پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلار، قۇربان ھېيت پائالىيىتىدە، خىتاي ۋە تۈركىيە ئەلچىخانىسىدىن بىرىنى تاللاشقا دۇچ كەلدى
2012.10.31
خىتاي ئەلچىخانىسى ئۇيغۇرلارنى دەۋەت قىلىشتا، ئاتالمىش ئانا ۋەتەن مېھرى مۇھەببىتىنى يەتكۈزۈشنى مەقسەت قىلغان بولسا، تۈركىيە ئەلچىخانىسى قان قېرىنداشلىق مېھرى مۇھەببىتىنى يەتكۈزۈشنى مەقسەت قىلغان. نەتىجىدە پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسىم خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ، يەنە بىر قىسمى بولسا، تۈركىيە ئەلچىخانىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدىكى ھېيت مۇراسىمى پائالىيىتىگە قاتناشقان. مۇخبىرىمىز بۈگۈن ئىككى تەرەپتىكى مۇراسىمدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەسىرات پەرقى ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بايرام پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈشتە ئىككى ئەلچىخانىدىن بىرىنى تاللاشقا دۇچ كەلگىنىگە 5-6 يىل بولغان. يېقىنقى 10 يىلدىن بېرى ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر، بولۇپمۇ، نامايىشلار، ئىسيانلار ۋە خىتاينىڭ باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى، دۇنيادىكى تۈرك خەلقلىرىنىڭ، ئۇيغۇرلارنى تونۇشى ۋە ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيلىكىنى چۈشىنىشىگە سەۋەب بولغان. شۇڭا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئىنسانىي ياردەم پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان تۈرك تەشكىلاتلىرى دىققىتىنى ئۇيغۇر رايونىغا ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان. خەلقئارا تەسىرگە ئىگە بولغان «ئى ھا ھا» ناملىق تۈرك تەشكىلاتى بىرقانچە يىلدىن بېرى پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى ئارقا-ئارقىدىن يوقلاپ، ئۇلاردىن ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ھال سورىغان. بۇ يىلمۇ بۇ تەشكىلاتنىڭ گېرمانىيىدىكى ئەزالىرى پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا پۇل ئەۋەتىپ، ئۇلارنىڭ ھېيت پائالىيەتلىرىگە ياردەم قىلغان. تۈركىيىنىڭ ئىسلامئابادتىكى ئەلچىخانىسى، بۇ يىلمۇ ئۆزلىرىنىڭ ھېيت مۇراسىمى پائالىيىتىگە پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى تەكلىپ قىلغان. بۇ پائالىيەتكە، پاكىستاندىكى ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ مەسئۇللىرى بولۇپ ئۇيغۇرلاردىن جەمئىي 30غا يېقىن كىشى قاتناشقان.
ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ دۇنياغا تونۇلۇشقا باشلىشى، بولۇپمۇ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنىڭ كۈچىيىشى، ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى خىتاي ئەلچىخانىلىرىنىڭ شۇ دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە قارىتا سەزگۈرلۈكىنى ئاشۇرغان. خىتاي ئەلچىخانىلىرى بىر تەرەپتىن، دىپلوماتىك كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، شۇ دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى چەكلەشكە ئۇرۇنسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇيغۇر جامائىتى ئىچىدىكى ئىقتىسادىي جەھەتتىن موھتاج ياكى مەنپەئەتپەرەس كىشىلەرنى ئۆزىگە تارتىپ، دۇنياغا ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە خاتا سىگنال بەرمەكتە. پاكىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى بۇ يىلمۇ ھېيت مۇراسىمى پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھېيتىنى تەبرىكلىگەن، بۇ پائالىيەتكىمۇ 30غا يېقىن كىشى قاتناشقان. مەلۇم بولۇشىچە، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى، ئافغانىستاندىن پاكىستانغا يېڭىدىن كۆچۈپ كەلگەن ئىقتىسادى جەھەتتىن موھتاج ئائىلىلەر؛ يەنە بىر قىسمى بولسا، تىجارەتلىرى سەۋەبلىك خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ۋىزا تەستىقىغا ئېھتىياجلىق بولغان ئۇيغۇرلار.
