ئەخمەت دۇران بۇلۇت تاشقى ئىشلار مىنىستىرىدىن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە سوئال سورىدى

تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى ئەخمەت دۇران بۇلۇت ئەپەندى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتوغلۇغا مەخسۇس خەت يېزىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى ھەققىدە سوئال سورىدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2011.12.27
ahmet-duran-bulut-305.jpg پارلامېنت ئەزاسى ئەخمەت دۇران بۇلۇت ئەپەندى. 2011-يىلى دېكابىر، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

تۈركىيە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىدىن كېلىپ چىققان پارلامېنت ئەزاسى ئەخمەت دۇران بۇلۇت ئەپەندى خېتىنى مۇنداق باشلىغان:
شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىزغا خىتاي ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى ھەققىدە سوئال، تۈركىيە پارلامېنتىغا: تۆۋەندىكى سوئاللارغا تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتوغلۇنىڭ جاۋاب بېرىشىنى ئۆتۈنۈپ سورايمىز. شەرقىي تۈركىستان قەدىمدىن تارتىپ تۈركلەرنىڭ ئاتا ۋەتىنى بولۇپ كەلگەن زېمىن. ئەمما بۈگۈنكى كۈندە خىتاينىڭ ئىشغالى ئاستىدا. نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز ئۆز ۋەتىنىدە زۇلۇم ئاستىدا ياشىماقتا. ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ ئۆز ۋەتىنىدە ئەركىن ياشاش ھەققى بارلىقى قوبۇل قىلىنغان بۈگۈنكى كۈندە خىتاي دۆلىتى شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا زۇلۇم قىلماقتا. يېقىندىن بېرى خىتاي دۆلىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تارىخى جايلارنى ۋە مەسچىتلەرنى چېقىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر چىقىشقا باشلىدى.

  1. تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن خىتاي دۆلىتىگە نېمىلەرنى دەۋاتىدۇ؟
  2. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمىز شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مېلى ۋە جېنىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن نېمە تەدبىرلەرنى ئالماقتا؟
  3. ھەقسىزلىك بىلەن تۇتۇلۇپ تۈرمىگە تاشلانغان كىشىلەر ۋە تۈرمىدە يېتىۋاتقانلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يول مېڭىۋاتامدۇ؟
  4. خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى، تۈرمىلەردىكى تەن جازاسىنى توختىتىش ئۈچۈن تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى نېمە خىزمەتلەرنى قىلماقتا؟

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتوغلۇغا يېزىلغان بۇ خەت 6-دېكابىر كۈنى يېزىلغان بولۇپ، تۈركىيە قانۇنى بويىچە جاۋاب يېزىلىشى كېرەك. بۇ خەتكە جاۋاب كەلدىمۇ؟ بۇ خەتنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نېمە پايدىسى بار؟ مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى پارلامېنت ئەزاسى ئەخمەت دۇران بۇلۇت ئەپەندى ئۇيغۇرلار ھەققىدە يەنە نېمە خىزمەتلەرنى قىلدى؟ بۇ ھەقتە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.