پاكىستاندا بىر ئۇيغۇر ئايال 4 بالىسى بىلەن بىرلىكتە ئۆيىدىن قېچىشقا مەجبۇر بولدى

بۇنىڭدىن 15 يىل بۇرۇن پاكىستانلىق بىرى بىلەن توي قىلغان ۋە پاكىستانغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان بىر ئۇيغۇر ئايال، يولدىشىنىڭ ئائىلە - تاۋاباتىنىڭ زورۋانلىقى سەۋەبلىك 4 بالىسى بىلەن بىرلىكتە ئۆيىدىن قېچىشقا مەجبۇر بولغان. نۆۋەتتە ئۇ 4 بالىسى بىلەن بىرلىكتە پاكىستاننىڭ مەلۇم بىر شەھىرىدە مۈكۈنۇپ تۇرماقتا.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﯚﮪﺮﻩﺕ ﮪﻮﺷﯘﺭ
2010.07.12
pakistan-ayal-305 پاكىستاندىكى 4 بالىسى بىلەن ئۆيىدىن قېچىشقا مەجبۇرى بولغان ئۇيغۇر ئايالنىڭ پەرزەنتلىرى بىلەن بىللە چۈشكەن سۈرىتى. (ۋاقتى ئېنىق ئەمەس)
RFA Photo

ئۇنىڭ رادىئومىزغا ئەھۋال ئېيتىپ بىلدۈرۈشىچە، يولدىشى بۇنىڭدىن 5 يىل بۇرۇن تىجارەت ئىشى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىغا كېتىپ، ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن. بۇنىڭ بىلەن يولدىشىنىڭ قېرىنداشلىرى ئاسىيەگە باشتا تاپا - تەنە قىلغان بولسا، كېيىن ئۇنى تىللاشقا ۋە ئۇرۇشقا باشلىغان. ئاسىيە 3 ئاينىڭ ئالدىدا قېيىن ئاكىسىدىن بىر قېتىم ئېغىر تاياق يىگەندىن كېيىن 4 بالىسىنى ئېلىپ قېچىشقا مەجبۇر بولغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پراگراممىسىنى ئاڭلايسىلەر.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.