ئۇ يۇرتىغا قايتىپ كەتمەكچى بولغاندا، پاكىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئۇنىڭ پاسپورت ۋە ۋىزا ئىشلىرىنى قىيىنلاشتۇرۇپ ئۇنىڭ قايتىش سەپىرىگە توسقۇنلۇق قىلغان؛ شۇ كۈندىن بۇيان بۇ ئايال پاكىستاندىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا ياشاپ كېلىۋاتقان ۋە يۇرتىغا قايتىش سەپىرىنىڭ ۋىزا رەسمىيەتلىرىنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان ئىدى. ئۇ بۈگۈن رادىئومىزغا تېلېفون قىلىپ، خىتاي ئەلچىخانىسى خادىملىرىنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكىگە يەنە بىر قېتىم نارازىلىق بىلدۈردى ۋە ئۆزىگە ساھىب چىققان ئۇيغۇر تەشكىلاتىغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى:
بۇ ئايال 8 ئاينىڭ ئالدىدا بىر قېتىم ئۆز ئەھۋالىنى ئاخباراتتا ئېلان قىلىپ، پاكىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكلىرىنئى پاش قىلغان. ئىلگىرى بۇ ئايالنىڭ ئىلتىماسىغا قوپال مۇئامىلە قىلغان ۋە ھەتتا قۇلاق سالمىغان خىتاي ئەلچىخانىسى خادىملىرى شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇنىڭ تەلەپ -شىكايەتلىرىگە دىققەت قىلىشقا باشلىغان ھەم ئۇنىڭ خىتاي نوپۇسىدىكى ئىككى پەرزەنتىنىڭ پاسپورتىنى پۈتتۈرۈپ بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما پاكىستان نوپۇسىدىكى ئىككى پەرزەنتىگە ۋىزا بېرىشنى ھازىرغىچە پۈتتۈرۈپ بەرمىگەن. ئۇنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى توغرىسىدا ھازىرغىچە ھېچقانداق بىر ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بارمىغان.