تۈركىيە ئەلچىخانىسىنىڭ ھېيت مۇراسىمىغا قېتىلغان بىر ئۇيغۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇراسىمىدا ئەلچىخانا، ئۇيغۇر جامائىتىگە 6 كالىنىڭ گۆشىنى تەقسىم قىلىپ بەرگەن ۋە ئەلچىخانا خادىملىرى مۇراسىمدا ئۇيغۇر ئېلىنى شەرقى تۈركىستان دەپ ئاتىغان ۋە ئۇيغۇرلارنى «بىزنىڭ قان-قېرىنداشلىرىمىز» دەپ تونۇشتۇرغان. خىتاينىڭ بېسىمى بىلەن پاكىستان تەرىپىدىن قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن ۋە چېگرادىن چىقىشى چەكلەنگەن ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ ئەزالىرى، تۈركىيە ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن ئەزىز مېھمان سۈپىتىدە قارشى ئېلىنغان.
خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ پائالىيىتىگە قاتناشقان بىر ئۇيغۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ پائالىيەتتە، خىتاي ئەلچىخانىسى ئۇيغۇرلارغا 6 قوينىڭ گۆشىنى تەقدىم قىلغان ۋە بۇنىڭدىن كېيىن 100مىڭ يۈەن پۇل ياردەم بېرىشكە ۋەدە قىلغان. بۇ پائالىيەتتە ئۇيغۇرلارغا سۆز پۇرسىتى بېرىلمىگەن، ئەلچىخانىنىڭ خىتايلىرى تەبرىك سۆزى قىلغاندىن كېيىن، مۇراسىمغا قاتناشقانلارنى رەسىمگە تارتىپ چىقىپ كەتكەن.
ئىككى ئەلچىخانىنىڭ پائالىيىتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كەيپىيات پەرقىنى پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلاردىن ئابدۇقېيۇم شەمشىدىن ئەپەندى ئوچۇق بايان قىلدى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ پائالىيىتىگە قېتىلغان ئۇيغۇرلار، ئاساسەن موھتاجلىقتىن كەلگەن بولغاچقا، مۇراسىمدا، ئۆزلىرىنى بىر سىياسىي يىغىن سورۇنىدا ئولتۇرغاندەك ھېس قىلغان، سورۇندا سىقىلىش ۋە زېرىكىش كەيپىياتى ھۆكۈم سۈرگەن. تۈركىيە ئەلچىخانىسىنىڭ پائالىيىتىگە قېتىلغان ئۇيغۇرلار بولسا، دەۋەتكە ئاساسەن ئۆزلىرى خالاپ كەلگەن بولغاچقا، ئۇلار ئۆزلىرىنى ئىللىق بىر ئائىلىدە ھېس قىلغان؛ سورۇندا ئەركىن-ئازادە ۋە خۇشال-خۇرام كەيپىيات ھۆكۈم سۈرگەن.
ئابدۇقېيۇم شەمشىدىننىڭ پەرەز قىلىشىچە،، تۈركىيە ئەلچىخانىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆز قوينىغا تارتىشى، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرمەكتە؛ ئەمما خىتاي تەرەپ بۇ نارازىلىقىنى تېخى ئاشكارا ئىپادىلىمەيۋاتقان بولۇپ، ئۇلار پەقەت ھەر قېتىم تۈركىيە ئەلچىخانىسى بىر پائالىيەت ئېلىپ بېرىش بىلەن تەڭ، ئۆزلىرىمۇ بىر پائالىيەتنى دوراپ ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە ئەلچىخانىسى ئورۇنلاشتۇرۇشىدا توپلىشىشىغا توسقۇنلۇق قىلماقتا.