پاكىستاندا ئۆمەر مۇختەر ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر غايىپ بولدى

پاكىستاندا ياشاۋاتقان ئۆمەر مۇختەر ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر بىر يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بېرى غايىپ بولغان. ئۇ 1990 ‏- يىللاردا ئوقۇش ئىشى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىن پاكىستانغا كەلگەن. ئوقۇشى پۈتكەندىن كېيىن، ئافغانىستانلىق بىر ئۇيغۇر قىزى بىلەن ئۆيلۈك ئوچاقلىق بولغان ۋە ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە پاكىستاننىڭ ئىسلاماباد شەھىرىدە ياشىغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2010.01.25
Pakistan-Omer-wexpi-barin-305 ﭘﺎﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻼﻣﺎﺑﺎﺕ ﺷﻪﻫﺮﯨﺪﻩ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻣﯘ 4 ‏- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 5 ‏- ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯚﻣﻪﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﯞﻩﻗﭙﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﯨﺸﯩﺪﺍ، ﺑﺎﺭﯨﻦ ﯞﻩﻗﻪﺳﯩﻨﯩﯔ 19 ﻳﯩﻠﻠﯩﻘﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺭﯨﻦ ﺷﯧﻬﯩﺘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺵ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻥ.
RFA Photo / Erkin Tarim

ئۆتكەن يىلنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئۆمەر مۇختەر ئۇشتۇمتۇت غايىپ بولغان، خانىمى ئۆمەر مۇختەر ھەققىدە ھىچقانداق ئۇچۇر ئالالمىغاندىن كېيىن، ئىككى بالىسى بىلەن بىرلىكتە ئافغانىستانغا قايتىشقا مەجبۇر بولغان.

ئۆمەر مۇختەرنىڭ ئائىلىسى ئۇنى تا يېقىنغا قەدەر راۋالپىندىدىكى تۈرمىدە دەپ پەرەز قىلىپ كەلگەن؛ چۈنكى جەمئىيەتتە، ئۇنىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىن ئافغانىستانغا كېتىۋاتقان سەپىرى ئۈستىدە ئىسلامئاباد ئايرودرومىدا قولغا ئېلىنغانلىقى ھەققىدە سۆز تارقالغان. ئۆمەر مۇختەرنىڭ خانىمى ئۆتكەن ھەپتە پاكىستانغا يەنە بىر قېتىم كېلىپ، ئېرىنىڭ ئىز ‏- دېرىكىنى ساقچىلاردىن سۈرۈشتە قىلغان؛ ئەمما يەنىلا نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن.

پاكىستاندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىمۇ ئۆمەر مۇختەرنىڭ ئىز - دېرىكىنى ئېلىش ئۈچۈن ئالاقىدار ئورۇنلار بىلەن كۆرۈشكەن؛ بىراق ئۇچۇر ئالالمىغان.

پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پەرەز قىلىشىچە، ئۆمەر مۇختەرنىڭ پاكسىتاندىكى قارا جەمئىيەتلەر تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچراش ئېھتىماللىقى ناھايىتى ئاز، ئەمما ئۇ پاكىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئىچىدە كۆز كۆرۈنگەن ۋە سۆيۈلگەن بىر كىشى بولغىنى ئۈچۈن خىتاي تەرەپنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان بولۇشى مۇمكىن ؛ يەنى دىپلوماتىك ۋاستىلار بىلەن خىتايغا قايتۇرۇپ ئەكەتكەن ۋە ياكى چەتئەل دۆلەتلىرىنىڭ بىخەتەرلىك تارماقلىرىغا ساختا مەلۇمات بېرىپ، قولغا ئالدۇرغان ۋە قاماققا ئالدۇرغان بولۇشى مۇمكىن.

ئۆتكەن يىلنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە ئىككى نەپەر ئۇيغۇر ئابۇدەبىدىكى بىر خىتاي ماللىرى بازىرىغا ئوت قويۇشنى پلانلاش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان؛ شۇ چاغدا دۇبەيدە ياشاۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلىرى مەزكۇر دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ سوراق قىلىنغان؛ بەزى ئۇيغۇر ياشلىرى ئاۋارىچىلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن دۇبەيدىن كېتىشكە مەجبۇر بولغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۆمەر مۇختەر ئەنە شۇ چاغدا دۇبەي بىلەن بىلەن ئافغانىستان ۋە پاكىستان ئارىسىدا تىجارەت قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى مەزكۇر سىرلىق ئوت قويۇش دېلوسىغا چېتىلىپ، تۇتقۇن قىلىنغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا. ئۆمەر مۇختەرنىڭ ئائىلىسى ۋە يېقىنلىرى ئۇيغۇر ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنى ئۆمەر مۇختەرنىڭ ئىز - دېرىكىنى ئېلىش ئۈچۈن ياردەمگە چاقىرماقتا.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.