قاراقاش ناھىيىسىدە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۇزۇن كۆينەك ۋە ئاق دوپپا كىيىشى چەكلەنگەن

قاراقاش ناھىيىسىدىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپ مەسئۇلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خوتەندە 23 ‏ - مارت نامايىشى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئاتىزىم تەربىيىسى يەنىمۇ كۈچەيتىلگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﯚﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.06.04
 ئىلگىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ناماز ئوقۇشى، روزى تۇتۇشى، ئائىلىۋى دىنىي مەكتەپلەرگە بېرىشى چەكلەنگەن بولسا، نۆۋەتتە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىنىي تۈس بېرىپ قويۇش ئېھتىمالى بولغان كىيىم - كېچەكلىرىنى كىيىشىمۇ چەكلەنگەن.

مەكتەپ 23 ‏ - مارت نامايىشىدىن كېيىنكى كىيىم - كېچەك تۈزۈمىدە قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆينەك ئېتىكىنىڭ تىزىدىن 5 سانتىمېتىردىن ئارتۇق تۆۋەن بولماسلىقى ، ئوغۇللارنىڭ بېشىغا ئاق دوپپا كىيمەسلىكى بەلگىلەنگەن. بۇ تۈزۈمگە خىلاپلىق قىلغان 48 قىز ئوقۇغۇچى ۋە 13 ئوغۇل ئوقۇغۇچىنىڭ تەنقىدى تەربىيە ئارقىلىق كىيىم - كېچىكى ئۆزگەرتىلگەن.

بىز مەزكۇر مەكتەپ مەسئۇلى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئىگىلىشىمىزچە، دىنىي تۈس ئالغانلا ئەمەس، بىر قىسىم مىللىي سىمىۋوللار نەقىشلەنگەن كىيىم - كېچەكلەرمۇ چەكلەنگەن.

مەكتەپ مەسئۇلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى دىنىي تۈس ئالغان كىيىم - كېچەكلەرنى چەكلەش ھەققىدە ھۆججەت چۈشۈرگەن. چەكلىمىنىڭ ئۆلچەم ۋە شەكلىنى مەكتەپ مەسئۇللىرى بەلگىلىگەن.

ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئىسلامىي كىملىكنىڭ كۈچىيىشى خىتاينى ئەندىشىگە سالسا، بۇ كىملىككە قارىتا بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنى ئەندىشىگە سالماقتا.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى ئىسلامىي كىملىكتىن ئۇزاقلاشتۇرۇش قىلمىشىنى خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ دەپ ئەيىبلىدى ۋە ئۆزىنىڭ قاراقاش ناھىيىسىدە 3 ئۆسمۈرگە قاماق جازاسى بېرىلگەنلىك مەسىلىسى ھەققىدە ب د ت نىڭ ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى بالىلار ھوقۇقى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ئامال سىددىقى ئەپەندىگە خەت يازغانلىقىنى بىلدۈردى. خەتتە، مەزكۇر كومىتېتنىڭ خوتەندە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى چاقىرىلغان. 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.