ئۆيگە كىرىشتىكى ئەدەپ - ئەخلاق قائىدىلىرى

ئىنسان ئىجتىمائىي مەخلۇقات بولغانلىقتىن، ئۇ ئۆزى يالغۇز ياشاپ ئۆتەلمەيدۇ. بەلكى جەمئىيەتتىكى ئىنسانلار بىلەن ئارىلىشىپ ئۆتۈشكە مۇھتاجدۇر. ئىنسان تەبىئىتى ئەسلىدە ياخشىلىقنى سۆيىدىغان، يامانلىقتىن نەپرەتلىنىدىغان قىلىپ يارىتىلغان بولۇپ، گۈزەل ئەخلاقلارغا ئىنتىلىدۇ. ئىنسانلار ياشاۋاتقان بۇ جەمئىيەت ئۇلاردىن ھەر ئىشتا قائىدە - يوسۇنلۇق بولىشىنى تەلەب قىلىدۇ.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚﻣﻪﺭﺟﺎﻥ ﺗﻮﺧﺘﻰ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.07.31

 دۇنيادا ھەر قانداق بىر ئىشنىڭ ئۆزىگە لايىق قائىدە - يوسۇنى ۋە ئۆزىگە خاس ئەدەپ ئەخلاقى باردۇر. بىراۋنىڭ ئۆيىگە كىرىشتە ئۆي ئىگىسىدىن رۇخسەت سوراپ كىرىشمۇ شۇ ئەدەپ - ئەخلاق قائىدىلىرىدىن بىرىدۇر.

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ياش ئالىم ئابدۇلكەرىم ھاجىم بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىدى.

ئابدۇلكەرىم ھاجىم بىلەن سۆھبەت

ئابدۇلكەرىم ھاجىم بىراۋنىڭ ئۆيىگە كىرىشتىكى ئەدەپ ئەخلاق قائىدىلىرى ھەققىدە توختۇلۇپ مۇنداق دېدى:" مۇسۇلمانلارنىڭ ئەنئەنىلىرى، گۈزەل ئەدەپ - ئەخلاق قائىدىلىرى ئىنتايىن كۆپ. مېھمان بولۇش، ئولتۇرۇپ - قوپۇش، يەپ - ئىچىش، سۆزلىشىش، ئۇخلاش، تازىلىق، سالاملىشىش، ئىشىكتىن كىرىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە بەلگىلىك ئەدەپ - قائىدىلەر بار. تۆۋەندە ئۆيگە كىرىشنىڭ ئەدەپ - قائىدىلىرى ھەققىدە توختىلىمىز: بىراۋنىڭ ئۆيىگە كىرمەكچى بولغان ئادەم ئاۋۋال ئىشىكنى چېكىپ، ئۆي ئىگىسىدىن رۇخسەت سوراپ كىرىشى، رۇخسەت قىلىنمىسا قايتىپ كېتىشى لازىم. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق تەلىم بەرگەن:" ئى مۆمىنلەر! باشقىلارنىڭ ئۆيلىرىگە (كىرىشكە) ئىجازەت سورىمىغىچە ۋە ئۆي ئىگىسىگە سالام بەرمىگىچە كىرمەڭلار، ۋەز - نەسىھەت ئېلىشىڭلار (يەنى بۇ گۈزەل ئەخلاق - ئەدەبكە ئەمەل قىلىشىڭلار) ئۈچۈن بۇ سىلەرگە ياخشىدۇر. ئەگەر باشقىلارنىڭ ئۆيلىرىدە ھېچ ئادەم بولمىسا سىلەرگە ئىجازەت بېرىلمىگىچە كىرمەڭلار، ئەگەر سىلەرگە قايتىڭلار دېيىلسە قايتىپ كېتىڭلار، قايتىپ كېتىش سىلەر ئۈچۈن ئەڭ ياخشىدۇر، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىدىغان ئەمەللىرىڭلارنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. شەخسى تۇرالغۇ بولمىغان (يەنى دۇكان - سارايلارغا ئوخشاش) ئۆيلەرگە ھاجىتىڭلار چۈشۈپ كىرسەڭلار، سىلەرگە ھېچ گۇناھ يوقتۇر"( نۇر سۈرىسى 27 - 29 - ئايەتلەر). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە:" رۇخسەت ئۈچ قېتىم سورىلىدۇ. رۇخسەت بېرىلسە كىرىڭ. ئەگەر رۇخسەت بېرىلمىسە قايتىپ كېتىڭ" دەپ كۆرسەتكەن.

