ئولىمپىك مەشئىلى پاكىستاندىكى 350 ئائىلە ئۇيغۇرغا قىيىن كۈنلەر ئېلىپ كەلدى

ئالماتا، ئىستانبۇل، لوندون، پارىس ۋە سانفرانسېسكو قاتارلىق شەھەرلەردە تۈرلۈك نارازىلىقلارغا ئۇچرىغان 2008 ئولىمپىك مەشئىلى 16 - ئاپرىل كۈنى پاكىستاندىن ئۆتۈشتىن بۇرۇن، پاكىستاننىڭ ئىسلامئاباد، راۋالپىندى شەھەرلىرىدە ياشاۋاتقان 350 ئائىلە ئۇيغۇرغا قىيىنچىلىقلار ئېلىپ كەلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى بىلەن بۇ 350 ئۇيغۇر ئائىلىسى پاكىستان خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈپ نەزەربەنتكە ئېلىنغان.

0:00 / 0:00

بۇلاردىن تۈركىيىدە ئۇرۇغ - تۇغقانلىرى بارلىرى 15 - ئاپرىل كۈنى ئەتىگەندە ئۆيلىرىدىن ۋە دۇكانلىرىدىن ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان. پاكىستان ساقچى دائىرىلىرىدىن بۇلارنى سولاپ قويۇشنىڭ سەۋەبىنى سورىغان ۋاقىتتا، بۇلارنىڭ تۈركىيىگە قېچىپ كەتكەن بالىلىرى ۋە ئۇرۇغ - تۇغقانلىرىنىڭ تۈركىيىدە تۇرۇپ پاكىستاندىن ئۆتىدىغان ئولىمپىك مەشئىلىگە قارشى پائالىيەت ئېلىپ بېرىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

بىز پاكىستان ساقچى ئىدارىسى تەرىپىدىن سولاپ قويۇلغان ئۇيغۇرلارغا تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىگىلىدۇق. ساقچى ئىدارىسىدا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان ئابدۇل ئەخەت ھاجىنىڭ دېيىشىچە، ھازىر تۈركىيىدە تۇرىۋاتقان ئابدۇل ۋاھىتنىڭ دادىسى ئابدۇل ئەخەت ھاجى، ئەكبەرنىڭ ئىنىسى ئۆمەر ئوسمان، ئەرشىدىن ئاغا ۋە ئۇنىڭ ئىنىلىرى، ئوسمانخان ھاجىم، باراتخان ئابدۇلەخەت ئەپەندى قاتارلىق كىشىلەر سولاپ قويۇلغان. ساقچى ئىدارىسىنىڭ دېيىشىچە بۇلار 2008 ئولىمپىك مەشئىلى پاكىستاندىن ئۆتۈپ بولغىچە قاماقخانىدا تۇتۇپ تۇرۇلىدىكەن.

پاكىستان ساقچى دائىرىلىرى ئىلگىرى سۈرگەندەك ھازىر تۈركىيىدە تۇرىۋاتقان پاكىستان پۇقراسى ئۇيغۇر بالىلار پاكىستاندىن ئۆتىدىغان ئولىمپىك مەشئىلىگە قارشى بىر ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن پىلان تۈزگەنمۇ؟ ھازىر پاكىستاندىكى 350 ئائىلە ئۇيغۇرنىڭ ئەھۋالى قانداق؟ بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن راۋالپىندىدىكى ساقچى ئىدارىسىدا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان پاكىستاندا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان پاكىستان پۇقراسى ئۇيغۇر ئابدۇل ئەخەت ھاجى ۋە ئۇنىڭ تۈركىيىدە ياشاۋاتقان تۇغقىنى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.