پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلار رابىيە خانىمنىڭ تېلېفون سۆھبىتىنى ئاڭلىدى

خىتاي ئەلچىخانىسى ۋە پاكىستان دائىرىلىرىنىڭ ھەر خىل سىياسىي بېسىمى تۈپەيلى، ئۆزلىرىنىڭ گاڭگىراپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن پاكىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتى، بۈگۈن ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بىلەن تېلېفۇن سۆھبىتى ئېلىپ باردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2010.06.24
Omer-wexpi-Rabiye-xanim-telephone-sohbiti-305 ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺑﯜﮔﯜﻥ ﭘﺎﻛﯩﺴﺘﺎﻧﺪﺍ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺟﺎﻣﺎﺋﯩﺘﻰ ﺋﯚﻣﻪﺭ ﯞﻩﺧﭙﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻫﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﻫﺒﯩﺮﻯ ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯧﻠﯧﻔﯘﻥ ﺳﯚﻫﺒﯩﺘﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﻳﯩﻐﯩﻦ ﺯﺍﻟﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo / Eqide

رابىيە خانىمنىڭ سۆزلىرىدىن كېيىن ئۆزلىرىنىڭ ئۈمىدلەنگەنلىكىنى ۋە قايتىدىن ئىرادە تىكلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن، پاكىستان ئۆمەر ۋەخپىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە ئەزالىرى ئۆز قاراشلىرىنى ئىپادىلىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىي زۇلۇملىرىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، بولۇپمۇ ئۆتكەن يىلى 5 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ھەر قايسى دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پائالىيەتلىرى تېخىمۇ زورايماقتا، ئۇيغۇرلار يەنە ئۆز مەدەنىيىتى، ئۆرپ - ئادەتلىرى ئومۇمەن مىللي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشقىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرمەكتە.

بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل ھەرىكەتلىرىگە توسقۇنلۇق قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەردىكى قانۇنىي رەسمىيەتلىرى تولۇق بېجىرىلگەن تەشكىلات ۋە ھەتتا ئىجتىمائىي ئورگانلىرىغا سىياسىي سۈيىقەست ئىشلەتمەكتە.

پاكىستاندىكى ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئۆمەر ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپى پاكىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ بىۋاستە قول تىقىشى نەتىجىسىدە تاقىۋېتىلگەن.

قانۇنىي رەسمىيەتلىرى تولۇق بېجىرىلگەن مەزكۈر مەكتەپنىڭ تاقىۋېتىلىشى، ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپلا قالماي، ئۇلارنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈرگەن، پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئۆمەر ۋەخپىنىڭ يېتەكچىلىكى ئاستىدا مەخسۇس ۋەكىللەر گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىپ، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ يوليورۇقى بىلەن ئىش ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلغان.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئۆمەر ۋەخپى ھازىرلىغان تېلېفۇن يىغىنىدا جامائەتنىڭ ھەرگىز ئۈمىدسىزلەنمەسلىكىنى، توغرا يولدا مېڭىپ، توغرا ئىش قىلىشنى تەۋسىيە قىلغان.

رابىيە قادىر خانىم سۆزىدە يەنە، مەيلى پاكىستاندا بولسۇن ياكى مىسىردا بولسۇن ۋە ياكى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە بولسۇن، دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۈمىدسىزلىنىپ باقمىغانلىقىنى،لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، ۋەتەن ئىچىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم سېلىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، نامرات دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەت توقۇنۇشىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ، شۇ دۆلەتلەردە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارغا، ھەتتا دۇنيانىڭ ھەممە يەرلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا، تۈرلۈك شەكىلدە زور بېسىم ئىشلىتىشكە ئۇرىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

رابىيە قادىر خانىمنىڭ سۆزىدىن كېيىن، ئۆزلىرىدە يېڭى بىر ئىرادە ۋە ئۈمىد تۇرغۇزۇلغانلىقىنى ئېيتقان ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەكبەرجان، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ خۇددى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۆزىنى كۆرگەندەك ناھايىتى خۇرسەن بولغانلىقىنى ئېيتتى.

جامائەت ئەربابلىرىدىن ساخىردىن ئەپەندى، رابىيە قادىر خانىمنىڭ سۆزىدىن كېيىنكى تەسىراتىنى ئىپادىلىدى.

تېلېفۇن يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۇيغۇر جامائىتى رابىيە قادىر خانىم ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيىتى ئۈچۈن دۇئا تىلاۋەت قىلدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.