پاكىستاننىڭ راۋالپىندى شەھىرىدىكى بىر تىجارەتچىلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسلىكىگە يەنە ئۇيغۇر سايلاندى
2011.07.26
ئانا ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ، باشقا بىر دۆلەتكە كۆچمەن بولۇپ يەرلىشىپ، شۇ دۆلەتتىكى يەرلىك ئاھالىلەر ئارىسىدا تەشكىللەش ۋە يېتەكلەش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇش، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ مەسئۇلىيەتنى سايلامدا ئۇتۇپ چىقىپ ئۈستىگە ئېلىش، ئادەتتە ئاز ئۇچرايدىغان نەتىجىلەردىندۇر.
ئۆتكەن ھەپتە پاكىستاننىڭ راۋالپىندى شەھىرىدىكى بىر چوڭ بازاردا ئۆتكۈزۈلگەن تىجارەتچىلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىس سايلىمىدا غەنىجان روزى ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر رەئىسلىككە سايلانغان. بىر ئاي داۋام قىلغان سايلام پائالىيىتى توغرىسىدا ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ مەسئۇلى ئەكبەرجان بىلىدىغانلىرىنى بايان قىلدى.
غەنىجان روزى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بورتالا شەھىرىدىن، ئۇ 1982-يىلى 12 ياش ۋاقتىدا، ئاتا-ئانىسى بىلەن بىرلىكتە پاكىستانغا كۆچمەن بولۇپ كېلىپ يەرلەشكەن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.
مانا بۇ، ئۆز ئانا ۋەتىنىدە، ھاكىمىيەت تەرىپىدىن تۈرلۈك قالپاقلار بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان، ھەتتا خىتاي ئۆلكىلىرىدە ياتاق بېرىلمەسلىكتەك ئېغىر دەرىجىدە كەمسىتىشكە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ھاياتىدىن بىر كۆرۈنۈشتۇر.