ئۆتۈكەندىن ئىستانبۇلغىچە تۈرك تىلىنىڭ 1290 يىلى ناملىق يىغىن ئىستانبۇلدا باشلاندى
2010.12.03

3 كۈن داۋام قىلىدىغان بۇ يىغىنغا ياپونىيە، خىتاي، كورىيە، گېرمانىيە، ئامېرىكا، رۇسىيە، فرانسىيە، ئەنگلىيە، فىنلاندىيە، ۋېنگرىيە، چېخ جۇمھۇرىيىتى، قازاقىستان، قىرغىزىستان، موغۇلىستان، ئۆزبېكىستان، شەرقىي تۈركىستان قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردىن تۈرك تىلى ۋە تارىخ تەتقىقاتچىلار، تۈركولوگىيە مۇتەخەسسىسلىرى، ئاكادېمىكلار قاتناشتى.
يىغىنغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن، ئۈرۈمچىدىن ئابدۇبەسىر شۈكۈر، ئارسلان ئابدۇللاھ، بېيجىڭدىن ئەركىن ئارىز، ئەركىن ئاۋغالى قاتارلىق شەخسلەر قاتناشتى.
يىغىندا تۈرك تىلى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مەلەك ئۆزيېتگىن ئېچىلىش نۇتىقى سۆزلىدى.
مەلەك ئۆزيېتگىن سۆزىدە، تۈرك تىلى دۇنيادا سۆزلىشىشتە ئەڭ كۆپ قوللىنىلغان تىل ئىكەنلىكىنى، تۈرك تىلىنىڭ سۆز بايلىق جەھەتتىن بولسۇن، چۈشىنىش مەناسى جەھەتتىن بولسۇن دۇنيادىكى ئەڭ باي تىللاردىن بىرى ئىكەنلىكىنى، تۈركولوگىيە ۋە تۈرك تىلى تەتقىقاتلارغا ئالاقىدار تۈركىيىدە ۋە دۇنيادا كۈندىن كۈنگە جىددىي بىر قىزىقىش ۋە دىققەتنى تارتىۋاتقان بىر بىلىم ئىكەنلىكىنى، قەدىمى تۈرك تىلىنى تەتقىق قىلىشتا، تۈرك تىل ئىدارىسىنىڭ ئالاھىدە رولى ۋە ئەھمىيىتى بارلىقىنى، تۈركىيىدە قەدىمى تۈرك تىلىغا ئالاقىدار تەتقىقاتلار، تەشۋىقاتلىرى تۈرك تىلى ئىدارىسى قۇرۇلغاندىن باشلاپ ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
بۇ يىغىننىڭ ئاساسى مەزمۇنى كۆكتۈرك دۆلىتى ۋە تىل يېزىقلىرى، ئۇيغۇر خاقانلىقى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيەتلەر، كۆلتېكىن، بىلگەخاقان، ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى، تۇرپان ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىل - يېزىقى ۋە مەدەنىيەتلىرى، ئۇرخۇن ئابىدىلىرى ھەققىدە مىلادىيىنىڭ 720 - يىلىدىن 2010 - يىلغىچە بولغان ئارىلىقتىكى 1290 يىللىق تۈرك تىلى ۋە يېزىقنىڭ تارىخى، قەدىمى تۈرك خاقانلىق دەۋرىگە ئائىت تارىخلار، تۈرك ۋە ئۇيغۇر خاقانلىقى دەۋرىگە ئائىت تىل ۋە يېزىقلار. قەدىمى ئىران تىللىرى، قەدىمى تۈرك تىلى. ھون ۋە موڭغۇل تىلىنىڭ تارىخى ۋە بۇنىڭ قەدىمقى تۈركلەرگە باغلىنىشلىقى ھەققىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلدى.
