پىچاندا تۇتقۇن: قوش تىللىق مائارىپقا قارشى تۇرغان بىر تۈركۈم ياشلار قولغا ئېلىنغان

تۈنۈگۈن ئۇيغۇر ئېلىدىن ئوتتۇرا ئاسىياغا تىجارەت ئۈچۈن چىققان بىر ئۇيغۇر، تۇرپاننىڭ پىچان ناھىيىسىدە 22 ئوقۇتقۇچىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات يەتكۈزدى. بىز بۇ مەلۇماتقا ئاساسەن، پىچان ناھىيىلىك ئالاقىدار ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدىن ئەھۋال ئىگىلىدۇق.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﯚﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.04.14
دائىرىلەر دەسلەپ ئەھۋالنى يوشۇردى، بىز ئەھۋالنىڭ چەتئەلگە تارقىلىپ بولغانلىقىنى بىلدۈرگىنىمىزدە، تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ 4 كىشى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى ۋە بۇلاردىن بىرىنىڭ پىچان ناھىيىلىك 1 ‏ - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مالىيە بۆلۈم خادىمى غالىپ ھەبىبۇللا ئىكەنلىكىنى، قالغان ئۈچىنىڭ پىچاندىكى باشقا ساھەنىڭ كىشىلىرى ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. دائىرىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، غالىپ ھەبىبۇللا قاتارلىق كىشىلەر پىچان ناھىيە بازىرى ۋە لۈكچۈن يېزىسىدا، قوش تىللىق مائارىپقا قارشى تۇرۇش ۋە دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇش مەزمۇنىدىكى ئەكسىيەتچى تەشۋىقات ۋارىقى تارقاتقانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغان.

پىچان ساقچى ئىدارىسى ئەھۋالنى ئېتىراپ قىلدى

بىز پىچان ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىدىن مەزكۇر تۇتقۇنلار ھەققىدە ئەھۋال ئىگىلىگىمىزدە، مەسئۇل خادىم ئەھۋالنى ئىنكار قىلمىدى. پەقەت مەسىلىنىڭ داۋاملىق تەكشۈرۈلىۋاتقانلىقى ۋە ھازىرچە ئاشكارىلىيالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىزگە ئەھۋالنى ئىنكاس قىلغان تىجارەتچى تۇتقۇن قىلىشنىڭ ئىككى ھەپتىنىڭ ئالدىدا يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. پىچان ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ بىر مەسئۇلى، تۇتقۇن قىلىشنىڭ بۇ يىل 1 ‏ - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا يۈز بەرگەنلىكىنى، غالىپ ھەبىبۇللاھ قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ھېلىھەم تۈرمىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مائارىپ ئەمەلدارىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۇرپاندا نۆۋەتتە جەمئىي 71 ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ بولۇپ، بۇلارنىڭ %80 نى ئۇيغۇرچە مەكتەپلەر تەشكىل قىلىدۇ. پىچاندا قوش تىللىق مائارىپ تۈزۈمىنى ئىجرا قىلىش 2004 ‏ - يىلى باشلانغان. نۆۋەتتە، مەخسۇس قوش تىللىق مائارىپ مەكتىپى ئېچىشنىڭ شارائىتى تېخى پىشىپ يېتىلمىگەن بولغاچقا، قوش تىللىق مائارىپ سىنىپى ئېچىلغان. دۆلەت قوش تىللىق مائارىپ شارائىتىنى تېز يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن، پىچانغا مەخسۇس 500 مىڭ سوم خىراجەت ئاجراتقان، ھازىر پىچاندا قوش تىللىق مائارىپ سىنىپىدىن 91 سى بار بولۇپ، بۇ ئومۇمى سىنىپ سانىنىڭ % 7 تەشكىل قىلىدۇ. دۆلەتنىڭ قوش تىللىق مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش سۈرئىتى نۆۋەتتە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى زىيالىيلارنى جىددىي ئەندىشىگە سالماقتا. پىچاندا قوش تىللىق مائارىپقا قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بارغان غالىپ ھەبىبۇللا، بۇ يىل 31 ياش بولۇپ، شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن.

نارازىلىق يالغۇز قوش تىللىق مائارىپقىلا ئەمەس

بىزگە كەلگەن ئىنكاستا، غالىپ ھەبىبۇللا قاتارلىق ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تەشۋىقات ۋاراقلىرىدا قوش تىللىق مائارىپقا قارشى شۇئاردىن باشقا يەنە، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ يېرىنى ئىگىلىۋېلىش مەسىلىسى، پىچاندا 300 نەپەر ئۇيغۇر قىزىنىڭ جېجياڭ ئۆلكىسىگە يۆتكىلىشىگە قارشى نارازىلىق ۋە " بىزگە ئولىمپىك كېرەك ئەمەس، ئەركىنلىك كېرەك" قاتارلىق شۇئارلار بارلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. دائىرىلەر، ئەكسىيەتچى تەشۋىقات دەپ قارىغان تەشۋىقات ماتېرىياللىرىنىڭ تەپسىلىي مەزمۇنىنى بايان قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى.

ئۇيغۇر رايونىنىڭ پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەن، 2 ‏ - ئاينىڭ ئالدىدا خوڭكوڭدىكى سۇمرۇغ تېلېۋىزىيە قانىلىدا قىلغان سۆزىدە، ئۇيغۇر ئېلىدە قوش تىللىق مائارىپنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارغا بالا ۋاقتىدىن باشلاپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئېڭىنى سىڭدۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەم قوش تىللىق مائارىپنىڭ غايىسىنى شىنجاڭنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك مۇقىملىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش دەپ كۆرسەتكەن ئىدى. ئۇ يەنە، قوش تىللىق مائارىپنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە 20 يىلدىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدە مۇقىمسىزلىق ئامىللىرىنىڭ تۈگەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئەمما ئۈزلۈكسىز ئاشكارىلىنىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرى، ئۇيغۇر ئېلىدە مۇقىمسىزلىق ئامىللىرىنى تۈگىتىشنىڭ ۋاڭ لېچۈەننىڭ تەخمىن قىلغىنىدەك ئاسان ئىش ئەمەسلىكىنى كۆرسەتمەكتە.

بىزگە بۈگۈن پىچاندىكى تۇتقۇنلار ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن تىجارەتچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۇرپان شەھىرىنىڭ يار يېزىسىدا، بىر تۈركۈم مۇستەقىللىق كۈچلىرى، ئالدىنقى ئايدا يېزىلىق ساقچى پونكىتىغا ھۇجۇم قىلغان. بۇ سەۋەبتىن ئەركىن قاھار قاتارلىق 16 ياش قولغا ئېلىنغان. بىز بۇندىن كېيىن پروگىراممىلىرىمىزدا بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىشكە تىرىشىمىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.