" پاكىستان تالىبان ھەركىتى" دېگەن تەشكىلات 2 نەپەر خىتاي ئىنژېنېرىنى گۆرۈگە ئالغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ئىگىلىنىشىچە 29 ‏- ئاۋغۇست جۈمە كۈنى تالىبانلار ئىككى نەپەر خىتاي ئىنژېنېرىنى بىر شوپۇرى ۋە قوغدىغۇچىسى قاتارلىق 4 نەپەر شەخسنى ئافغانىستان ‏- پاكىستان چېگرىسىدا گۆرۈگە ئالغان.

0:00 / 0:00

فرانسىيە ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تالىبانلار نامەلۇم بىر ئورۇندىن تېلېفون قىلىپ، تالىباننىڭ ئىككى نەپەر خىتاي ئىنژېنېرىنى گۆرۈگە ئالغانلىقىنى تەستىقلىغان.

پاكىستاننىڭ دى نېۋىز گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، "پاكىستان تالىبان ھەرىكىتى" ناملىق تەشكىلات جاڭ گۇۋا ۋە لۇڭ ئىسىملىك خىتاي ئىنژېنېرلىرىنى پاكىستانلىق قوغدىغۇچىسى ئىمرانۇللا، شوپۇرى خەلىل بىلەن قوشۇپ ئۆزلىرىنىڭ گۆرۈگە ئالغانلىقىنى ئېلان قىلغان. "پاكىستان تالىبان ھەرىكىتى" ناملىق تەشكىلاتنىڭ باياناتچىسى مۇسلىمخان نامەلۇم بىر ئورۇندىن مۇخبىرلار بىلەن تېلېفون ئارقىلىق گۆرۈگە ئېلىنغان ئىككى نەپەر خىتاي توغرىسىدا سۆھبەتلەشكەن. مۇسلىمخان مۇخبىرلارنىڭ، گۆرۈگە ئېلىنغان ئىككى نەپەر خىتاي ئىنژېنېرلىرىنىڭ بىرسىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى توغرىمۇ؟ دەپ سورىغان سوئالىغا جاۋاب بېرىپ گۆرۈگە ئېلىنغانلارنىڭ ھەممىسى ھايات، ئەمما بىز چەتئەللىكلەرنىڭ ھېچ قايسىسىنى ئايىمايمىز. مەيلى خىتاي بولسۇن مەيلى ئەنگلىيىلىك بولسۇن بىزنىڭ رايونىمىزدا كۆرگەن ھامان ئۇلارنى ئەسىرگە ئالىمىز، دەپ جاۋاب بەرگەن.

ئۇ يەنە گۆرۈگە ئېلىنغان خىتاي ئىنژېنېرلىرىنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە سورىغان سوئالغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېگەن: ئۇلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى تېخى ئويلاشمىدۇق. "پاكىستان تالىبان ھەرىكىتى" نىڭ مەسئۇللىرى يىغىن ئېچىپ قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى قارار قىلغاندىن كېيىن شۇ بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.

پاكىستاندا چىقىدىغان " ئېكىسپرىس" گېزىتىنىڭ 3 ‏- سىېنتەبىردىكى سانىدا ئېلان قىلىنىشىچە، پاكىستان تالىبان ھەرىكىتى باياناتچىسى مۇسلىمخان مۇخبىرنىڭ، خىتاي ئىنژېنېرلىرىنى نېمە ئۈچۈن گۆرۈگە ئالغانلىقىنى سورىغاندا مۇنداق دەپ جاۋاب بەرگەن: "ئۆتكەن يىلى لالە مەسچىتىنى قانلىق باستۇرۇش ھەرىكىتى خىتاينىڭ بېسىمى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان. جامىئە ھەفىس مەدرىسىنىڭ تالىبلىرى ئىسلام ئابادتا خىتاي پاھىشىلىرىنى تۇتۇپ سولاپ قويغاندىن كېيىن ھۆكۈمەت خىتاينىڭ بېسىمى ئاستىدا لالە مەسچىتكە قارشى قانلىق باستۇرۇش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز بۇ خىتايلارنى ئەسىر ئالدۇق. ئەسىرگە ئېلىنغان خىتايلار شوپۇر ۋە قوغدىغۇچىسى بىلەن بىرگە ساق سالامەت بىزنىڭ قولىمىزدا، ھازىر نامەلۇم بىر ئورۇندا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتىدۇ. ئۇلارنى قويۇپ بېرىشنىڭ بەدىلىگە ھۆكۈمەت بىزنىڭ شەرتلىرىمىزنى قوبۇل قىلسا بەلكى قويۇپ بېرىمىز."

ئۇلار ئالماشتۇرۇش شەرتىنى پاكىستان ھۆكۈمىتىگە جاكارلاش ئالدىدا ئىكەن. 5 كۈن ئىلگىرى مەزكۇر ئىككى نەپەر خىتاي ئىنژېنېر ۋە ئۇلارغا شوپۇر ھەم قوغدىغۇچى بولغان ئىككى پاكىستانلىق جۈمە كۈنى پاكىستاننىڭ ئافغانىستان بىلەن چېگرىلىنىدىغان، تالىبانلار ھەرىكەتلىنىپ يۈرۈدىغان پاكىستاننىڭ دىر دېگەن قەبىلە رايونىدا ئالاقە ئۈسكۈنىسىنى رېمونت قىلىپ قايتىش يولىدا ئىز دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن ئىدى.

خىتاي دائىرىلىرى پاكىستاندىن گۆرۈگە ئېلىنغان ئىككى نەپەر خىتاينى دەرھال قۇتۇلدۇرۇشىنى، تەلەپ قىلغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ، خىتاي پاكىستاندىن گۆرۈگە ئېلىنغان ئىككى نەپەر خىتاينىڭ ھاياتىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشىنى، ئۇلارنى دەرھال قۇتۇلدۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.

بىز بۇ ۋەقە ھەققىدە پاكىستاندا ئۇزۇن يىل ئوقۇپ ئوقۇش پۈتتۈرگەن، ھازىر تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان پاكىستاننىڭ سىياسى ۋەزىيىتىنى ياخشى بىلىدىغان شەخسلەرنىڭ بىرى.

تالىباننىڭ قانداق شەرتلىرى بار؟ گۆرۈگە ئېلىنغان خىتايلارنىڭ كېيىنكى تەقدىرى قانداق بولىدۇ؟ بىز بۇ ھەقتە داۋاملىق ئۇچۇر ئىگىلەشكە تىرىشىمىز.