«ئوش ۋە جالالئابادتا قىرغىزلار ۋە ئۆزبېكلەر ئارىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا ھۆكۈمەتنىڭمۇ مەسئۇلىيىتى بار»

2010-يىلى 6-ئايدا قىرغىزىستاندا قىرغىزلار بىلەن ئۆزبېكلەر ئارىسىدا ئېتنىك توقۇنۇش كېلىپ چىقىپ، نەچچە يۈزلىگەن كىشىنىڭ ئۆلۈشىگە ۋە ئون مىڭلىغان ئۆزبېك خەلقىنىڭ ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ سەرسان بولۇشىغا سەۋەب بولغان ئىدى.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2011.05.03
Kimmo-Kiljunen-305.jpg ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى پارلامېنت مەجلىسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا مەسئۇل مۇدىرى كىممو كىلىجۇنېن. 2011-يىلى 3-ماي.
AFP

ئەينى چاغدا ئۆزبېك خەلقى قىرغىز ئارمىيىسىنىڭ ئۆزلىرىنى قوغدىماي، تەرەپ تۇتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. يېقىندا بۇ ھەقتە خەلقئارالىق بىر مۇستەقىل ئورگان قىرغىزىستانغا بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولۇپ، مەزكۇر ئورگان ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش دوكلاتىدا قىرغىز ئارمىيىسىنىڭ قىرغىنچىلىقتا جاۋابكارلىقى بار، دېدى.

قىرغىزىستاندا ئالدىنقى يىل ئىيۇل ئېيىدا يۈز بەرگەن ۋەقەنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن رايونغا ئەۋەتىلگەن خەلقئارا تەكشۈرۈش ئۆمىكى سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى ئاجىزلىقىنى ئىيۇن ۋەقەسىنىڭ ئەۋجىگە چىقىپ كېتىشىدىكى مۇھىم ئامىل دەپ كۆرسەتتى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئورگىنى رۇسىيە، فرانسىيە، فىنلاندىيە، تۈركىيە، ئېستونىيە، ئەنگلىيە ۋە ئاۋسترالىيىدىن كەلگەن مۇتەخەسسىسلەردىن تەركىب تاپقان. بۇ مۇتەخەسسىسلەر ۋەقە مەيدانغا كەلگەن ئوش ۋە جالالئاباد شەھەرلىرىدىكى 750 دىن ئارتۇق ئادەم بىلەن سۆزلىشىش، مىڭلارچە ئۈن-سىن ماتېرىياللىرى ۋە رەسىم يىغىش ئارقىلىق ۋەقە ھەققىدە ماتېرىيال يىغقان ۋە شۇ ئاساستا خۇلاسە چىقارغان.

مەزكۇر تەكشۈرۈش ئۆمىكىگە ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى پارلامېنت مەجلىسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا مەسئۇل مۇدىرى كىممو كىلىجۇنېن يېتەكچىلىك قىلغان بولۇپ، ئۇ سەيشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا ئالدى بىلەن مەزكۇر تەكشۈرۈشنى قىرغىز ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزى تەلەپ قىلغانلىقىنى ۋە ھەيئەتنىڭ خىزمەتلىرىگە قۇلايلىق يارىتىپ بەرگەنلىكىنى، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ خالىغان كىشى بىلەن ئەركىن-ئازادە سۆھبەت ئېلىپ بارالىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. ئەمما ئۇ قىرغىز ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى ۋە ئۆز بۇرچىنى ئادا قىلىشتىكى مەسئۇلىيەتسىزلىكىنىڭ ۋەقەنىڭ زورىيىپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان ئاساسلىق ئامىل ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇ مۇنداق دېگەن:
-ھەر قانداق بىر ھۆكۈمەتنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ۋەزىپىسى ئالدى بىلەن ئۆز پۇقرالىرىنى قوغداش. ئەمما قىرغىز ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىل ئىيۇندا بۇنى ئادا قىلمىغان. قىرغىزلارنىڭ ئۆزبېكلەرگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە قىرغىزىستاندىكى سىياسىي ھاۋانىڭ يەنى يۈكسىلىۋاتقان قىرغىز مىللەتچىلىكىنىڭمۇ تەسىرى بار.

تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ دوكلاتىدا 2010-يىلى ئۆزبېكلەر بىلەن قىرغىزلار ئارىسىدا يۈز بەرگەن بۇ توقۇنۇشلاردا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ئاساسەن ئۆزبېكلەر دەپ كۆرسىتىلگەن بولۇپ، دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، ئاساسلىق ئۆس ۋە جالالئابادتا يۈز بەرگەن ۋەقەلەردە جەمئىي ئۆلگەنلەر 470 كىشى بولۇپ، بۇلارنىڭ 75 پىرسەنتى ئۆزبېك، قالغانلىرى قىرغىز ئىكەن. ۋەقەدە يۈز مىڭلىغان ئۆزبېك خەلقى جېنىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئۆزبېكىستان تەۋەسىگە قېچىپ، يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان. ۋەقە جەريانىدا باسقۇنچىلىققا ئوخشاش ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ئېغىر جىنايى ۋەقەلەر سادىر بولغان.

