ئۆزبېكىستان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ناسىر زاكىر ئەپەندى بىلەن سۆھبەت (2)

ئالدىنقى ھەپتە ئۆزبېكىستان كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيىتى نەمەنگان شۆبىسىنىڭ رەھبىرى ناسىر زاكىر ئەپەندى بىلەن ئۆزبېكىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيەتلىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن ئىدۇق.

0:00 / 0:00

بۈگۈنكى ئۇنىڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتنىڭ داۋامى ئاساسىدا ئۆزبېكىستان خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى بىلىش دەرىجىسى، ئۆزبېكىستاننىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرىمىز.

ناسىر زاكىر ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2005 - يىلىدىكى ئەنجان پاجىئەسىدىن كىيىن يامانلاشقان ئۆزبېكىستان سىياسىي ئەھۋالى، ھازىرغا كەلگەندە بىر ئاز ياخشىلانغان ھەمدە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەلۇم دەرىجىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىغا ئاز بولسىمۇ يول بېرىلگەن.

گەرچە ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىگە ئازغىنە پائالىيەت بوشلۇقى ياراتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۆزبېكىستاننىڭ رۇسىيە ۋە خىتاي قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغۇچى دىكتاتور دۆلەتلەرنىڭ باش بولۇشىدا تۈزۈلگەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ تۇرۇشى يەنىلا ياخشىلىقتىن دېرەك بەرمەيدىغانلىقىنى ھەمدە ئۇيغۇرلاردىن شۇنچە يىل ئايرىلىپ كېتىشكىمۇ يەنىلا رۇسلارنىڭ سەۋەبچى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئەمما ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، ئۆزبېكىستان مۇستەقىللىق جاكارلاپ 17 يىللىق مۇساپىنى تاماملىدى. بۇ تېمىلاردا سۆز ئېچىلغاندا ناسىر زاكىر ئەپەندىنىڭ چىرايىنى ئېغىر خورسىنىش قاپلىغاندەك قىلاتتى. ئۇ ئۆزبېكىستاننىڭ دۆلەت سىياسىتى ھەققىدە توختىلىپ، ئۆزبېكىستان مۇستەقىللىقىنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭمۇ ئۆزبېكىستان خەلقلىرىگە ئوخشاشلا شاد - خۇراملىق ئىلكىدە قۇتلىغانلىقىنى، ئەمما ئۆتكەن 17 يىل جەريانىدا ئۆزبېكىستاندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزبېك خەلقى بىلەن ئوخشاش قوۋم ئىكەنلىكىنىڭ ھېچ يەردە تىلغا ئېلىنمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە ئۇكسىنىپ تۇرۇپ، ھۆسەيىن جېلىلنى ئۆزبېكىستاننىڭ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىدىن ئىنتايىن ئىچى ئېچىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ناسىر زاكىر ئەپەندى مىسال قىلىپ، بۇ نۆۋەتلىك ياۋروپا پۇتبول لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە گېرمانىيە بىلەن تۈركىيە مۇسابىقىلەشكەندە ئۆزبېكلەرنىڭ گېرمانىيە تەرەپدارى بولغانلىقىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلانغانلىقىنى ھەمدە بۇنىڭ ئۆزبېكىستاندىكى دۆلەت سىياسىتىنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنداق كېتىۋېرىشنىڭ ياخشى ئاقىۋەت ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

سۆھبەت جەريانىدا ناسىر زاكىر ئەپەندى ئۆزبېكىستان خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىلىش دەرىجىسى ھەققىدە توختىلىپ، ئۆزبېكىستان مۇستەقىل بولغان 10 نەچچە يىل مابەينىدە ئۆزبېكىستاندا ئۇيغۇرلارغا بولغان تونۇشىنىڭ ئاجىزلاپ بارغانلىقىنى، ئەمما ئۆزبېك سودىگەرلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا بولغان سەپەرلىرى، ئۆزبېك خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا باشلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ناسىر زاكىر ئەپەندى ئۆزبېكىستان كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيىتى ( ئۆزبېكىستان ئىنسان ھەقلىرى جەمئىيىتى) نەمەنگان بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ ئۇ يېقىندا بىر نەچچە ھەمراھلىرى بىلەن ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ چاقىرىشى بىلەن ئامېرىكىغا زىيارەت ۋە ئۆگىنىشكە كەلگەن ئىدى.

بىز شۇ پۇرسەتتە ئۇنىڭ بىلەن ئۆزبېكىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ۋە باشقىلار ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ئىدۇق. ناسىر زاكىر ئەپەندى سۆھبىتىمىز جەريانىدا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە توختىلىپ: ئۇ ئايال پەقەت سىلەرنىڭلا ئەمەس، بەلكى ھەممىمىزنىڭ تۇمارىسى دېدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇلار ۋاشىنگتوندىكى پائالىيەتلىرىنى ئاياغلاشتۇرۇپ ئامېرىكىنىڭ باشقا شەھەرلىرىدە زىيارەتتە بولۇش ئۇچۇن يۈرۈپ كەتكەن.