مۇراسىمغا تەتقىقاتچىلار، ئاخباراتچىلار، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئىستانبۇل شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر، قازاقلاردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى. مۇراسىمغا يەنە، ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان ھەر قايسى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرىمۇ ئىشتىراك قىلدى.
مۇراسىم ئوسمان باتۇرغا ۋە شېھىتلەرگە ھۆرمەت بىلدۈرۈپ بىر مىنۇتلۇق سۈكۈتتە تۇرۇش بىلەن باشلاندى، كېيىن ئىستىقلال مارشى ئوقۇلدى، مۇراسىمغا ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتى تارىخ بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئابدۇقادىر دونۇك ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى.
مۇراسىمدا تۈركىيىنىڭ ھاجىتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، 1949 - يىلى خىتاي، سوۋىت ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى ئارىسىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىشغال قىلىنىشى دېگەن تېمىدا، ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك تىل شىۋىلىرى ۋە ئەدەبىياتلىرى فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوچانت دوكتۇر ئەركىن ئەمەت، ئەسلى يۆنىلىشى بويىچە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى دېگەن تېمىدا، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئۆمەر قۇل ئەپەندى، توغرا مەيدانىدىن ۋاز كەچمىگەن باتۇر ئوسمان ئىسلام ئوغلى دېگەن تېمىدا، قازاقىستان ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېميىسى تارىخ ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئۈمىد ئاتەش ئەپەندى، تۈركىستاندىكى مۇستەقىللىق كۈرەشلىرى، ئوسمان باتۇر ۋە سۈرگۈنلەر دېگەن تېمىدا، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى فەتھى ئەخمەت يۈكسەل ئوسمان باتۇر دەۋرىدە تۈركىستان جۇغراپىيىسى دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.
كېيىن ئۆسمۈر بالىلار ئوسمان باتۇرنى مەدھىيىلەپ شېئىر دېكلاماتسىيە قىلدى، ناخشا ئوقىدى، كېيىن شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتى تەرىپىدىن مۇراسىمدا سۆز قىلغۇچىلارنى تەقدىرلەپ شەرقىي تۈركىستان شەرەپ تاختىسى تەقدىم قىلىندى، مۇراسىم ناھايىتى قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە ئاخىرلاشتى.
تارىخ تەتقىقاتچى ئۆمەر قۇل ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئوسمان باتۇر 1899 - يىلى ئالتاينىڭ كۆكتۇقاي رايونىدا دۇنياغا كەلگەن. ئۆزىنىڭ باتۇر جاسارەتلىك روھى بىلەن تونۇلغان ئوسمان باتۇر پۈتۈن ھاياتى بويىچە خىتايلارغا قارشى كۆرەش قىلىپ ياشىغان، 1951 - يىلى 2 - ئاينىڭ 17 - كۈنى كېچىدە قەيىز دېگەن رايوندا خىتاي كوممۇنىستلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان. مۇستەقىللىققا ئېرىشىش ۋە دىنى ئىرادىسى بويىچە ياشاش مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ 1951 - يىلى 4 - ئاينىڭ 29 - كۈنى خىتاي كوممۇنىستلىرى تەرىپىدىن ئۇرۇمچىدە شېھىت قىلىنغان.
بىز بۇ مۇراسىمنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە مۇراسىمدا سۆز قىلغان ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.