فرانسىيىنىڭ پارىژ شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

فرانسىيىنىڭ پايتەختى پارىژ شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئېفىر مۇنارى يېنىدىكى چوڭ مەيداندا خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.

0:00 / 0:00

ھەر يىلى، بىرلا ۋاقىتتا 5 دۆلەتتە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بۇ نامايىشنىڭ بەشىنچى نۆۋەتلىكى بۇ يىل 13-ئۆكتەبىر كۈنى ئىسپانىيىنىڭ پايتەختى مادرىد، بېلگىيىنىڭ پايتەختى بريۇسسېل، ئىتالىيىنىڭ پايتەختى رىم، گېرمانىيىنىڭ پايتەختى بېرلىن ۋە فرانسىيىنىڭ پايتەختى پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشنىڭ پارىژدىكىسىگە فرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىمۇ قاتناشتى. ئەركىنلىك نامايىشىغا پارىژدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تىبەت، ۋيېتنام، دېموكرات خىتاي ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى ئوز ئىچىگە ئالغان 13 تەشكىلاتتىن 300 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان.

پارىژ شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېفىر مۇنارى يېنىدىكى چوڭ مەيداندا خىتايغا قارشى نامايىش قىلىۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2012-يىلى 13-ئۆكتەبىر، فرانسىيە.
پارىژ شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېفىر مۇنارى يېنىدىكى چوڭ مەيداندا خىتايغا قارشى نامايىش قىلىۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2012-يىلى 13-ئۆكتەبىر، فرانسىيە. (RFA/Erkin Tarim)

ھەرقايسى تەشكىلات مەسئۇللىرى نامايىشتا مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرىشىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ بېسىم سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. نامايىش جەريانىدا ھەرقايسى مىللەتلەر ئۆز مەسىلىلىرى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىپ ئۆتكەن.