2008 - يىلى 4 - ئاينىڭ 11 - كۈنى پاكىستان ۋاقتى كەچ سائەت 18:30 دا پاكىستان ساقچى خادىملىرى راۋالپىندى شەھرىنىڭ ئىقبال يولىغا جايلاشقان چىنار مېھمانخانىسىغا بېسىپ كىرىپ 5 ئۇيغۇرنى تۇتۇپ كەتكەن. ئۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بىر قانچە يىلدىن بىرى پاكىستاندىن قەشقەر، خوتەن، ئۈرۈمچىلەرگە مال يۆتكەپ تىجارەت قىلىۋاتقان سودىگەرلەر ئىكەن. بىز پاكىستاندىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا تۇتۇلغانلارنىڭ ئارىسىدىكى رۇزىمەمەت ھاجىم ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر تىجارەتچى بار ئىكەن، ئۇ بىر ئاي ئىلگىرى پاكىستانغا كەلگەن.
رۇزىمەمەت ھاجى 40 ياش ئەتراپىدا بولۇپ يۇرتى خوتەندىن ئىكەن. ئۇ تىۋىپ بولۇپ، ئۇيغۇر دىيارىدا تونۇلغان دورىگەر ئىكەن، ئۇنىڭ خوتەن ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىرىدە دۇكىنى بار، ئۇ دادىسى بىلەن بىر قانچە يىلدىن بىرى پاكىستاندىن تىبابەت دورىلىرى سېتىۋېلىپ خوتەن ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىرىگە يۆتكەپ سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان ئىكەن.
بىز پاكىستاندا ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلار بىلەن پاكىستاندا قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق. ئىگىلىنىشىچە پاكىستاندا بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ مەشئىلىنى كۆتۈرۈشكە پاكىستانلىق ئۇيغۇرلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بۇھەقتە بىز رادىئو ئاڭلىغۇچىلارغا كېلەر قېتىم مەلۇمات بېرىشكە تىرىشىمىز.