'مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى' دېگەن ئۇقۇم ھەققىدە

2004 - يىلى گېرمانىيىنىڭ مىيونخىن شەھرىدە، "دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى" قۇرۇپ چىقىلغاندا، قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنىڭ بىردەك ماقۇللۇقى بىلەن، قۇرۇلتاينىڭ نىزامنامىسىغا تۇنجى قېتىم، " مەقسىدىمىز، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ۋە ئەركىن ياشاش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش" دېگەن سۆز كىرگۈزۈلگەن.

0:00 / 0:00

شۇندىن بۇيان، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى مەركەز قىلغان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى بۇ سىياسى تەلەپپۇزنى ئۆزىنىڭ يېتەكچى ئىدىيىسى قىلىپ كەلمەكتە. چۈنكى، "مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى" دېگەن بۇ شوئار، خەلقئارالىق قانۇن - پرىنسىپلارغا ماسلاشتۇرۇلغان دىپلوماتىك بىر ئاتالغۇ بولۇپ، شەرقىي تۆمۈر، بوسنا - ھەرسەك، كوسوۋا... قاتارلىق ئەللەرمۇ دەل مۇشۇ خەلقئارالىق پرىنسىپقا تايىنىپ تۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىقىغە ئەرىشكەن ئىدى.

ئىنگىلىزچە، Self Determination، يەنى «ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش» دېگەن ئۇقۇمنىڭ ھازىرقى لۇغەت مەنىسى، ھېچقانداق تاشقى كۈچنىڭ زورلىشىدىن مۇستەسنا ھالدا ئۆزىنىڭ تاللىشىنى ئەركىن بېكىتىش دېگەنلىك بولۇپ، بۇ ئۇقۇم كۆپىنچە، مەلۇم تېررىتورىيىدىكى خەلقنىڭ، ئۆزى تۇرۇشلۇق دۆلەت ياكى رايوندا ئۆزلىرىنىڭ سىياسى ئورنىنى ياكى مۇستەقىللىقىنى بېكىتىشنى كۆرسىتىدۇ.

باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، "مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى" دېگەنلىك، ئەمەلىيەتتە مەلۇم دۆلەتتە ياشايدىغان خەلقنىڭ، باشقا ھېچبىر دۆلەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغان ھالدا ئۆزلىرى قانداق شەكىل ۋە كىم تەرىپىدىن ئىدارە قىلىنىشىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى دېمەكتۇر.

"ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش" دېگەن بۇ ئۇقۇمنىڭ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قانۇن - نىزاملىرىدا يەر ئېلىشىنىڭ قىسقىچە جەريانى مۇنداق: 1941 - يىلى، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئىتتىپاقداشلىرى، "ئاتلانتىك ئەھدىنامىسى" غا ئىمزا قويۇپ، "ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش " دېگەن بۇ پرىنسىپنى رەسمى قوبۇل قىلدى ۋە 1942 - يىلىغا كەلگەندە بۇ پرىنسىپنى ئېتىراپ قىلغان 26 دۆلەت، " بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خىتابنامىسى " غا ئىمزا قويدى.

1945 - يىلىنىڭ ئاخىرى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ تەستىقلىنىشىغا ئەگىشىپ، " ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش" پىرىنسىپ، رەسمى يوسۇندا خېلى قارا قانۇن ۋە دىپلوماتىيە قۇرۇلمىسىغا كىرگۈزۈلدى.

بدت نىزامنامىسىنىڭ 1 - بۆلۈم 1 - ماددىسىنىڭ 2 - قىسمىدا، "بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ھوقۇق باراۋەرلىكى ۋە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش پرىنسىپلىرىغا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا، مىللەتلەر (دۆلەتلەر) ئارىسىدا دوستانە مۇناسىۋەتنى تەرەققى قىلدۇرىدۇ ۋە باشقا مۇۋاپىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ئۇنىۋېرسال تىنچلىقنى كۈچلەندۈرىدۇ" دەپ كۆرسەتكەن.

ئۇنىڭدىن سىرت يەنە، بدت نىڭ پۇقرالىق ۋە سىياسى ھوقۇقلار خېلى قارا ئەھدىنامىسى ( ICCRP )، شۇنداقلا بدت نىڭ ئىقتىسادى، ئىجتىمايى ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقلىرى خەلقارا ئەھدىنامىسى ( ICESCR) سىنىڭ ھەر ئىككىسى تۆۋەندىكىلەرنى كۆرسەتكەن: "ھەممە خەلق ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقوقىغا ئىگە. شۇ ھوقۇققا تايىنىپ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ سىياسى سالاھىيىتىنى ئەركىن بەلگىلەيدۇ ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادى، ئىجتىمايى ۋە مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى دەخلىسىز ئىلىپ بارىدۇ".

بۇندىن باشقا يەنە بدت نىڭ ئۇنىۋېرسال ئىنسان ھەقلىرى خىتاپنامىسىنىڭ 15 - ماددىسىدا، "ھەر بىر كىشىنىڭ، ئۆزىنىڭ مىللى كىملىكىنى (دۆلەت تەۋەلىكىنى) بەلگىلەش ھوقۇقى بولىدۇ، ھېچ كىم خالىغىنىچە ھېچكىمنىڭ مىللى كىملىگىنى (دۆلەت تەۋەلىكىنى) تارتىۋالالمايدۇ ياكى ئۇنىڭ مىللى كىملىگىنى (دۆلەت تەۋەلىكىنى) ئۆزگەرتىش ھوقۇقىنى ئىنكار قىلالمايدۇ" دەپ ئېنىق كۆرسىتىلگەن.

دىمەك، يۇقارقىلارنى كۆزدە تۇتقاندا، „ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش" دىگەن بۇ ئۇقۇم ناھايىتى كەڭ مەناغا ئىگە بولۇپ، ئۇيغۇرلارغا ئوخشىغان ئەسىر مىللەتلەرنىڭ مۇستەقىللىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشمۇ يەنە مۇشۇ پىرىنسىپقا تايىنىدۇ.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.