مەزكۇر تەكشۈرۈش ئورگىنى دوكلاتىدا يۇقىرىقى ۋەقەلەرنىڭ سادىر بولۇشىدا قۇرمانبېك باقىيېفنىڭ تەرەپدارلىرى ۋە ھازىرقى ھۆكۈمەت تەرەپدارلىرى شۇنداقلا ئۆزبېك سىياسەتچىلەر ۋە بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە جىنايەت گۇرۇھلىرىنىڭ تەسىرىنىڭ كۈچلۈك بولغانلىقىنى ئەمما دۆلەتنىڭ بۇ ئىشتا قولى بارلىقى ھەققىدە بىر ئىسپات تېپىلمىغانلىقىنى ئېيتقان.

ۋەقە يۈز بەرگەن مەزگىلدە ئۆزبېك خەلقى ئەينى چاغدا مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزلىرىدە، قىرغىز ئارمىيىسىنىڭ تەرەپ تۇتۇپ، ئۆزبېكلەرنى باستۇرغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ قىرغىز ئارمىيىسىگە ئىشەنمەيدىغانلىقىنى، ب د ت 'نىڭ تىنچلىقنى ساقلاش قىسىملىرىنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن كېلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان ئىدى. بۇ قېتىملىق دوكلاتتىمۇ بۇ نۇقتا يورۇتۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن:
-بىزنىڭ قارىشىمىزچە بۇ بىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەمەس. ئەمما 11-13 ئىيۇن كۈنلىرى ئۆزبېك مەھەللىلىرىدە ئىنسانىيەتكە قارشى قەبىھ جىنايەتلەرنىڭ ئىشلەنگەنلىكى ھەققىدە ئىسپاتلار بار. ھەم شۇ كۈنى ھەم ئۇندىن كېيىنكى كۈنلەردە ئىنسان ھەقلىرى قاتتىق دەپسەندە قىلىنغان. ئۇ مەزگىلدە خەۋپسىزلىك كۈچلىرى توغرا قىلمىغان. رايوندىكى توقۇنۇشنى كونترول ئاستىغا ئېلىش ئۈچۈن رايونغا ئەۋەتىلگەن 2000 ئەسكەر پېقىر-پۇقرانىڭ مەنپەئىتىنى قوغدىمىغان. ھەتتا ھەربىيلەرنىڭ جىنايى گۇرۇھلارغا ئارىلىشىپ قېلىشىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلگەن.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، توقۇنۇشلاردىن كېيىن جاۋابكارلىققا تارتىلغانلارنىڭ 80 پىرسەنتى ئۆزبېك بولۇپ، مەزكۇر تەكشۈرۈش ھەيئىتىنىڭ يېتەكچىسى كېلىجۇنېن بۇ ھەقتە مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ كۆپى ئۆزبېك تۇرۇپ، ۋەقەدىن كېيىن يەنە ئۆزبېكلەر جازاغا تارتىلغانلىقىنى، قىرغىز دائىرىلىرىنىڭ ئادىلانە ئىش كۆرمىگەنلىكىنى تەنقىد قىلغان.

مەزكۇر مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئورگىنى دوكلاتىنىڭ داۋامىدا قىرغىز ھۆكۈمىتىگە 12 ماددىلىق تەكلىپ سۇنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا قىرغىزىستاندا يۈكسىلىۋاتقان قىرغىز مىللەتچىلىكىگە قارشى جىددىي تەدبىر ئېلىش، ئۆزبېكلەر كۆپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا ئۆزبېك تىلىنىڭ ئاساسلىق ئالاقىلىشىش ۋاسىتىسى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىش، خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ ئۆز ۋەزىپىسىنى تەرەپسىز ھالدا ئېلىپ بېرىش، ساختا ئىسپاتلار بىلەن قىيناپ ئىقرار قىلدۇرۇشنى تۈگىتىش ۋە ۋەقەدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا تۆلەم تۆلەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بۈگۈن مەزكۇر دوكلات ھەيئەت يېتەكچىسى كېلىجۇنېن تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن قىرغىز ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا دەرھال ئىنكاس قايتۇردى. فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قىرغىز ھۆكۈمىتى دوكلاتتا ئېيتىلغاندەك ۋەقەدە قىرغىز ھۆكۈمىتىنىڭ مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى قەتئىي رەت قىلغان ۋە بۇ دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغانلارنى قوبۇل قىلىش مۇمكىن ئەمەس، دېگەن. ئۇلار مەزكۇر دوكلاتنىڭ رايوندىكى ئېتنىك سۈركىلىشكە «ئوتنىڭ ئۈستىگە ماي چاچقاندەك» تەسىر يارىتىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

قىرغىز ھۆكۈمىتى باياناتىدا يەنە دوكلاتنى بىر تەرەپلىمە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋەقەدە قىرغىزلارنىڭمۇ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتىپ، دوكلاتتا پەقەت ئۆزبېكلەرنىڭلا «بىچارە» قىلىپ كۆرسەتكەن، دەپ ئەيىبلىگەن. ئەمما دوكلاتتا، قىرغىز ئارمىيىسىنىڭ بىۋاسىتە ۋە ۋاسىتىلىك ھالدا ئۆزبېكلەرگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتلەردە يەر ئالغانلىقى ھەققىدە ئىسپاتلارنىڭ بارلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى.

تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ يېتەكچىسى كېلىجۇنىن سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، خاتىرجەم ۋە تىنچ ھالدا ياشاش ئۈچۈن چوقۇم مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىش ۋە ئۆز-ئارا دىئالوگنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ۋە قىرغىز ھۆكۈمىتىنى ۋەقەنىڭ جاۋابكارلىرىنى دەرھال سۈرۈشتە قىلىپ، ئادىلانە بىر تەرەپ قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.