60 - يىللاردا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇپ-شىمالىغا كەڭ تارقالغان شەرقى تۈركىستان خەلق ئىنقىلابى پارتىيىسى جاي-جايلاردا جىددى ھەرىكەتكە كىلىپ قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە تەييارلىق قىلغان بولسىمۇ، ئەمما مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن بۇ ھەركەت خىتاي ھۆكۈمىتىگە پاش بولۇپ قېلىپ، نەچچە ئون مىڭلىغان كىشىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇشۇرۇن قورشاپ تۇتقۇن قىلىشىغا دۇچار بولغان ئىدى.
شۇ قېتىمقى زور كۆلەملىك تۇتقىندا شەرقى تۈركىستان خەلق ئىنقىلابى پارتىيىسى قەشقەر شۆبىسىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى ئاخۇنوپ ۋە مىجىت سىلىڭنىڭ باشچىلىقىدا قورشاۋنى بۆسۈپ چىقىپ، ئاتۇشنىڭ قارا جۇل يېزىسىدا توپلانغان ئىدى. ئۇلار بۇ يەردە خىتاي ئارمىيىسى بىلەن قوراللىق توقۇنۇشۇپ، تارىخ بېتىدە ئاخۇنۇپ ۋە مىجىت سىلىڭ ۋەقەسى دەپ ئاتالغان بىر قېتىملىق قەھرىمانلىق تارىخىنى ياتارتقان ئىدى.
ھازىر شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ھاجى ئابدۇرىشىت كېرىمى شۇ قېتىمقى ۋەقەنىڭ قاتناشچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، خىتاي ئارمىيىسىگە ئەسىرگە چۈشۈپ، 15 يىللىق ھاياتىنى تۈرمىدە ئۆتكۈزگەن شۇ ۋەقەنىڭ بىردىن – بىر تىرىك شاھىتىدۇر. بۇ پېشقەدەم ئىنقىلابچى يېقىندا شۇ قېتىمقى ۋەقە ھەققىدىكى ئەسلىمىسىنى "قارا جۇلدىكى جەڭ" دېگەن نامدا كىتاب قىلىپ يېزىپ چىقىپ، نەشىرىياتقا تاپشۇردى.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن شۋېتسىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز يالقۇن مەزكۇر كىتابنىڭ ئاپتورى ھاجى ئابدۇرىشىت كېرىمى ئەپەندىنى زىيارەت قىلدى.