ئوسلودا ئۇيغۇر مەسچىتى قۇرۇلدى
2012.11.12
نورۋېگىيىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى نورۋېگىيە دۆلىتىنىڭ بۇ دۆلەتتىكى ھەرخىل دىنلارغا ئېتىقاد قىلغۇچى مىللەت ۋە گۇرۇپپىلارغا يارىتىپ بەرگەن ئىقتىسادىي ئەۋزەللىكلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئوسلو شەھىرىدە بىر ئۇيغۇر جامەسى ئېچىشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن ئىدى.
ئۇيغۇرلارنىڭ تېخىمۇ ئۇيۇشۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، بولۇپمۇ ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان ياش-ئۆسمۈرلەرگە ئۇيغۇر ئانا تىلى، مەدەنىيىتى ۋە ئىسلام ئېتىقادىنى ئۆگىتىش ئۈچۈن ياخشى شارائىت ھازىرلاپ بېرىش مەسچىت قۇرۇشنىڭ ئەڭ مۇھىم نىشانلىرىدىن بىرى بولغان ئىدى. نەتىجىدە بىرقانچە يىللىق تىرىشچانلىقلار ئارقىلىق، دۆلەتتىن مۇقىم بېرىلىدىغان ئىقتىسادىي ياردەم قولغا كەلتۈرۈلۈپ، بۇ ئارزۇ ئاخىرى رېئاللىققا ئايلىنىپ، 10-نويابىر كۈنى نورۋېگىيىدىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر جامەسىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
مۇراسىم قۇرئان تىلاۋەت بىلەن باشلاندى.
قىرائەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن «ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى» نىڭ قانۇنى ۋاكالەتچىسى سەمەت ئابلا ئەپەندى مۇراسىمغا يېتەكچىلىك قىلدى ۋە جامەنىڭ ئېچىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىك سۆزى قىلدى.
سەمەت ئابلا ئەپەندى يەنە كۆپچىلىككە ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇش جەريانى، ئەزالارنىڭ سانى،دۆلەتتىن بېرىلگەن پۇل ۋە بۇندىن كېيىن دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مۇناسىۋەتلىك قائىدە-نىزاملارنى قىسقا چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەندىن كېيىن بۇ خەيرلىك ئىشنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشى ئۈچۈن كۈچ چىقارغان، ياردەمدە بولغان كىشىلەرگە بىرمۇ-بىر ئىسمىنى ئاتاپ تۇرۇپ رەھمەت ئېيتتى.
يىغىن كۈنتەرتىپى بويىچە جامەنىڭ ئىمامى ئاتاۋۇللا قارىم ۋە تەلىم-تەربىيە ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى تۇرغۇنجان قارىملار سۆز قىلدى.
تەبرىكلەش مۇراسىمىدا يۇرت ئاقساقاللىرى، جامائەت ۋەكىللىرىمۇ تەبرىك سۆزى سۆزلىدى.
مەخمۇت ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ جامەنىڭ ئېچىلىشىنىڭ نورۋېگىيىدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىنتايىن كاتتا ئىش بولغانلىقى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنىڭ كۆپ تەشەككۈر ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۇرغۇنجان قارىم زىيارىتىمىزنى ئايرىم قوبۇل قىلىپ، جامەنىڭ نورۋېگىيىدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېلىپ كېلىدىغان ياخشىلىقلىرى ھەققىدە توختالدى ۋە جامائەتنى قولغا كەلگەن بۇ ئەۋزەللىكنىڭ قەدرىنى بىلىش ھەم بۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشقا چاقىردى.
ئۇيغۇر، تۈرك ۋە باشقا مىللەت كىشىلىرى قاتناشقان بۇ مۇراسىم بەش سائەت ئەتراپىدا داۋاملىشىپ كەچقۇرۇن سائەت 17:00 لەردە خەيرلىك ئاخىرلاشتى.