پانتۈركىزم ئىدىيىسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى گەرچە تاتار مۇتەپەككۇر ئىسمائىل گاسپىرالى ياشىغان 1851 - 1914 - يىللىرىغا توغرا كەلسىمۇ، ئەمما پانتۈركىزمنىڭ سىياسى نەزەرىيە سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىشى، يۇسۇف ئاقچۇرانىڭ `ئۈچ تارزى - سىياسەت `ناملىق ئەسىرى يېزىلغان 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىغا توغرا كېلىدۇ. يۇسۇف ئاقچۇرانىڭ ھەدىسىنىڭ يولدىشى بولغان ئىسمائىل گاسپىرالى پۈتۈن تۈركىي مىللەتلىرى ئوقۇپ چۈشۈنەلەيدىغان بىر تىل بىلەن تەرجىمە گېزىتىنى نەشىر قىلىپ تارقىتىپ، `تىلدا، پىكىردە ئىشتا بىرلىك` شۇئارى ئاستىدا تۈركىي مىللەتلىرىنىڭ مۇسۇلمان كىملىكى بىلەن تۈرك كىملىكىنى بىرلەشتۈرۈشكە تىرىشقان.
تۈركىيىلىك داڭلىق پانتۈركىستلاردىن بىرى بولغان زىيا گۆكالپ تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مۇسۇلمان كىملىكىنى ئاساس قىلغان ھالدا بىرلىشىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن، يۇسۇف ئاقچۇرا بولسا تۈرك كىملىكىنى ئاساس قىلغان ھالدا پۈتۈن تۈركىي مىللەتلىرىنىڭ بىرلىشىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. 20 - ئەسىردىكى سوغۇق ئۇرۇش مەزگىلىدە خىتاي ۋە رۇس كوممۇنىستلىرى پانتۈركىزمگە قارشى كۈرەش باھانىسى بىلەن ئون مىڭلارچە تۈركىستانلىق زىيالىيلارنى تۈرمىگە تاشلىغان ۋە ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.
تۈركىيە كونيا سەلچۇق ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى در. ئىقلىل قۇربان ئەپەندى يازغان `پانتۈركىزمنىڭ مەيدانغا چىقىشى ۋە شەرقىي تۈركىستان `ماۋزۇلۇق ماقالىسى `بىزنىڭ قىرىم` ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىندى. در. ئىقلىل قۇربان ماقالىسىدە پانتۈركىزمنىڭ تۈرك دۆلىتىنىڭ ئاساسى پەلسەپىسى ئىكەنلىكىنى، بۇ پەلسەپىدىن چەتنەپ كەتكەن دۆلەتلەرنىڭ تۈركىي مىللىتىنىڭ دۆلىتى بولالمايدىغانلىقىنى، بۈگۈنكى كۈندە بۇ پەلسەپىگە ئەڭ مۇھتاج بولغان مىللەتلەردىن بىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ بويۇنتۇرىقىدىن دېموكراتىيە بىلەن پانتۈركىزمنىڭ قۇتۇلدۇرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
در. ئىقلىل قۇربان ئەپەندى ماقالىسىدە خىتايچىدىن تەرجىمە قىلىنىپ 2000 - يىلى ئۈرۈمچىدە نەشىر قىلىنغان `پانتۈركىزم مەدەنىيىتى ھەققىدە تەتقىقاتلار `ناملىق كىتاب ھەققىدىمۇ توختالغان. ئۇ ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا پانتۈركىزم ۋە تارىخىي نۇقتىئىنەزىرىدىن قارىلىدىغان بولسا خىتاي دۆلىتىنىڭ چوقۇم پارچىلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. (ئەركىن تارىم)