ئوتتۇرا ئاسىيادا دىنىي ئەسەبىيلىك خەۋپى بارمۇ؟

تۈركىيە ئاخباراتلىرىدا ئوتتۇرا ئاسىيادا دىنىي ئەسەبىيلىك مەسىلىسى داۋاملىق تالاش ‏- تارتىش قىلىنىۋاتقان مەسىلىلەردىن بىرى. ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ھۆكۈمەتلىرى داۋاملىق ھالدا ئەسەبىي دىنچىلىكنىڭ ئۆزلىرىگە خەۋپ ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.

0:00 / 0:00

ئۇلار ئەسەبىي دىنچى گۇرۇھلارنىڭ ئافغانىستان ۋە پاكىستاندىكى بوشلۇقتىن پايدىلىنىپ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ مۇقىملىقىغا خەۋپ ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە. ئەمما ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرىنى قوغداش تەشكىلاتلىرى بولسا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇش ئۈچۈن بۇنى باھانە قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.

نوپۇسىنىڭ كۆپى مۇسۇلمان بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ئوتتۇرا ئاسىيادا دىنىي گۇرۇھلارنىڭ كۈچىيىشىدىن ئەندىشىلەنمەكتە. بۇ پاكىستان ۋە ئافغانىستاندىكى دىنىي ھەرىكەتلەرنىڭ شىمالغا يېيىلىشىغا بولغان ئەنسىرەشنىمۇ پەيدا قىلماقتا. تۈركىيە دۆلەت تېلېۋىزىيىسى ت ر ت تۈركنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، 1990-يىللاردا ئوتتۇرا ئاسىيادا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان دىنىي تەشكىلاتلار ھازىر ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايونلاردا ئىكەن.
خەۋەردە شەرقىي تۈركىستان ئىسلامى ھەرىكىتىنىڭ رەئىسى ھەسەن مەخسۇم، ئابدۇلھەق ۋە ئۆزبېكىستان ئىسلامى ھەرىكىتىنىڭ رەئىسى ئادىل ئوسمان بىلەن تاھىر يولداش قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ئافغانىستاندا ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، بۇ تەشكىلاتلارنىڭ تېخىچە پاكىستان بىلەن ئافغانىستاننىڭ بەزى رايونلىرىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

خەۋەردە ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان، قىرغىزىستان ۋە قازاقىستان ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۆزبېكىستان ئىسلامى ھەرىكىتى بىلەن ھىزبۇل تاھىر تەشكىلاتىنىڭ ئۆزبېكىستاندا شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيادا شەرىئەت بىلەن باشقۇرۇلىدىغان دۆلەت قۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقى، ئەمما ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىسلام كەرىموف ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنى باھانە قىلىپ ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. خەۋەردە بۇلاردىن سىرت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭمۇ ئۇيغۇرلارنى ئەسەبىي دىنچىلىك بىلەن ئەيىبلەپ باستۇرۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئۇنداقتا دىنىي ئەسەبىيلىك دېگەن نېمە؟ راستىنىلا ئوتتۇرا ئاسىيادا دىنىي ئەسەبىيلىك خەۋپى بارمۇ؟ ياكى ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى دېگەندەك بۇ رايوندىكى ھۆكۈمەتلەر ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇش ئۈچۈن بۇنى دۇنياغا مۇبالىغە قىلىپ ئاڭلىتىۋاتامدۇ؟

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتە ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزگە دىققەت قىلغايسىلەر.