ئىشىكنى چەككەندە، ئۆي ئىگىسى " كىم سىز؟" دەپ سورىسا، "مەن" دېمەستىن، ئىسمىنى ئېيتىپ بېرىش، ئىشىك ئېچىلغاندا ئىشىكنىڭ ئۇدۇلىدا تۇرۇۋالماستىن، ئىشىكنىڭ يان تەرىپىدە، كۆزىنى ئىشىكنىڭ ئىچىگە قاراشتىن قاچۇرۇپ تۇرۇش كېرەك. شۇنىڭدەك، ئىشىكتىن كىرگەندە، ئاۋۋال ئۆي ئىگىسىگە سالام بېرىش، ئىشىكتىن كىرگىچە ئاياغلارنى قېقىپ، سۈرتۈپ، تازىلاپ كىرىش، ئۆينىڭ ئىچى پايانداز سېلىنغان بولسا ئۇنىڭغا ئاياغنى چىقىرىپ كىرىش لازىم.

ئىشىكتىن كىرىشتە ئاۋۋال چوڭلار، بىلىم ئەھلىلىرى، ئاندىن تەرتىپ بويىچە ياشلار كىرگىنى ياخشى. بالىلار ئاتا - ئانىلارنىڭ ئۆيلىرىگە كىرگەندە، ئاۋۋال ئۇلارغا سالام بەرگەندىن كېيىن، ھامان كېچىكمەستىن ئەڭ گۈزەل ۋە ئېسىل ئىبارىلەر بىلەن ئۇلاردىن ھال - ئەھۋال سورىشى زۆرۈردۇر.

ئۆيگە كىرىشتە ئەدەپسىزلىك سانىلىدىغان ئىشلار

ئابدۇلكەرىم ھاجىم بىراۋنىڭ ئۆيىگە كىرىشتە ئەدەپسىزلىك سانىلىدىغان ئىشلار ھەققىدە توختۇلۇپ مۇنداق دېدى:" گەرچە بىراۋنىڭ ئۆيىگە كېلىدىغانلىقىنى ئالدىنئالا خەۋەر بېرىپ قويغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرىشتە ئىشىكنى قاقماستىن ياكى ئالدىراپ سالام بەرمەستىن كىرىش، ئىشىكنى سىلىق قاقماستىن ئۆي ئىگىسىنى ۋە خوشنىلىرىنى راھەتسىز قىلىدىغان شەكىلدە قاتتىق قېقىش ياكى ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق قېقىش ئەدەپسىزلىكتۇر. شۇنداقلا بىراۋنىڭ، خوشنىلارنىڭ، بالىلارنىڭ تاقاقلىق تۇرغان ئىشىك - دەرۋازىلىرىدىن ماراپ قاراش بەكمۇ ئەدەپسىزلىكتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداقلارغا ئاچچىقلىنىپ:" بىراۋنىڭ ئۆيىگە ئىشىكتىن ياكى تۆشۈكتىن رۇخسەتسىز ماراپ قارىغان ئادەمنىڭ كۆزىنى ئويۇۋەتسىمۇ بولىدۇ" دەپ سۆككەن. چۈنكى مۇنداق قىلىش ھەم ئەدەپسىزلىك ھەم باشقىلارنىڭ مەخپىيەتلىكىگە قىلىنغان ئېغىر خىيانەتتۇر."

ئابدۇلكەرىم ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئاتا - ئانىلارنىڭمۇ بالىلىرىنىڭ ياتاقلىرىغا ئىشىكنى چېكىپ، رۇخسەت سورىماستىن خالىغانچە كىرمەسلىكى، بالىلارنىڭمۇ ئاتا - ئانىسىنىڭ ياتىقىغا مەيلى كۈندۈزى، مەيلى ئاخشاملىرى ئىشىكنى سىلىق چېكىپ رۇخسەت ئالماستىن كىرمەسلىكى لازىم. چۈنكى مۇنداق قىلىش ئاتا - ئانىلار بىلەن بالىلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىپپەت - ھايانىڭ ئاجىزلىشىپ قېلىشىغا، ئارىسىدىكى ھۆرمەت - ئېھتىرامنىڭ سۇسلىشىپ قېلىشىغا سەۋەب بولىدۇ. بىر ئائىلىنىڭ پەرزەنتلىرىمۇ بىر - بىرىنىڭ ياتاقلىرىغا كىرىشتە ئەلۋەتتە ئىشىكىنى چېكىپ، رۇخسەت سوراپ كىرىشى ئەدەپ - ئەخلاقنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.