاتلانتىك ئوكياندىن تىنچ ئوكيانغىچە، شىمالىي مۇز ئوكياندىن ھىند ئوكيانغىچە بولغان تۆت ئوكيان چېگرىسىدىكى بىر تۇتاش بىخەتەرلىك بوشلۇقىنى شەكىللەندۈرۈش ھەققىدە بولۇۋاتىدۇ. ئاستانا ئۇچرىشىشى ئىستانبۇلدىن كېيىنكى 11 يىلغا ئۈزۈلگەن ئالىي دەرىجىدىكى ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزۈش ئەنئەنىسىنى تىكلىمەكتە. بۇ تەشكىلاتنىڭ قايتا تۇغۇلۇشىنىڭ بەلگىسىدۇر. بۈگۈن بىز ئاستانىدا بىر تۇتاش ۋە بۆلۈنمەس ياۋرو-ئاتلانتىك ۋە ياۋرو-ئاسىيا بىرلەشمىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە باشلانما بېرىۋاتىمىز".

خابار ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئاستانا ئۇچرىشىشىدا سۆزگە چىققان دۇنيا داھىيلىرى ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا يېڭى باسقۇچنىڭ باشلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇلارنىڭ تەكىتلىشىچە، قازاقىستان مەزكۇر تەشكىلاتقا يېڭىچە نەپەس بېرەلىگەن ھەم ئۆزىنىڭ قەدەملىرى ۋە ھەرىكەتلىرى بىلەن بۇنى ئەمەلىيەتتە ئىسپاتلىغان.

بۇ، ئانالىزچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۈگۈنكى كۈندە ياۋرو-ئاسىيانىڭ يۈرىكىدە بولۇۋاتقان مەزكۇر تارىخىي ئۇچرىشىشنىڭ بىرىنچى كۈنىدە ئاساسىي نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئاستانا يىغىنىنىڭ بارلىق قاتناشقۇچىلىرى تەشكىلاتنىڭ ئۆز ئەھمىيىتىنى ھېلىھەم يوقاتمىغانلىقىنى بىر ئېغىزدىن مۇئەييەنلەشتۈرگەن.

سۆزگە چىققان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى پان كى مۇن، ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى پارلامېنت بىرلەشمىسىنىڭ پرېزىدېنتى پېتروس ئېفىتىمىئۇ، مەزكۇر تەشكىلات باش كاتىپى مارك پېرېن دﯤ برىشامبو، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پرېزىدېنتى خېرمان ۋان رومپېي، ئا ق ش دۆلەت كاتىپى خىللارى كلىنتون، قىرغىزىستان پرېزىدېنتى روزا ئوتۇنبائېۋا، ئافغانىستان پرېزىدېنتى خەمىد كارزاي ۋە باشقىلار قازاقىستاننىڭ تەشكىلات رەئىسلىكى ۋەزىپىسىگە ھەمدە ئاستانا ئۇچرىشىشىغا ئۆزلىرىنىڭ يۇقىرى باھاسىنى بەرگەن.

ئۇلار تەشكىلات ئالدىدا تۇرغان مۇھىم مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكى، ياۋرو-ئاسىيا قىتئەسىدە بىخەتەرلىكنى تەمىنلەشنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىپىلىرى، قوراللىق توقۇنۇشلار، مىللەتلەر ئارا زىددىيەتلەر، تەبىي ئاپەتلەر، زەھەرلىك چېكىملىك سودىسى، ئېكولوگىيە ۋە باشقىمۇ مەسىلىلەر بويىچە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

دۇنيا ئانالىزچىلىرى مەزكۇر مۇھاكىمە يىغىنىدىن كېيىن ئۇنىڭ نەتىجىلىرى توغرىلىق پىكىرلەرنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن ئىجابىي بولىدىغانلىقىنى پەرەز قىلماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.