يىغىندا، ئۇيغۇر ئىمپېراتورلۇق دەۋرىدە ئۆتۈكەن قەيەردە ئىدى؟ ئورخۇن يېزىقلىرىدىكى بەزى سۆزلەر ھەققىدە، شەرقىي كۆكتۈرك دۆلىتىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشى ھەققىدە ئانالىز، موڭغۇل، ئالتاي تاغلىرىدىن تېپىلغان كۆكتۈرك يېزىقلىرى، كۆلتېكىن يېزىقىدىكى خىتاي مەنبەلىرى بىلەن تۈرك مەنبەلىرىدە يېزىلغان بەزى ئالاھىدە ئاتالغۇلار، قەدىمىي تۈركلەردە ئۆتۈكەننىڭ پايتەخت بولۇشىدىكى سەۋەب نېمە، ئورخۇن يېزىقلىرى ھەققىدە خىتايدا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار، قەدىمى تۈرك يېزىقلىرىنىڭ تۈرك تىلىغا قوشقان تۆھپىلىرى دېگەن تېمىلاردا يېزىلغان ئىلمىي تەتقىقات ماقالىلىرى ئوقۇپ ئۆتۈلدى.
بۇ يىغىن 12 - ئاينىڭ 3- كۈنىدىن 5 - كۈنىگىچە 3 كۈن داۋام قىلىدىكەن. "ئۆتۈكەندىن ئىستانبۇلغا تۈركچىنىڭ 1290 يىلى" ناملىق بۇ يىغىننىڭ كېيىنكى داۋامى، 12 - ئاينىڭ 5 - كۈنى يىلدىز تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.
بىز يەنە بۇ يىغىنغا قاتناشقان بەيكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچى پروفېسسور مەتىن قارائۆرس ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. مەتىن قارائۆرس ئەپەندى ئۇيغۇرلار تىل يېزىق تارىخى ھەققىدە مۇنداق دېدى:
تارىختا، كۆكتۈرك ھاكىمىيىتىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئىمپىراتۇرلۇقى مەيدانغا كەلدى ۋە كۆكتۈرك يېزىقىنى بىكار قىلىپ، سوغدى قەبىلىسىدىن ئالغان سوغدىچە 18 ھەرپلىك ئۇيغۇر تىل يېزىقىنى قوللاندى. ئۇيغۇرلار كېيىنكى دەۋرلەردە ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ غەرب تەرەپكە كۈچۈشكە باشلىدى ۋە جەنۇب تەرەپكە كېڭەيدى، بۇ دەۋرلەردە، قۇتادغۇبىلىك، ئەتەبەتۇلھەقايىق، تۈركىي تىللار دىۋانى قاتارلىق ئەسەرلەر يېزىلدى. ئۇيغۇر تىل يېزىقى بۇ دەۋرلەردە ئەڭ گۈللەنگەن دەۋر ھېسابلىنىدۇ. تۈرك تىلى ئۈچ خىل بۆلۈمگە ئايرىلغان بولۇپ، جۇغراپىيە جەھەتتە تۈرك دۇنياسىنىڭ شىمالىي تەرەپتىكى تۈركلەر قىپچاق تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدۇ، غەربىي تەرەپتە ياشايدىغان تۈركلەر ئوغۇز تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدۇ، شەرقىي تۈركلەر بولسا قارلۇق تۈركچىگە تەۋە تىلدا سۆزلىشىدۇ، ھازىرقى ئۇيغۇر تىلى قارلۇق تىلىدۇر. تارىختىكى تۈرك تىلى بۈگۈنكى شەرقىي تۈركسىتاندا سۆزلىشىۋاتقان تىلدۇر. ئۇ دەۋىردىكى يەنى قارلۇقلار ۋە قاراخانىلار دەۋرىدىن مىراس بولۇپ قالغان تىلنىڭ داۋامى ۋە بۇ تىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان تۈرك تىل شىۋىسىنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە سۆزلىشىۋاتقان تۈرك شىۋىلىرى تارىختىكى تۈرك تىل شىۋىلىرىنىڭ يېقىن بىر قسىمى ھېسابلىنىدۇ، تۈركىيە تۈركچىسى تۈرك تىلىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە سۆزلىشىۋاتقان يېقىن شىۋىسى ھېسابلىنىدۇ. ئەزەربەيجان، قازاق، ئۆزبېك ۋە شەرقىي تۈركىستاندا سۆزلىشىدىغان ئۇيغۇر شىۋىلىرى تۈرك تىلىنىڭ يېقىن شىۋىلىرى ھېسابلىنىدۇ.