ئۆتكەن بىر يىلدا ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بەرگەن مىللىي قارشىلىق ھەرىكەتلىرى (2)
2013.01.07
بىز بۇ ھەقتە تەييارلانغان پروگراممىمىزنىڭ ئىككىنچى قىسمىدا، 29-ئىيۇن ئايروپىلان بۇلاشقا ئۇرۇنۇش ۋەقەسى، خېنەندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كەمسىتىشكە قارشى ئىسيان كۆتۈرۈشى ۋە قاغىلىقتا ئىككى ئۇيغۇرنىڭ ھەربىي گازارمىغا موتسىكلىتلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى قاتارلىقلارنىڭ قىسقىچە جەريانىنى ئەسلىتىپ ئۆتىمىز.
ئۆتكەن يىل ئىچىدە يۈز بەرگەن ئەڭ زور ۋەقەلەردىن بىرى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يۈرىكىنى تىترەتكەن خوتەن ئايرودرومىدىكى ئايروپىلان بۇلاشقا ئۇرۇنۇش ۋەقەسىدۇر. مەلۇم بولۇشىچە، 6-ئاينىڭ 29-كۈنى، خوتەندىن ئۈرۈمچىگە قاراپ ئۇچقان ئايروپىلان ھاۋالىنىپ 10 مىنۇت ئۆتكەندە، 6 نەپەر ئۇيغۇر ياش ئورنىدىن قوزغىلىپ، ئۇچقۇچىنىڭ كابىنېتىغا ھۇجۇم قىلغان. ئەمما ئۇلارنىڭ قولىدىكى قورال ئاجىز كېلىپ، كابىنېتنىڭ ئىشىكىنى ئاچالمىغان. ئاندىن ئۇلار بىلەن ئايروپىلاندىكى ساقچى، مۇلازىمەتچى ۋە يولۇچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىققان. توقۇنۇشتا، خىتاي تەرەپتىن 21 كىشى يېنىك، 3 كىشى ئېغىر يارىلانغان، ھۇجۇمچىلارنىڭ ئىككى نەپىرى ئېغىر يارىلىنىپ دوختۇرخانىدا جان ئۈزگەن. مەلۇم بولۇشىچە، ھۇجۇمچىلارنىڭ مەقسىتى ئايروپىلاننى چەتئەلگە ئېلىپ قېچىش ياكى ئايروپىلاندىكىلەر بىلەن ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش بولۇپ، ئۇلار بۇ مەقسىتىگە يېتەلمىگەن، ئەمما بۇ ۋەقە سەۋەبىدىن ئايروپىلان خىزمەتچىلىرى سەپىرىنى ئارقىسىغا ياندۇرۇشقا مەجبۇر بولغان. خىتاي ۋەقەدە خىزمەت كۆرسەتكەنلەرنى مىليونلاپ پۇل بىلەن كاتتا مۇكاپاتلىسا، ۋەقە سادىر قىلغۇچىلارغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەن.
ئايروپىلان بۇلاش ۋەقەسىدىن 6 كۈن ئۆتكەندە، خىتاينىڭ تيەنجىن شەھىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ يول توسۇپ نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكىتى يۈز بەرگەن، يۈزدىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ يول توسۇشى ۋە مىڭلارچە كىشىلەرنىڭ توپلىنىشى بىلەن، تيەنجىن شەھىرىنىڭ مەركىزىدە 3 سائەت ئەتراپىدا قاتناش توسۇلۇپ قالغان، ۋەقەگە شەھەردىكى 13 ياشلىق بىر ئۇيغۇر بالىنىڭ ئىز-دېرەكسىز غايىب بولۇشى ۋە بۇ ۋەقەنى ساقچى ئورگانلىرىنىڭ سۈرۈشتە قىلمىغانلىقى سەۋەب بولغان.
ئۆتكەن يىلى 1-ئۆكتەبىر يەنى خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى كۈنى، خىتاينىڭ قاغىلىقتىكى ھەربىي گازارمىسى موتسىكلىتلىق پارتلىتىش ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. ھۇجۇمنى گۇما ناھىيىسىدىكى ئىككى نەپەر ئۇيغۇر ياش پىلانلىغان ۋە بىر نەپىرى ھۇجۇمنى ئىجرا قىلغان. ھۇجۇمدا 20دىن ئارتۇق خىتاي ئەسكەرلىرى ئۆلگەن ۋە يارىلانغان.
11-ئاينىڭ 29-كۈنى، خېنەن ئۆلكىسىنىڭ جېنپىڭ ناھىيىسىدە تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار، جېنپىڭ ناھىيىلىك ھۆكۈمەت قورۇسىغا بېسىپ كىرىپ، ناھىيىدىكى مىللىي كەمسىتىش ۋەقەسىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن. ۋەقەگە بىر خىتاي پۇقراسىنىڭ بىر ئۇيغۇر ئايالنىڭ يۈزىدىكى رومالىنى ئېچىۋېتىشى سەۋەب بولغان. شۇ كۈنكى ۋەقەگە 1000 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر قېتىلغان بولۇپ، خىتاي تەرەپ ۋەقەنى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن، يېقىن ئەتراپتىن مەخسۇس قوراللىق قىسىم يۆتكىگەن، بۇ ۋەقەدىمۇ توقۇنۇش يۈز بېرىپ، 50دىن ئارتۇق ئۇيغۇر يارىلانغان. 4 دانە ساقچى ئاپتوموبىلى پاچاقلاپ تاشلانغان.
يۇقىرىدا ئۆتكەن بىر يىلدا يۈز بەرگەن مىللىي قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ بىر قىسمىنى قىسقىچە ئەسلىتىپ ئۆتتۇق.